ئۇيغۇر پوچتىسى، 11-دېكابىر
سۈرەتتە:يەركەندتىكى ئۇيغۇر سەرراچلار، 1875-يىلى
(Forsyth, Sir Thomas Douglas,A Report of A Mission To Yarkund In 1873)
زۇلھايات ئۆتكۈر
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يېقىندا خىتاي تور تەشۋىقاتچىلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامى توغرىسىدا ئىشلەنگەن سىن-فىلىملەرنى كۈچەپ تارقاتماقتا. تەشۋىقاتچىلار قوشۇنىنىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى، دېھقان ياكى كاسىپ تىجارەتچى قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپ ۋە ئوخشىمىغان سالاھىيەتتىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقانلىقى، ئارىدا خىتايلاردىن باشقا يەنە بەلگىلىك نىسبەتتە ئۇيغۇر تەشۋىقاتچىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.
تەشۋىقاتچىلارنىڭ سىن فىلىملىرىدە «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ خىتايچە ئاھاڭ تەرجىمىسى ۋېيۋۇئېر 维吾尔 نى سۆزمۇ سۆز يېشىپ، 维 سۆزى «قوغداش»، 吾 سۆزى «مەن»، 尔 سۆزى«سەن، سىز» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە، قوشۇلۇپ كەلگەندە «ئىتتىپاقلىقنى قوغدىغۇچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ سۆز «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىناقلىقىنى قوغدىغۇچى دېگەنلىكتۇر» دەيدىغان مەزمۇنلار ئاساسىي تېما قىلىنغان. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن خىتايچە خەت ۋە سۆزلەر قەدىمكى خىتاي تىلىغا ئائىت بولۇپ، ھازىرقى زامان خىتاي تىلى ۋە يېزىقىدا ئاللىقاچان ئىستىمالدىن قالغان. ئەگەر تەرجىمىدە بۇ خىل پرىنسىپ ئاساس قىلىنسا، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسمى ۋە يەر-جاي ناملىرىغىمۇ باشقىدىن تەبىر بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
مەزكۇر تەشۋىقاتچىلار ئۆز فىلىملىرىدە يەنە سالاھىيىتىگە ماس كەلمىگەن ھالدا، ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تارىخ ۋە تىلشۇناسلىق ئىلمىدىن سۆز ئېچىپ، خۇددى شاتۇتتەك ئۆزلىرى يادلىۋالغان ئوخشاش بىرقانچە ئېغىز سۆزنى تەكرارلىغان. ئۇلارنىڭ گېپىچە، ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى 1935-يىلدىن كېيىن قوللانغان ئىكەن. «ئۇيغۇرلار تارىختا ئاۋۋال <خۇيخې> (回纥) دەپ ئاتالغان، كېيىنچە <خۇيخۇ> (回鹘) غا ئۆزگەرتىلگەن، <خۇيخۇ> – بىر تۈرلۈك يىرتقۇچ قۇشنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن» دېگەنگە ئوخشاش تومتاق چۈشەندۈرۈشلەرنى كەڭ يايماقتا.
بىر توپ تور تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ قالايمىقان بىلجىرلاشلىرى بىزگە ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە بىر مەھەل تارىخ سەھنىسىدە رول ئالغان كەسپىي تەربىيە كۆرمىگەن «يالاڭ ئاياغ دوختۇر» لارنى ئەسلىتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۆزىنى «شەيئىيلەرنىڭ ماھىيىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ماھىر» دەپ ساناپ كەلگەن. ھالبۇكى تور تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا، ئوخشاش مەزمۇن ۋە كۆزقاراشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن مەلۇمكى، بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سوزۇلغان قارا قولى سايە تاشلاپ تۇرماقتا. شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، تور تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ «ئۇيغۇر» نامىغا بەرگەن چۈشەنچىلىرى پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىلغان مەزمۇنلار بولۇپ، تەشۋىقات نىشانىغا يېتىش ئۈچۈنلا ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلغان خىتاينىڭ ساختا ئويۇنلىرىدىن بىرىدۇر.
ئۇنداقتا، بۇ تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە بولغاندا، ئۇلارنىڭ تەشۋىقات نىشانى زادى نېمىنى مەقسەت قىلغان؟
روشەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىنى زورلاپ تېڭىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش، ئاخىرىدا خىتايلار بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىش، بۇنىڭ بىلەن «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت؛ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، «ئۇيغۇرلارنى ئۈزۈل-كېسىل ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىش ۋە ئۇلار ياشىغان زېمىنلارنى ئۆز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى قىلىۋېلىش»تىن ئىبارەت بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
تەشۋىقاتچىلار بازارغا سېلىۋاتقان چۈشەنچىلەر ئىلگىرى ھېچقانداق تارىخىي ماتېرىيال ياكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا تىلغا ئېلىنمىغان. ھازىرغىچە «ئۇيغۇر» نامىنىڭ ئېتمولوگىيەسى ۋە مەنىسى ھەققىدە تۈرلۈك كۆزقاراشلار بولۇپ، ئورتاق بېكىتىلگەن بىر چۈشەنچە يوق. ئەگەر ئىزاھلاشقا توغرا كەلسىمۇ، خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىى ئاساسىدىكى چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئەمەس، بەلكى «ئۇيغۇر» كەلىمىسىنىڭ سۆز يىلتىزىدىن چىقىش قىلىش كېرەك.
«ئۇيغۇر» دېگەن نام خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ تارىخنامىلىرىدە قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئوخشىمىغان دەۋر ۋە شارائىتلاردا قوللانغان ئاھاڭ تەرجىمىسى 30 خىلدىن ئاشىدۇ، ھەتتا يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا 18 خىل يېزىلغان. ئىلگىرى ئالىملار «ئۇيغۇر» سۆزىگە قارىتا ئېتمولوگىيە جەھەتتىن ۋە مەنە جەھەتتىن ئىككى يۆنىلىش بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىدىن ئىمىن تۇرسۇن، ئەخمەت سۇلايمان قۇتلۇق ۋە غەيرەتجان ئوسمانلار بۇ ھەقتە خېلى ئەتراپلىق ئىزدەنگەن كىشىلەردۇر. سىنولوگ ۋە تارىخچى كوللىن مەكارراسمۇ(Collin Mackerras) «ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى» ناملىق كىتابىدا بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«خۇيخۇ» نامىغا كەلسەك، تارىخچىلار خىتاي تارىخىي ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئىلگىرى تاڭ سۇلالىسى خاتىرىلىرىدە «خۈيخې»( 回纥) دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر نامىنى «شۇڭقاردەك چەبدەس» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان 回鹘 دېگەن خەتكە ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ بايان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 11-ئەسىردە تۈزۈلگەن «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەسىرىدە، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئاغزىدىن بايان قىلىنغان تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ: «ئۇيغۇر- بىرئەلنىڭ ئىسمى…ئۇلارنىڭ قالپاقلىرى لاچىننىڭ قانىتىغا ئوخشايدىكەن…<ئىنەند خۇز خۇرەند> يەنى باشقىلارغا مۇھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن، شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل <خۇزخۇر> دەپ ئاتىلىپتۇ». كېيىن تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى يۈز بېرىپ، «ئۇيغۇر» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولغان ئىكەن .
بۇندىن باشقا «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەردىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەتقىقاتچىلارمۇ مەۋجۇت.
تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئىي ئەپەندى بۇ سۆزنىڭ ھون قەبىلە ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ قەبىلىلەرنىڭ ئىسمىدىكى«غۇر ياكى گۇر» قوشۇمچىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر نامىنىڭ خېلى بۇرۇنقى دەۋرلەردىن- ھونلار دەۋرىدىن باشلاپلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
«ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى كۆزقاراشلار ناھايىتى كۆپ ۋە پەرقلىق بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي مەنبەلىرىدە بىرقەدەر ئومۇملاشقىنى- يېزىلىش تارىخى كېيىنرەك بولغان ئەسەرلەردىن 14-ئەسىردە يېزىلغان «جامىئۇت تەۋارىخ» ۋە 17-ئەسىردە يېزىلغان «شەجەرەئىي تۈرك»تىكى ئوغۇزخان ھەققىدىكى قىسسەلەرنىڭ ئىسلامىي رىۋايىتلىرىدە ئېيتىلغان«ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ مەنىسى «بىرلەشمەك، ئۇيۇشماق» دېگەن تەبىردۇر.
يېقىنقى تەتقىقاتلارغا كۆرە، فولكلورشۇناس ئالىمجان ئىنايەتنىڭ «ئۇيغۇر» نامىنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆزقارىشىنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسى ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى نۇقتىسىدىن قايىل قىلارلىق دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئالىمجان ئىنايەت «<ئۇيغۇر> سۆزى <ئوغۇز، توققۇز ئوغۇز> سۆزى بىلەن ئورتاق يىلتىزغا ئىگە، ھەر ئىككىلا سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى <دەريا> مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان <ئۆگۈز ياكى ئۈگۈز> دىن كېلىپ چىققان» دەپ قارايدۇ ۋە بۇ كۆزقارىشىنى پاكىت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ . <ئۇيغۇر> سۆزىنىڭ بۇ يەردىكى سىمۋوللۇق مەنىسى «كۈچلۈك، قۇدرەتلىك، ئۇلۇغ» دېگەن مەنىدە. بۇندىن باشقا، تۈركولوگ ئەرخان ئايدىن «ئۇيغۇر قاغانلىرى ۋەسىقىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان «<ئۇي> قوشۇمچىسى <ئىزلاش، ئىزلەش> مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ» دەيدىغان قاراشمۇ خېلى ئومۇملاشقان.
گەرچە «ئۇيغۇر» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە كۆزقاراشلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تەشۋىقاتىدا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنكار قىلىنغان ھالدا، شى جېنپىڭ دەۋرىدە ئەۋجىگە چىققان «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» نەيرىڭىنى بازارغا سالىدىغان تەشۋىقاتلار ئۈچۈن بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈلمەكتە. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئىلمىي پاكىتلار ئالدىدا گويا سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكتىنلا ئىبارەت، خالاس.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
