فېۋرال 18, 2026

xj.chinanews.com.cn

زۇلھايات ئۆتكۈر

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىن بولغان «ختاي ئاخبارات تورى»نىڭ 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، يېڭىدىن بايقالغان تۇرپان تەۋەسىدىكى بادام شەرقىي قەبرىلەر توپىدىن قېزىۋېلىنغان جەسەت ساندۇقىغا سىزىلغان «تۇلپار» ئات رەسىمىنىڭ ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.

بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىمۇ بەس-بەستە « مەزكۇر« تۇلپار» رەسىمى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي رايوندىكى تەسىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي رايونلارغا بولغان باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ » دەيدىغان كونا سەپسەتىسىنى سۆرەپ چىقماقتا.

شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلغان بۇ ئويۇن، پۈتۈنلەي ئىلمىيلىققا زىت ۋە ئىچى بوش قاپاققا ئوخشايدىغان قۇرۇق سەپسەتىدىن ئىبارەت.

سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، تارىختا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ياشاپ ئۆتكەن قەدىمىي تۇرپان دىيارى تەۋەسىدىن قېزىۋېلىنغان جەسەت ساندۇقىغا سىزىلغان رەڭلىك «تۇلپار» رەسىمىنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى قەدىمكى تۈرك ئېتىقادىغا تۇتىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى چىقىش قىلغان ھالدا ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئالدى بىلەن تارىختا قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى نامىدا تۆت ئەسىردىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن خانلىق تەۋەسىدىكى ئىدىقۇت، يارغول ۋە ئاستانە قاتارلىق شەھەرلەر بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلغان خانلىقلار بەروا قىلغان مەدەنىيەتلەر بولسۇن، تۇرپاننىڭ ئالاھىدە سىياسىي، جۇغراپىيەلىك ۋە دىنىي مەركەزلىك ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن يىپەك يولىدىكى باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ قىسمەن تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما پاكىتلارنى كۆزگە ئىلماستىن ، بىر پۈتۈن زېمىننىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى پەش قىلىش- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۆيلىمەسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تۇلپار ئوبرازى قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان بوزقىر مىللەتلىرى ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىزچىللىققا ۋە چوڭقۇر قاتلامغا ئىگە بىر موتىفدۇر. تۇلپار ئادەتتە ئۇچار ئات ياكى قاناتلىق ئات شەكلىدە تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ، تۈرك ئەپسانە-داسستانلىرىدىن باشقا يەنە يۇنان، پارىس، ھىندى ۋە ئەرەب مىتولوگىيەلىرىدىمۇ يىلتىز تارتقان. خەلق چۆچەكلىرىدە، ھەزرىتى خىزىر ئەلەيھىسسالامدىن قالسىلا، ئۇچار ئات قەھرىمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ۋە ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقالغان. ئۇچار ئات ئوبرازى ئومۇمەن كۈچ ۋە قوغدىغۇچىلىق رولىغا سىمۋول قىلىنغان. بۇ خىل ئوبرازلار ئىچىدە يۇنانلارنىڭ پېگاسۇس تۇلپارى ، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» داستانى ۋە ئالتاي ئەپسانىلىرىدە كۆرۈنمەس قاناتلىق تۇلپار، «دەدە قورقۇت» تىكى سەيرەكنىڭ ئۇچار ئېتى، ئۇيغۇرلارنىڭ «گۆر ئوغلى» داستانىدىكى ئۇچار ئات قاتارلىقلار بۇنىڭغا ئوبدان مىسال بولالايدۇ.

خوش، ئەمدى تۇلپار ئوبرازىنىڭ جەسەت ساندۇقىدا ئەكس ئېتىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرىگە قارىغاندا، بۇ دەۋرنىڭ قەدىمكى تۇرپان دىيارىدا مانى دىنى ۋە بۇددا دىنلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان زامانلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى قىياسلاشقا بولىدۇ. تۈركولوگ ئەمەل ئېسىن (Emel Esin )  بۇ ھەقتە تۈركىي مىللەتلەردە « ئىنسانلارنىڭ جان ئۈزگەندىن كېيىن ئاتنىڭ ياردىمىدە كۆككە كۆتۈرىلىدىغانلىقىنى ، يەنى جەننەتكە سەپەر قىلىدىغانلىقى» غا ئىشىنىشتەك ئېتىقادىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھەتتا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى زامانلاردىن تارتىپلا بوزقىر خەلقلىرىدە ئاتنىڭ كۆك تەڭرى ئېتىقادى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋېتى ھەققىدە تارىخىي يازمىلار ۋە ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلار ھەم مەۋجۇتتۇر. تەتقىقاتچى روكسنىڭ (    Jean-Paul Roux ) تۇرپان ۋەسىقىلىرىدە كۆك رەڭلىك ئاتنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى بايانى بۇ كۆزقارىشىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ بېرىدۇ. شۇڭا جەسەت ساندۇقىغا سىزىلغان كۆك رەڭلىك تۇلپار ئەينى ۋاقىتتىكى يەرلىك خەلقنىڭ قەدىمكى ئېتىقادىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بىر پاكىت دەپ قاراشقا بولىدۇ. گەرچە خىتاي چىلىن ئەپسانىسىدە ئەجدەرھا، ئۆكۈز ۋە كىيىك ئارىسىدىكى بىر ئۇچار مەخلۇق پروتوتىپى مەۋجۇت بولغان بولغان بولسىمۇ ئەمما تۇرپاندىكى قەبرە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى، بۇ ئوبرازنىڭ داۋجىياۋ دىنىدىكى سىمۋوللۇق مەنىسى تۈرك كۈلتۈرىدىكى مەنىسى ئارىسىدا قىلچە ئوخشاشلىق يوق.  

بادام شەرقىي قەبرىلەر توپىدىن بايقالغان «تۇلپار» رەسىمىگە سىنچىلاپ قارىغىنىمىزدا، ئات ھەم كۆكۈش رەڭدە ھەم چىپار ئات قىلىپ سىزىلغان. چىپار ئاتمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

© The Trustees of the British Museum

ئارخېئولوگ ئاۋرېل سىتەيىن تەرىپىدىن خوتەن دەندان ئويلىق خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان، يىل تارىخى 6-8-ئەسىرگىچە بولغان قەدىمكى خوتەنلىك رەسساملار تەرىپىدىن سىزىلغان بىرپارچە ياغاچ تاختا رەسىمى ھازىر بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئىلگىرى خوتەن سىزمىلىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن تەتقىقاتچى يوھاننا ( Joanna Williams) ، بۇ ياغاچ تاختا سىزمىسىدە چىپار ئات مىنگەن چەۋەندازنىڭ ئۇيغۇر ئەپسانىلىرىدىكى يول تەڭرىسى ئوبرازىغا ئاساسەن سىزىپ چىقىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇنجى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بىرى بولغان، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان  ئەسەر «ئىرق بىتىك» تىمۇ كۆپلىگەن چۈش تەبىرلىرى بىۋاسىتە ئاتقا باغلىنىدۇ ۋە «يول تەڭرىسى» دېگەن كەلىمە ئۇچرايدۇ.

دەرۋەقە تۈركىي تىلىدىكى خەلقلەر ناھايىتى ئۇزاق قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان ياراتقان فولكلور ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى «ئوغۇزنامە» ، «ئالپامىش» قاتارلىق ئېپوس ۋە ئەپسانىلەردە چىپار ئاتنىڭ ئوبرازىنى تولىمۇ يۈكسەك ئورۇنغا قويىدۇ. قەھرىمانلار مىنىدىغان ئاتلارنىڭ ھەممىسى شامالدىن تېز ئۇچىدىغان دۇلدۇل ئات تىمسالىدا گەۋدىلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «كەنئان باتۇر» دا، قەھرىماننىڭ ئېتى چىپار بايتالغا باغلىنىدۇ.

11-ئەسىردە قەشقەردە تۇغۇلغان ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەسىرىدە، « قۇش قاناتى بىلەن، يىگىت ئېتى بىلەن داڭ چىقىرار» دېگەن ماقال-تەمسىلنى قالدۇرغان. بۇ نۇقتىدىن ئىچكى ئاسىياغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا ئەپسانىلەردىن باشقا تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىمۇ چىپار ئاتلارنىڭ يېتىشتۈرۈلگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تۈركولوگ ۋە سىنولوگ يوھاننېس ياكوب  مارىيا دېگرۇت (Johannes Jacob Maria de Groot  ) مىلادىيەدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغان دىلار ۋە كۆكتۈرك دەۋرىدە ياشىغان تۈرك قەبىلىلىرىدىن باسمىللارنىڭ بۇ خىل چىپار ئاتلارنى يېتىشتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، تۇرپاندىن تېپىلغان كۆك رەڭلىك چىپار ئات يەنى «تۇلپار» رەسىمىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى دەيدىغان قاراش پۈتۈنلەي ئاساسسىز قاراشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» ئىدېئولوگىيەسى تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىي يىلتىزلىرىنى ئىنكار قىلىش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان يەنە بىر ھىيلىسى خالاس.

 ئەكسىچە، مەزكۇر رەسىم ئەزەلدىن تۇرپان زېمىنىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقنىڭ تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن ئېتىقاد ۋە ئەقىدىلىرى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ۋە دۇنيا قاراشلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ