فېۋرال 14, 2026
تۇرپاندىن يېڭى بايقالغان قەدىمكى يادىكارلىقلارنى  بېيجىڭدا «تەتقىق» ۋە كۆرگەزمە قىلماقتا

ئۇيغۇر پوچتىسى، 12-فېۋرال

يېقىندا خىتاي تاراتقۇلىرى تۇرپان شەھىرىدىكى «بادام شەرقىي قەبرىستانلىقى»دىن قېزىۋېلىنغان بىر يۈرۈش ئارخېئولوگىيەلىك بويۇملارنى، جۇملىدىن بىر دانە ياغاچ كارىۋاتنى بېيجىڭغا يۆتكەپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى تەجرىبىخانىلاردا ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇنى «مۇھىم بايقاش» دەپ سۈپەتلىگەن.

يادىكارلىقلارنىڭ ئورنىدىن يۆتكىلىشى

ختاينىڭ خەلق گېزىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدىن چىققان قىممەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملارنىڭ  شۇ يەردە ئەمەس، بەلكى بېيجىڭدىكى تەجرىبىخانىلاردا ئىلان قىلغان.

 بۇ، يادىكارلىقلارنىڭ ئەسلى ئورنى ۋە مۇھىتىدىن ئايرىپ تاشلىنىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدا «قايتا تەسۋىرلىنىشى»گە يول ئاچىدۇ.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى تۇرسۇنجان ئۇيغۇر پوچتىسىغا مۇنداق دىدى:

«خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئارخېئولوگىيەلىك پائالىيەتلىرى پەن-تېخنىكىلىق تەتقىقاتتىن بەكرەك، سىياسىي تەشۋىقاتقا خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلغان. خىتاي ”پەن-تېخنىكا ئارخېئولوگىيەسى“ نامىدا، رايوندىكى بارلىق قەدىمىي بايقاشلارنى ئۆزىنىڭ ”بىر گەۋدە“ نەزەرىيەسىگە تىرەك قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تارىخىي پاكىتلارنى تاللاپ ئىشلىتىش ياكى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، يادىكارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مەدەنىيىتىگە بولغان مەنسۇبىيىتى سىستېمىلىق ھالدا ئىنكار قىلىنىپ، تارىخىي ھەقىقەت سىياسىي غەرەزنىڭ سايىسىدە قالدۇرۇلماقتا.ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيەسى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغان بىر پەيتتە، تۇرپان ۋە باشقا رايونلاردىن چىققان بايقاشلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قاراش، خەلقئارالىق مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.»


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ