ئوتتۇرىدىكى ئەنگىن ئەر ئوغلى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى پارلامېنت گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى
ئۇيغۇر پوچتىسى، 13-دېكابىر
ھەبىبۇللا ئىزچى
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 2025-يىللىق خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ، خىتاي خىرىستىيالىرى، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە فالىنگۇڭ مۇرىتلىرىغا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىپلەپ، خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە رېئايە قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بۇ باياتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنىڭ 21-ماددىسىغا ئاساسەن، ئىتتىپاقنىڭ تاشقى ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىرىنسىپلارنى، جۈملىدىن «ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئايرىلماسلىقى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھۆرمەت قىلىش، باراۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق پىرىنسىپلىرى» نى قايتا تەكىتلەپ، تۈرمىدىكى دوختۇر گۈلشەن ئابباس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسانىڭ ئاكىسى يالقۇن ئەيسا، ئىنىسى خۇشتار ئەيسا ۋە ستۇدېنت كامىلە ۋاھىت قاتارلىق 50 كە يېقىن تۇتقۇننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر باياناتىدا، ئۆتكەن بىر يىلدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى، 2025-يىلى ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 25-نۆۋەتلىك ياۋرۇپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا، شۇنداقلا ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ 59- ۋە 60-نۆۋەتلىك يىغىنلىرىدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي ئەھۋالىدا ھېچقانداق ماھىيەتلىك ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىز بارلىق ئىنسان ھەقلىرى، پۇقرالىق، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلارنى قوللايمىز ھەمدە خىتاي ئىمزا قويغان خەلقئارا ئەھدىنامە، پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھوقۇقلار توغرىسىدىكى خەلقارا پىرىنسىپ ۋە ب. د. ت ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيمىز. شۇنداقلا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا بولغان سىستېمىلىق ۋە قاتتىق چەكلىمىلەردىن، جۈملىدىن مائارىپ ساھەسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ چەكلىمىلەر مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىشىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باھالاش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشەنچلىك دوكلاتلاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى زۇلۇملىرى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن بولغان ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ دوكلاتلاردا دىنىي پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە كونترول قىلىش، دىنىي مۇئەسسەلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە مەجبۇرىي ياتاقلىق مەكتەپلەرنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ مەكتەپلەردە تىبەت بالىلىرى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئاساسلىقى خىتاي تىلىدا تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە دۆلەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەش پىلانلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىشقا، جازالارنى تەكشۈرۈش ۋە دېلولارنى دوكلات قىلىش ئۈچۈن قاتتىق ۋە ئاشكارا تەرتىپلەرنى قوللىنىشقا ۋە ئاخىرىدا بۇ قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەتنى بىكار قىلىشقا چاقىرىدۇ. بىز ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار، ئادۋۇكاتلار، ژۇرنالىستلار ۋە ئاساسىي ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلغانلىقى ياكى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن باستۇرۇشقا دۇچ كەلگەن بارلىق كىشىلەر بىلەن قەتئىي بىر تەرەپتە تۇرىمىز. خىتايدا ئۆز پىكرىنى بىلدۈرگەن شەخسلەر داۋاملىق بېسىمغا ئۇچراش، قورقۇتۇلۇش، تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراش، چەكلىنىش، ئۆيىدە رېجىمغا ئېلىنىش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇش، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاينى قانۇننىڭ نوپۇزىنى ساقلاشقا ۋە ھەممەيلەن ئۈچۈن ئادىل سوت ۋە قانۇنىي تەرتىپكە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە قارىتىلغان بېسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش ۋە باشقا ئىنسانىيەتكە خىلاپ مۇئامىلىلەرگە دائىر ئەيىبلەشلەرگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك، بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بارلىق تۇتۇپ تۇرۇلغانلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىنى تاللىيالايدىغان، يېتەرلىك داۋالىنىشقا ئېرىشەلەيدىغان ۋە تۇغقانلىرى بىلەن دائىم ئالاقىلىشالايدىغان بولۇشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە تەرتىپلىرى مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش ياكى نازارەت ئاستىدا ئائىلىسىدىن، جەمئىيەتتىن ئايرېۋېتىش قاتارلىقلارنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ بىر شەكلى دەپ باھالىغان. قىيناش، ناچار مۇئامىلە قىلىش ۋە مەجبۇرىي ياكى تېلېۋىزىيەدە ئىقرار قىلدۇرۇش خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ ۋە پۈتۈنلەي يوقىتىلىشى كېرەك.»
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى مەزكۇر باياناتتا گۈلشەن ئابباس، ئانيا سېڭدرا، ئەكپەر ئەسەت، چادرېل رىنپوچى، راھىلە داۋۇت، خۇشتار ئەيسا، يالقۇن ئەيسا، تاش دورجې، تاشپولات تىيپ، ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىلخام توختى، كامىلە ۋاھتلارنىڭ مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتايدىكى سۆز ئەركىنلىكى، تاراتقۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى بۇ ئەركىنلىكلەرنىڭ جاۋابكارلىق ۋە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ياۋرۇپا ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ باياناتتا يەنە: «خىتايدا تورنى كەڭ كۆلەمدە كونترول قىلىش، رەقەملىك سۇپىلارنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈش ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى رەسمىي بايانلارغا ماسلىشىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ژۇرنالىستلار، باشقا تاراتقۇ خىزمەتچىلىرى ۋە بىلوگچىلار كەسپىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈنلا قورقۇتۇش، نازارەت قىلىش، قولغا ئېلىش، ئەيىبلەش ۋە قاتتىق جازالاشلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ژۇرنالىستلار چەت ئەللىك ھەمكارلاشقۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سۆھبەتداشلار بىلەن ئۆچ ئېلىشتىن قورقمىغان ھالدا ئەركىن كۆرۈشەلىشى كېرەك. چەت ئەللىك مۇخبىرلارمۇ بېسىم، نازارەت قىلىش، خەۋەر قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ۋىزا ئېنىقسىزلىقى قاتارلىق چەكلىمە مۇھىتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ قەتئىي توختۇتۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنى سۆز ئەركىنلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
