ئۇيغۇر پوچتىسى، 2-مارت

تەييارلىغۇچى: تايىر ئىمىن

يېقىندا خىتاي ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى تىموتى ئا. گروۋس (Timothy A. Grose) «خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا نەزەر» (China Leadership Monitor) ناملىق ژۇرنالدا «ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ سىستېمىلىق يوشۇرۇن تاكتىكىسى: خىتاينىڭ يېڭى بىر ‹يېڭى تېررىتورىيە›بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كونكرېت سىياسەتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى ئانالىز قىلىپ، بۇنىڭ ئادەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ئارقىلىق «ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش» ۋە «بۇ زېمىننى مەخسۇس خىتايچە كىملىك بىلەن قايتا خەرىتىلەش»نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى›نىڭ تاقىلىشى بىلەن، تاراتقۇلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان دىققىتى سۇسلىشىپلا قالماي، يەنە ‹ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان دۆلەت زوراۋانلىقى ئاخىرلاشتى›، دەيدىغان بىر خىل خەتەرلىك خاتا چۈشەنچە شەكىللەندى. ئەمەلىيەتتە بولسا، پارتىيە-دۆلەتنىڭ باستۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرى بۇ رايوندا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ئوچۇق مەنبەلىك ماتېرىياللار، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت دوكلاتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئۇچۇر سۇپىلىرى (ئۈندىدار سۇپىلىرى) ۋە  كادىرلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بۇ ماقالە، قىسقا مۇددەتلىك قاماقنىڭ ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازالىرىنىڭ ئىگىلىگەنلىكىنى، ئاتالمىش ‹ياتاقلىق مەكتەپ› سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلىلىرىدىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۇۋېتىۋاتقانلىقىنى ۋە نۇپۇسنى تارقاقلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىلىرىنىڭ يۈز مىڭلىغان كىشىنى ئۆز يۇرتىدىن سىستېمىلىق يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ سىياسەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا بولغان باغلىنىشىنى سۇسلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى خىتايچە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ۋە بۇ تېررىتورىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك قىياپىتىنى پۈتۈنلەي خىتايچە قىلىپ ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. »

ئاپتور يەنە مۇنداق يازغان:

«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۆزىنىڭ ‹شىنجاڭغا ئالاقىدار تارىخىي مەسىلىلەر› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا، شىنجاڭنىڭ ‹قەدىمدىن تارتىپ› كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر بىللە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن  ھەم ئىزچىل ‹خىتاي تېررىتورىيەسى›نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 13 مىللەتنىڭ ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. بۇ ئاددىيلاشتۇرۇلغان بايانلار، خىتاينىڭ بۇ رايون بىلەن ئىزچىل ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە بىر ئويدۇرما توقۇپ چىقىش ئۈچۈن، مۇرەككەپ ۋە تالاش-تارتىشلىق تارىخىي جەريانلارنى ئ‍ۆز مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇپ، سۈزۈپ ئىشلىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. »

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ بايانلار مەزكۇر مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارغا زىچ توپلانغانلىقىدەك پاكىتقا سەل قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ‹شىيۈ› (غەربىي يۇرت) ۋە ‹شىنجاڭ› (يېڭى تېررىتورىيە) — رايوننىڭ ئەڭ يېقىنقى تارىخىدا، يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تېڭىلغان نام — تەرىقىسىدىكى پەقەت خىتايچە ئاتالغۇلارنىڭلا ئىشلىتىلىشى، يەرلىك جاي ناملىرىنى رەسمىي ھالدا ئۆچۈرۈشكە ۋە بۇ يەرلىك جاي ناملىرى ياراتقان ئالاھىدە ماكان تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ يوققا چىقىشىغا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، ئاق تاشلىق كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىي ئاھالىلىك دەۋاسىغا زەربە بېرىپ، پارتىيە-دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىچىلىك  لايىھەسىنى تىل جەھەتتىن تىرەپ تۇرىدىغان ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

گەرچە خىتاينىڭ رەسمىي بايانلىرىدا شىنجاڭ تارىختىن بۇيان كۆپ مىللەتلىك رايون، خەلقى بولسا خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئەزەلدىن بىر گەۋدە دەپ كۆرسىتىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر كىملىكى — يەرلىك تارىخ، زېمىن بىلەن بولغان قويۇق رىشتە ۋە كوللېكتىپ تۇرمۇش ئارقىلىق، ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخىي جەرياندا شەكىللەنگەن ۋە تەدرىجى مۇكەممەللەشكەن.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇ يەرلىك قۇرۇلمىلارنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ۋە شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن كىملىكلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشماقتا. گەرچە لاگېرلار «تاقالغان» بولسىمۇ، پارتىيە-دۆلەت تۈركۈملەپ قاماش، ئاسسىمىلياتسىيەچى ئاتالمىش ‹ياتاقلىق مەكتەپلەر› ۋە دۆلەت تەشكىللىگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىش (تارقاقلاشتۇرۇش) تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ كۆزگە بەك چېلىقمايدىغان، ئەمما تېخىمۇ يوشۇرۇن ھەم سىستىمىلىق بولغان ئىدارە قىلىش مېخانىزملىرى — ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن مەھرۇم قىلىشقا بەل باغلىغان ئەتراپلىق مۇستەملىكىچىلىك لايىھەسىدۇر.

ئاپتور يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان «زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش»، ئەۋلادلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان «بالىلارنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ئىقتىسادىي ئاساسىنى ۋەيران قىلىدىغان «مەجبۇرىي ئەمگەك» سىياسەتلىرىنىڭ نىشانى، كۆلىمى ۋە تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

ئاپتور ئاخىرىدا مۇنداق خۇلاسە چىقارغان:

2025-يىلى 23-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە، رايوندىكى ئەمەلدارلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (XUAR) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى رەسمىي تەبرىكلىدى، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە شى جىنپىڭمۇ قاتناشتى، بۇ خىتاي ئالىي رەھبىرىنىڭ مەزكۇر خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىدۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر ژۇرنىلىدا 24-سېنتەبىر خۇلاسىلەپ ئېلان قىلغان نۇتقىدا، شى جىنپىڭنىڭ پۇقرالارنى ‹شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە› ئۈندىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بۇ بايانلار قارىماققا ناھايىتى نورمال بىر نۇتۇقتەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتىكى سىياسەتلەر نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى پارتىيە-دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىچىلىك مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. شى تىلغا ئالغان كۆڭۈلدىكىدەك «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»، ئۇنىڭ ئۆز سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، تېخى «قۇرۇلۇشى» كېرەك بولغان بىر نىشاندۇر. بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىغا ئوخشاشلا، مىللەت قۇرۇشمۇ يېڭى ئۇل سېلىشتىن بۇرۇن مەيداننى تازىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.  تۈركۈملەپ قاماش، ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەر ۋە ئەمگەك يۆتكەش تۈرلىرى — ئىلگىرى ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىك پىلانلىرىدا ئۇزۇندىن بېرى قوللىنىلىپ كەلگەن ئىستراتېگىيەلەر بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاپ، خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى بىر ئۇلغا جاي بوشىتىشقا خىزمەت قىلىدۇ. فىرانسىيەنىڭ سابىق مۇستەملىكىلەر مىنىستىرى جاك ستېرن تەسۋىرلىگەن ‹ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ سىستېمىلىق يوشۇرۇن تاكتىكىسى› كۈندىلىك خەۋەرلەرنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى ۋەيران قىلغۇچ دەرىجىدە مەڭگۈلۈك بولىدۇ.

ئاپتور ھەققىدە: 

تىموتى ئا. گروۋس (Timothy A. Grose) روس-خۇلمان تېخنىكا ئىنستىتۇتى خىتاي تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى. ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى مىللىي كىملىك ۋە ئىدارە قىلىش مەسىلىلىرىگە ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى «خىتاي ژۇرنىلى» (The China Journal)، «مىللىي ۋە ئىرق تەتقىقاتى» (Ethnic and Racial Studies) ۋە «خاۋ» (Hau) قاتارلىق دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.

ئۇنىڭ تۇنجى كىتابى «خىتايدىكى <ئايرىلماسلىق> دەۋاسى ئۈستىدە مۇنازىرە» (Negotiating Inseparability in China، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2019) 2020-يىللىق مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى «ئەڭ ياخشى كىتاب مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنىدىغان «شىنجاڭدا كۆچمەن ئولتۇراقلاشتۇرۇش» (Settling Xinjiang، ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى) ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ قانداق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، يەرلىك خەلقنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇلۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىشىغا قانداق شارائىت يارىتىلىۋاتقانلىقى ۋە زامانىۋى ‹كۆچمەن-مۇستەملىكىچىلىك› قۇرۇلۇشىنىڭ قانداق مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كرىزىس ھەققىدىكى ئاممىۋى ئوبزورلىرى «ChinaFile»، «تاشقى سىياسەت» (Foreign Policy)، «دىپلومات» (The Diplomat) ۋە «SupChina» قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ