Zulhayat Otkur, Commentator نىڭ يازمىلىرى

زۇلھايات ئۆتكۈر — ئۇيغۇر پوچتىسى ئوبزورچىسى، مەدەنىيەت ئىزناسى سەھىپىسىنىڭ مەسئۇلى
زۇلھايات ئۆتكۈر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئىنگلىز تىلى فاكولتېتىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە تەرجىمانلىق ۋە مۇھەررىرلىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 2003-يىلى چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن ، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى كەسپى بويىچە ماگېستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە شىۋېت تىللىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە فولكلورىغا ئائىت كۆپ ساندا كىتاب، ئىلمىي ماقالە ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، خەلقىمىزگە سۇنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئائىت تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان. ئىزچىل تۈردە خەلقئارالىق سېمىنارىيە ۋە تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە.
ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلىرىدىن «سەيياھلار ئىزىدىن»، «تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى يۇڭ گىلەملەر ھەققىدە»، «لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك چۈشەنچىسىگە ئانتروپولوگىيەلىك نەزەر»، «ئۈژمە دەرىخىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئورنى» ۋە «پەرىجە ۋە تەلپەكنىڭ سىرى» قاتارلىقلار بار.
2022-يىل 3-ئايدىن، 2025-يىل 5-ئايغىچە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى»نىڭ تەكلىپلىك ئوبزورچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلايدىغان ۋە خىتاي سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىدىغان كۈچلۈك ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئۇندىن باشقا ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت ۋە چەت ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللار ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى خەلقىمىزگە سۇنۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ئېڭىنى تىكلەش ۋە ئۇيغۇر روھىنى ياشنىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە.
Zulhayat Ötkür is a cultural analyst and editor at Uyghur Post. She studied English in Ürümchi and later earned a master’s degree in Cultural Anthropology abroad. She has published books, articles, and translations on Uyghur culture and folklore in several languages and has contributed to international research projects on Uyghur heritage. From 2022 to 2025, she served as a guest commentator for Radio Free Asia, focusing on cultural erasure in Uyghur homeland.
