يانۋار 28, 2026

 

— خىتاي جاسۇسلىرى ئاددىي تېخنىكا ۋە ئاز مىقداردىكى ئادەم كۈچى نازارىتى ئارقىلىق Anthropic شىركىتىنىڭ Claude Code سىستېمىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلانغان. 

نۇرى تۈركەل 

ئۆتكەن يىلى سىنتەبىردە، خىتتاي ھۆكۈمىتى قوللايدىغان بىر تەھدىت گۇرۇپپىسى تور بېخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى يىللاردىن بېرى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم بىر بوسۇغىدىن ھالقىپ ئۆتتى. Anthropic نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ھۇجۇمچىلار شىركەتنىڭ Claude Code ناملىق سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنى كونترول قىلىپ، ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان تۇنجى كەڭ كۆلەملىك جاسۇسلۇق مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارغان. دوكلاتتا «يۇقىرى ئىشەنچ» بىلەن بۇ ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا خىتتاينىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان.

سۈنئىي ئەقىل ئاخبارات توپلاشتىن سانلىق مەلۇماتلارنى سۈزۈپ چىقىشقىچە بولغان تاكتىكىلىق مەشغۇلاتلارنىڭ %80 تىن %90 كىچە بولغان قىسمىنى مۇستەقىل تاماملىغان. بۇ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىكى تەخمىنەن 30 ئورۇننى نىشانلىغان بولۇپ، Anthropic شىركىتى «چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قىلىنغان بىر قانچە قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ كىرىش» ۋەقەسىنى دەلىللىگەن.

Anthropic تەرىپىدىن GTG-1002 دەپ نام بېرىلگەن بۇ تەھدىت گۇرۇپپىسى، بېيجىڭنىڭ ئاخبارات توپلاش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىلنى ئىشقا سالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا بۇنىڭغا تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرمىسا، بۇ ئاپتوماتلاشقان تور ھۇجۇملىرىنىڭ تۇنجى باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. سۈنئىي ئىدراك تۇنجى قېتىم بۇنداق كەڭ كۆلەمدىكى  تور ھۇجۇمىغا پەقەت ياردەم قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلدى.

ئەنئەنىۋى تور جاسۇسلۇقى ئاخبارات توپلاش، سىستېما خەرىتىسىنى سىزىش، بوشلۇقلارنى ئېنىقلاش ۋە سىستېما ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن چوڭ گۇرۇپپىلارنىڭ خىزمەت قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بىر قېتملىق مۇرەككەپ ھۇجۇم ئۈچۈن كۈنلەر ياكى ھەپتىلەر كېتىشى مۇمكىن. ھالبۇكى خىتاي سۈنئىي ئەقىل ئاپتوماتلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ ۋاقىتنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. ھۇجۇمچىلار Claude نى مۇستەقىل تور ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە يېتەكلىگەن. سۈنئىي ئەقىل ئىچكى سىستېمىلارنى خەرىتىلەپ، قىممەتلىك مۈلۈكلەرنى ئېنىقلىغان ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى تارتىپ چىقىرىپ ۋە ئۇچۇرلارنى خۇلاسىلەپ، مەشغۇلاتچىلارنىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنغان.

ھۇجۇمچىلار ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش (social engineering) ئۇسۇلى ئارقىلىق Claude نىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ئايلىنىپ ئۆتكەن، يەنى، ئۆزلىرىنى سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقان ھوقۇقلۇق قانۇنىي تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى قىلىپ كۆرسىتىپ، سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنى ئالدىغان. ئۇلار زىيانلىق ۋەزىپىلەرنى ئادەتتىكى بىخەتەرلىك خىزمىتى سۈپىتىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق، Claude نى تېخىمۇ كەڭ بولغان دۈشمەنلىك مۇددىئاسىنى سەزمىگەن ھالدا ھۇجۇم ئامىللىرىنى ئىجرا قىلىشقا ئازدۇرغان.

بۇ جەرياندا مۇھىم بىر چەكلىمە ئوتتۇرىغا چىققان: Claude بىر قىسىم بايقاشلارنى كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكەن ۋە نەتىجىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغان. مەسىلەن، دەلىللەنمىگەن كىملىك ئۇچۇرلىرىنى مەلۇم قىلغان ياكى ئاشكارە ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن مۇھىم بايقاشلار دەپ كۆرسەتكەن. سۈنئىي ئەقىلنىڭ بۇنداق «ساختىپەزلىك» مەسىلىسى تولۇق مۇستەقىل تور ھۇجۇملىرى ئۈچۈن يەنىلا زور بىر توسالغۇ بولۇپ قالماقتا — ھېچ بولمىغاندا ھازىرچە شۇنداق.

ئەڭ جەلپ قىلارلىقى، خىتاينىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق بولمىغانلىقىدۇر. GTG-1002 ئەڭ ئىلغار زىيانلىق يۇمشاق دېتاللارغا ياكى قىممەت باھالىق شەخسىي قوراللارغا تايانمىغان. ئۇلار «Model Context Protocol» مۇلازىمېتىرلىرى ئارقىلىق ئادەتتىكى ئوچۇق مەنبەلىك سىناق قوراللىرىنى ئىشلەتكەن. بېيجىڭ پەقەت قورال ساندۇقىنىلا يېڭىلاپ قالماستىن، بەلكى ئەنئەنىۋىي قول مەشغۇلاتىنىڭ ئورنىغا «قۇراشتۇرۇش لىنىيەسى» تىپىدىكى مەشغۇلارنى قوللانغان. ئىلگىرى پەقەت بايلىقى مول بولغان ئىستىخبارات ئورگانلىرىغىلا خاس بولغان ئىقتىدارلارنى ئەمدى كىچىك تىپتىكى گۇرۇپپىلارمۇ ئادەتتىكى تېخنىكىلار ئارقىلىق ئىشلىتەلەيدىغان بولغان.

بۇ ھەم تېخىمۇ چوڭقۇر بىر ئىستراتېگىيەلىك ھالەتنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. خىتاي سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق جاسۇسلۇق قىلىۋاتىدۇ ۋە ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىۋاتىدۇ. بېيجىڭ ئامېرىكا مودېللىرىنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، قەيەردە مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى قانداق كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلماقتا. ھەر بىر زىيانلىق سوئال خىتاي سىستېمىلىرى ئۈچۈن مەشىق ماتېرىيالىغا ئايلانماقتا.

Anthropic شىركىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلاپ، ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بۇنداق ئېنىقلىق ساھەدىكى ئۆلچەمگە ئايلىنىشى كېرەك. ئەمما بۇ قېتىمقى ئاشكارىلاش تېخىمۇ چوڭ بىر مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەردى: نۆۋەتتىكى قوغداش تەدبىرلىرى ماشىنا سۈرئىتىدە ھەرىكەت قىلىدىغان دۈشمەنلىك ھۇجۇملىرى ئۈچۈن لايىھەلەنمىگەن.

تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى جىددىي ۋە ئېنىق بولۇشى كېرەك. سۈنئىي ئەقىلدىن ناتوغرا پايدىلىنىشنى پەقەت بىر تار دائىرىدىكى تور مەسىلىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ؛ ئۇ ھازىر خىتتاي بىلەن بولغان تېخىمۇ كەڭ تېخنىكا رىقابىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. مۇنداق بەش خىل تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى زۆرۈر:

بىرىنچىدىن، سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدىكى مۇداپىئە چوقۇم فېدېراتسىيە ئورگانلىرى، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە چوڭ شىركەتلەردە ئۆلچەمگە ئايلىنىشى كېرەك. سۈنئىي ئەقىل غەيرىي ئەھۋاللارنى ھەر ۋاقىت بايقىيالايدۇ ۋە ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ۋاقتىنى سائەتلەردىن مىنۇتلارغا قىسقارتالايدۇ. خىتاي سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمنى تېزلەتكەندە، ئامېرىكامۇ سۈنئىي ئىدراكتىن پايدىلىنىپ مۇداپىئەنى تېزلىتىشى كېرەك.

ئىككىنچىدىن، شىركەتلەر سۈنئىي ئەقىلدىن ناتوغرا پايدىلىنىش ۋەقەلىرىنى 72 سائەت ئىچىدە ئاشكارىلىشى كېرەك. سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى كونترول قىلىنىپ زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا سېلىنغاندا، ھۇجۇم ئۇسۇللىرى، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ مەغلۇب بولۇش ئەھۋاللىرى ۋە ھۇجۇمنى بايقاشقا ياردەم بېرىدىغان ئىسپاتللار قاتارلىق ھالقىلىق تەپسىلاتلارنى ئورتاقلىشىشى كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى «لايىھەدىن باشلاپ بىخەتەر بولۇش» پرىنسىپىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. خۇددى Anthropic نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەندەك، GTG-1002 ئىشلەتكەن تېخنىكا يامرايدۇ. كېيىنكى ئەۋلاد سۈنئىي  ئەقىل مودېللىرى چوقۇم كۈچلۈك كىملىك دەلىللەش ۋە زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىش ھەمدە ئىجتىمائىي ئىنژىنېرلىق ئارقىلىق ئازدۇرۇشتىن مۇداپىئەلىنىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى سۈنئىي ئەقىلگە تايانغان تور مەشغۇلاتلىرىنى باشقۇرىدىغان خەلقئارالىق قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ھازىرقى رامكىلار مۇستەقىل سىستېمىلار بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن تۈزۈلگەن. ناۋادا ۋاشىنگتون بۇ قائىدىلەرنى تۈزمىسە ۋە يىتەكچىلىك قىلمىسا، بېيجىڭ شۇنداق قىلىدۇ.

بەشىنچىدىن، ئامېرىكا چوقۇم تەھدىت ئىستىخباراتلىرىنى ئورتاقلىشىش ئۇسۇلىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى كېرەك. سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلىتىلگەن ھۇجۇملارنىڭ سۈرئىتى بەكلا يۇقۇرى، ئەنئەنىۋى بىيۇروكراتىك ئۇچۇر ئورتاقلىشىش مېخانىزمى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايدۇ. بىزگە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بىر نەچچە ھەپتىدە ئەمەس، بىر نەچچە سائەتتە تارماقلار ئارا دەل ۋاقتىدا ھەمبەھرلىيەلەيدىغان ئاپتوماتلاشقان سىستېمىلار لازىم. 

سۈنئىي ئەقىل باشچىلىقىدىكى تۇنجى تور ھۇجۇمى يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. GTG-1002 نى بىز بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە خۇددى تۇنجى ئىنتېرنېت قۇرتى ياكى تۇنجى گۆرۈگە ئېلىش يۇمشاق دېتالى دولقۇنىنى ئەسلىگەندەك ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. 

تور دۇنياسىدىكى سوغۇق ئۇرۇش ئەمدى رەسمىي ئۇرۇشقا ئايلاندى. قوراللار ئەمدى ئۆزلىكىدىن ئوق چىقىرىۋاتىدۇ. 

مەسىلە دۈشمەنلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشىدا ئەمەس، ئۇلار چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ. مەسىلە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە تېز ھەرىكەت قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىدا.

خىتاي ئۆزىنىڭ يامان غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بولدى. GTG-1002 ئۇنىڭ بۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە بەس – مۇنازىرە قىلىشنى توختىتىپ، ئاللىقاچان يېتىپ كەلگەن توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىشنى باشلىشى كېرەك.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكىلىق ئادۋۇكات بولۇپ، يەر شارى سودا ئۇيغۇنلىقى، ئېكسپورتنى كونترول قىلىش، بايقۇت قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيغۇنلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  ئۇ «قېچىپ قۇتۇلۇش يوق: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.

(مەزكۇر ماقالە ئالاقىدار تەرجىمە ۋە نەشر ھوقۇقى رۇخسىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، «ئۇيغۇر پوچتىسى»دا ئېلان قىلىندى.ئەسلى ماقالىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ؛)


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading