ئۇيغۇر پوچتىسى – ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىسى؛
ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئەھۋالى، كۆز-قاراشلىرى ۋە ئاۋازى ئۈچۈن ئەركىن سەھنە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ۋە دىئاسپوراسى ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە خەلقئارا ئىنكاسلار، مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە ئىقتىساد ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار ۋە قەرەللىك ئانالىزلار ئىلان قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر پوچتىسى كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم خەۋەر، چوڭقۇر تەھلىل ۋە ۋاقتىدا دوكلاتلارنى يەتكۈزىدۇ—بۇلار ئانا يۇرت، يەر شارىدىكى دىئاسپورا ۋە ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەلقئارالىق ئىنكاسلار توغرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شۇنداقلا، بىز تىل، مەدەنىيەت، كۆچمەنلىك ۋە مائارىپقا ئوخشاش يەر شارىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئەھمىيەت بېرىدىغان تېمىلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل ئاۋازى، نۇقتىئىنەزەرلىرى ۋە ھايات تەجرىبىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەركىن ۋە ئوچۇق سۇپا رولىنى ئوينايمىز.
ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ غايىسى: ئۇيغۇر پوچتىسى – ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بىلدۈرۈشنى غايە قىلىدۇ. ئۇيغۇر پوچتىسى – مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىدا كەسپىيلەشكەن، مۇستەقىل ۋە ئىشەنچلىك ئۇيغۇر تىللىق ئاخبارات بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلدى.
ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ قۇرۇلۇشى:
ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئانا يۇرتىدىكى ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلىپلا قالماي، يەنە يەر شارىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىچىدىكى كۆپ خىل ئاۋاز ۋە نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئوچۇق، سېغدۇرۇشچان سۇپا بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ تاراتقۇغا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاددىي، دائىم ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ ئاڭلىنىشى ۋە ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر سۈپەتلىك تاراتقۇ ئاپپاراتىغا ىدۇ ئېھتىياجلىق ئىدى.
كەڭ ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئىشەنچلىك خەۋەر ۋاسىتىلىرىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن، تەستىقلانمىغان ئۇچۇرلار، ئىچكى تالاش-تارتىشلار ۋە خىتاي دۆلىتى قوللىغان يالغان ئۇچۇرلار ئۇچۇر بوشلۇقىنى بارغانسېرى تولدۇرۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقەت، ئەركىن سۆز ۋە ئۇچۇرغا ئىگە ئاممىۋى مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش يولىغا تېخىمۇ توسقۇنلۇق قىلدى.
بۇ جىددىي ئېھتىياجنى تونۇپ يەتكەن ئۇيغۇر تىلشۇناس (تەرجىمان) ۋە تەتقىقاتچى، ئۇزۇن يىللىق باشقۇرغۇچى تاھىر ئىمىن، بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇچۇر ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىي ۋە ئىشەنچلىك ئاۋازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بېغىشلانغان كەسپىي ۋە مۇستەقىل ئۇيغۇر تىلىدىكى مېدىيا سۇپىسى UyghurPost.com نى قۇرۇپ يولغا قويدى.
تەشكىلىي قۇرۇلما: ئۇيغۇر پوچتىسى نۆۋەتتە تېزىملانغان ئورگان نامىدا مەشغۇلات قىلىپ، پايدا ئالمايدىغان ئورگان رەسمىيىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ھىچقانداق سياسى ئورگانغا بېقىنمايدۇ. ئۇيغۇر پوچتىسى مۇستەقىل باشقۇرۇش ۋە تەھرىر ھەيئىتى، مۇخبىر ۋە يازغۇچىلار شۇنداقلا ئوبزورچىلار گۇرۇپپىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇخبىرلار گۇرۇپپىمىز سىياسى پارتىيە-تەشكىلاتلار بىلەن باغلانمايدۇ. نۆۋەتتە، تەشكىلاتىمىز مالىيە جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان باشقۇرغۇچىلار ۋە ئاپتورلار قوشۇنىغا تايىنىدۇ.
تەھرىر ھەيئىتى بىر قانچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شەخسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يازغۇچى، فىلىم ئشلىگۈچى ۋە شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل (باش مۇھەرىر)؛ سابىق ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر (تەھرىرات مەسلىھەتچىسى)؛ تەھرىر ۋە ژۇرنالىست سەلىمە كامال (باشقۇرغۇچى تەھرىر، ئاۋسترالىيە)؛ ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ( مۇھەرىر، نورۋېگىيە،)؛ مۇخبىر ۋە تەھرىر مۇھەممەت ئابدۇمىجىت؛ ۋە تىلشۇناس ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم پاراچ (تۈركىيە، تەھرىر).
تېخىمۇ تولۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ (مۇخبىرلار، دوكلاتچىلار ۋە ئوبزورچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئۇلارنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرۈش ئۈچۈن، تولۇق خىزمەت ئەترىتى بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.
تارقىتىش سۇپىسى: «ئۇيغۇر پوچتىسى» مەزمۇنلىرىنى تور بېكەت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىدۇ. ئۇ يېزىق، سۈرەت، پودكاست (Podcast) ۋە ۋىدېئو (Video) شەكىلدىكى ھەر خىل مەزمۇنلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىدۇ.
ئىنگلىزچە تەرجىمە: «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىئاسپوراغا دائىر خەۋەر-ماقالىلىرى تەرجىمە قىلىنىپ، «ئۇيغۇر تايمىز»غا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا دائىر ئىنگلىزچە تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشقا تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
2025-يىلى، 27-سېنتەبر ۋاشىنگتون
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.

Hi, this is a comment.
To get started with moderating, editing, and deleting comments, please visit the Comments screen in the dashboard.
Commenter avatars come from Gravatar.