يانۋار 15, 2026

ئۇيغۇر پوچىتىسى، 13- يانۋار

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئازاپ- ئۇقۇبەت ۋە ئۈمىدلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىلمىغان ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب مەركىزى نورۋىگىيەدىكى ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن نەشىر قىلىنغان. 

بۇ كىتاب گۇۋاھچىلارنىڭ بىرىنچى شەخس بايانلىرى ئاساسىدىكى بىر يۈرۈش ھەقىقىي پاكىتلىق  خاتىرىلەردىن پۈتكەن. 

كىتاب شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا 1950- يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، بۈگۈنگىچە يۈز بەرگەن ئاتالمىش «يەر ئىسلاھاتى»، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»، «ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈش دولقۇنى»، «غۇلجا قىرغىنچىلىقى»، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ۋە 2014- يىلىدىن كېيىنكى چوڭ باستۇرۇش قاتارلىق زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلار، جۈملىدىن، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي تازىلاشلارنى باشتىن كەچۈرگەن تىرىك شاھىتلارنىڭ بايانلىرىنى ئەسلىمە ۋە پاكت سۈپىتىدە ساقلاش مەقسىتى بىلەن نەشىرگە تەييارلانغان.

كىتاپتىكى گۇۋاھلىقلار ۋەتىنىمزنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، قەھەتچىلىك ئارقىلىق قىرغىن قىلىنغان كىشىلەر، سىياسىي بوھتانلار ئارقىلىق جازالانغان زىيالىيلار، تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەلىرى بىلەن مەجرۇھلانغان ئاياللار، ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنغان ياش قىز- يىگىتلەر ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۇچرىغان زۇلۇم، كەمسىتىش ۋە كونتروللۇقلارنىڭ كۆپ خىل شەكىللىرى ۋە مىساللىرى، داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى يورۇتۇپ بېرىلگەن، شۇ ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «ئېچىش، گۈللەندۈرۈش» شۇئارى ئ‍دستىدىكى ھەقىقىي ماھىيىتى يوۇرۇتۇلغان. 

ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ گۇۋاھلىقلارنى توپلاش جەريانىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى قىيىن ئەھۋالىنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولۇپ، بۇ خىزمەت ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بېرىشىغا يول قويۇشقا ئوخشاش تاكتىكىلىرى سەۋەبىدىن بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ گۇۋاھلىق بېرىشتىن يېنىۋالغان ۋە ھەتتا بەزىلىرى ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغان ماتېرىياللارنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

«ئۇيغۇر پوچتىسى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى: مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنى نەشىر قىلىشنىڭ مەقسىدى پەقەتلا زۇلۇمنى خاتىرىلەش ئەمەس، بەلكى بۇ ئېچىنىشلىق رېئاللىقنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىق، قايتا تەكرارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر؛ بۇ كىتابتىكى گۇۋاھلىقلار كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ساقلىنىپ قېلىشقا تېگىشلىك بىر ۋىجدان خەزىنىسىدۇر. بۇ كىتاپ يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا تىك تۇرۇۋاتقان، لېكىن بارغانسېرى غۇۋالىشىپ مېڭىۋاتقان مىليۇنلىغان ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازىدۇر. ئۈمىدىمىز شۇكى، مەزكۇر كىتاب ئەسىرلىك جاپا- مۇشەققەتنى ئەسلىتىش، ھەمدە بۇ زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى بىر قەدەمگە ئايلانغۇسى؛ ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتابتىن پەقەت ئۆمۈشنىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈننى ۋە كەلگۈسىنمۇ كۆرەلەيدۇ، چۈنكى بۇ قىرغىنچىلىق، بۇ ھېكايىلەر يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.»


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading