ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ!

مۇستەقىل ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىق خىزمىتى قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ يېڭى بىر ئۇيغۇر ئاۋازى سۈپىتىدە بارلىققا كېلىشى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

«ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە مەلۇماتلارنى ئۇيغۇرلارغا، شۇنداقلا دۇنياغا توغرا ئاڭلىتىش ئارقىلىق، يوقۇلۇش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە كىملىكىمىزنى ساقلايدىغان، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىز كۆلىمىنىڭ زورىيىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مۇھىم بىر ۋاسىتە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خەۋەر تاراتقۇسى قۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس،   بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بىر شارائىتتا مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش جاسارەت ۋە پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ. 

«ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مىللىتىمىز ئۈچۈن ئىشەنچلىك ۋە ھەقىقىي ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىرگە،  «ئۇيغۇر پوچتىسى» دىكى بارلىق پىداكارلارغا چىدامچانلىق، مۇۋەپپىقىيەت ۋە پارلاق كەلگۈسى تىلەيمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى

2025-يىلى 29-نويابىر


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ