مۇھەرىردىن : «ئۇيغۇر پوچتىسى» (Uyghur Post) تورى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ مۇساپىسىنى سىستېمىلىق خاتىرىلەش، ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە ئاۋامغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، تەشكىلاتلارنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسىلىرىنى ئېلان قىلىشنى باشلىدى. بىز ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىپ بارغان مۇھىم پائالىيەتلىرىنى «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئارقىلىق جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ تەشەببۇس تەشكىلاتلار ئارا ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىش، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئۈمىد ۋە رىغبەت بېغىشلاش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۇنتۇلماس تارىخىي ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان.
تۆۋەندىكى ماقالە-«ئۇيغۇر پروجېكت فوندى» تەرىپىدىن تەييارلانغان.
ئۇيغۇر پروجېكت فوندى (ئۇ پ ف) 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىدا تىزىملىتىلىپ قۇرۇلغان بىر «تاپاۋەتسىز تەشكىلات». ئۇ پ ف قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلۇقنىڭ باشقا ئېلېمېنتلىرىنى چەت ئەلدە ساقلاپ قېلىش، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى كۈچلەندۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا پايدىلىق بولغان ھەر خىل پروجېكتلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ چىرىغىنى ياندۇرۇپ تۇرۇش جەھەتتە ھەر خىل ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر پروجېكت فوندى 2025-يىلى قىلغان ئاساسلىق ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
- «ئۇيغۇرلار» تور ژۇرنىلىدىن بەش سان چىقاردى:
https://uyghursfoundation.org/uyghur/category/the-uyghurs-journal
- ئۇ پ ف تارمىقىدىكى «ئۇيغۇر ئاخبارات مەركىزى» ھەر ھەپتىدە كەم دېگەندە ئىككى پارچە ۋىدىيو پىروگراممىسى ئىشلەپ، ئۇلارنى يۇتيۇب، فەيىسبۇك، ئىنستاگرام ۋە ۋاتسئەپ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى. بۇ تۈر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
https://www.youtube.com/@UyghurAxbaratMerkizi, https://www.facebook.com/uyghuraxbarat.merkizi/reels/, https://www.instagram.com/uyghuraxbaratmerkizi/, https://whatsapp.com/channel/0029Va83BTWIyPtWFkED0a1S, https://www.uyghurinfo.org/uyghur/
- ئۇ پ ف ۋە ئۇيغۇر ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئىككى تور بېتىنى ماڭدۇردى، ھەمدە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى ئارقىلىق «kelnur.com» دېگەن توي قىلمىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ لايىق تېپىشىغا ياردەم قىلىدىغان تور بېتىنى ماڭدۇردى. بۇ تۈرلەر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
https://uyghursfoundation.org/,
- ئۇ پ ف ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى 2023-يىلى باشلىغان، چەت ئەلدە ساقلىنىۋاتقان 5000 پارچە ئۇيغۇرچە كىتابنى PDF ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بىر تور كۇتۇپخانىسى قۇرۇپ چىقىش تۈرىگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان بولۇپ، بۇ تۈر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
- ئۇ پ ف 2023-يىلى ۋەتەندە 1990-يىللاردا نەشر قىلىنغان 60 مىڭ سۆزلۈك «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» نى تور لۇغىتىگە ئايلاندۇرۇش تۈرىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىر بۇ تۈرنىڭ 2026-يىلى تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ.
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان «مىڭ سائەتلىك ئۇيغۇرچە ئوچۇق ئاۋاز ئامبىرى» تۈرىگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى. بۇ تۈر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
- ئۇ پ ف نىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن نەشر قىلدۇرغان بىر يۈرۈش بالىلار كىتابىدىكى شېئىر-قوشاقلارنى ئالتە دانە ئۇيغۇر بالىلار ناخشىسى ۋىدىيوسى قىلىپ ئىشلەش تۈرى باشلاندى. بۇ تۈرنى 2026-يىلى تاماملاش پىلانلاندى. بۇ ۋىدىيولار بۇرۇن ۋەتەندە ئىشلەنگەن ماۋۇ ۋىدىيو بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ:
- ئۇ پ ف نىڭ تەشكىللىشىدە 2025-يىلى سۈنئىي ئىدراك ئەقىل ئامبىرىغا ئۇيغۇر كىملىكىنى تونۇتۇش پروجېكتى باشلاندى. بۇ تۈر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
- ئۇ پ ف نىڭ تەشكىللىشىدە 2025-يىلى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ پېشقەدەم يېتەكچىلىرى ۋە ئاكتىپلىرىنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرىدىغان ھۆججەتلىك ۋىدىيو ئىشلەش پروجېكتى باشلاندى. بۇ تۈر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
- ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەييارلىغان «ئېلىپبە» كىتابىدىن 500 دانە باستۇرۇشقا ياردەم قىلدى.
- تۈركىيەدە بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ، تۈركىيەدىكى يەتتە ئائىلىگە ئىزچىل ياردەم قىلىشتا تەشكىللىگۈچىلىك رولىنى ئوينىدى.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
