يانۋار 28, 2026

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا ئىشلىرى مەسئۇلى قۇتەيبە ئىدلبى تېلېۋىزىيە قانىلىغا مۇنداق دېگەن: «ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي ئالاقە كەلمىدى. بىزگە رەسمىي تەلەپ يەتكەندە، بىز ئالاقىدار رەسمىي مەيدانىمىزنى ئېلان قىلىمىز.»

2026- يىلى 24-يانۋار

سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، چەتئەللىك جەڭچىلەر سۈرىيە ئارمىيەسىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سۈرىيە زېمىنىدىن پايدىلىنىپ خىتاي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توسىدىغانلىقى توغرىسىدا خىتايغا كاپالەت بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سۈرىيە ھۆكۈمىتى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ (AFP) «سۈرىيە ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ» دېگەن خەۋىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۈندىلىك مەتبۇئات يىغىنىدا، باياناتچى گو جىياكۈن سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە ئائىت سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئىراق رۇداۋ تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى سۈرىيەنىڭ ئۇيغۇر «جىھادچىلىرىنى» خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسدا  سورىدى.  ئۇ سۇئالىدا، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى قۇتەيبە ئىدلبى ئىلگىرى خىتاينىڭ  ئۇيغۇرلارنى  خىتايغا قايتۇرۇش ھەققىدە تېخى رەسمىي تەلەپ قويمىغانلىقىنى، ئەگەر شۇنداق تەلەپ بولسا، سۈرىيەنىڭ مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گو جىياكۇن بۇ ھەقتە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ خىتاي تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تىزىملىكىدە بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۈرىيەنىڭ ھەرقانداق گۇرۇپپىنىڭ ئۆز زېمىنىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىققا ۋەدە بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆز تور بېتىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئېلان قىلدى:

ئىراق رۇداۋ تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى:  سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى قۇتەيبە ئىدلبى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر «جىھادچىلىرىنى» خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە تېخى رەسمىي تەلەپ قويمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەگەر خىتاي شۇنداق تەلەپتە بولسا، سۈرىيە مۇناسىپ ھالدا ئىنكاس قايتۇرىدىكەن. باياناتچىنىڭ بۇنىڭغا بولغان باھاسى نېمە؟

گو جىياكۇن: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» خىتاي قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلغان ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تىزىملىككە ئېلىنغان تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. سۈرىيە ھەرقانداق كۈچنىڭ سۈرىيە زېمىنىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىققا ۋەدە بەردى.

رۇداۋ تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا ئىشلىرى مەسئۇلى قۇتەيبە ئىدلبى تېلېۋىزىيە قانىلىغا مۇنداق دېگەن: «ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي ئالاقە كەلمىدى. بىزگە رەسمىي تەلەپ يەتكەندە، بىز ئالاقىدار رەسمىي مەيدانىمىزنى ئېلان قىلىمىز.»

2024-يىلى دېكابىردا، ھازىر تارقىتىۋېتىلگەن «ھەيئەت تەھرىرىشام» (HTS) باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر سۈرىيە مۇستەبىتى بەششار ئەسەدنى تەختتىن چۈشۈردى. 2025-يىلى يانۋاردا ئەھمەد ئەل-شەرائا ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىققا تەيىنلەندى.

ئەسەد يىقىلغاندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى مىڭلىغان چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەلقئارانىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسىگە ئايلاندى.   بېيجىڭ تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان، كۆپىنچىسى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP) گە مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر جەڭچىلەر سۈرىيەنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ئارمىيەسىگە، ئاساسلىقى ئىدلىب ئۆلكىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.  ئامېرىكىنىڭ ماقۇللىقىدىن كېيىن، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ۋە باشقا چەتئەللىك سوقۇشچىلار تارقىتىۋېتىلىپ، ئەزالىرى سۈرىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قوبۇل قىلىندى .ئۇلارنىڭ رەھبىرى ئابدۇلئەزىز داۋۇد خۇدابەردى 84-دىۋىزىيەنىڭ بىرىگادا گېنېراللىقىغا تەيىنلەندى.

ئەنگلىيەگە جايلاشقان سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش مەركىزىنىڭ (SOHR) 2025-يىللىق دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، يېڭى قۇرۇلغان 84-دىۋىزىيە تەركىبىدە 3500 دىن 4000 غىچە ئۇيغۇر جەڭچى بار بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنى قوشقاندا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 15 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading