ئۇيغۇر پوچتىسى 2026-يىلى، 1-مارت
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ياقۇپجان جىلىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ياقۇپجان جىلىلنىڭ خانىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جىددىي ئۇچۇر يوللاپ، يولدىشىنىڭ 24-فېۋرال كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نورۋېگىيەدە تۇرىدىغان ئاكتىپ پائالىيەتچى ئېھسان شۈكران تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ مۇراجىئەتتە، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان:
«مەن يولدىشىم ياقۇپ جىلىل ھەققىدە سىلەرگە مۇراجىئەت قىلۋاتىمەن. يولدىشىم 31 ياشتا، بىز ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدا ئولتۇرىمىز. 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، سەيشەنبە ئەتىگەن سائەت 5 لەر ئەتراپىدا، تۈرك ساقچىلىرى ئۆيىمىزگە كېلىپ، ھېچقانداق سەۋەپ چۈشەندۈرمەستىن يولدىشىمنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئىككى بالام بىلەن يالغۇز قالدىم. بىر بالام 3 ياشتا، يەنە بىرى 7 ئايلىق بوۋاق بولۇپ، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق. يولدىشىم 2026. يىلى 2. ئاينىڭ 26 كۈنى يىرىم كېچىدە تىلفۇن قىپتۇ ۋە ساقچىلارنىڭ ئۈزىنى ئايرېدۇرۇمغا ئىلىپ ماڭغانلىقىنى ۋە ساقچىلار يولدىشىمنى ئېلىپ بېرىپ، « geri göndereceğiz » دۆلىتىڭگە ئەۋەتىمىز دەپ ئېيتىۋاتقانلىقىنى دېدى. يولدىشىمنى بىر تاجىك كىشى بىلەن چاقىرىپتۇ دېگەن خەۋەر بار. بۇ ئىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر ۋە قىيىن بولۇۋاتىدۇ. بالىلىرىم دادىسىز قالماسلىقى ئۈچۈن، قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىغا موھتاجمىز.»
قانۇنىي ياردەم تەلەپ قىلىش
ياقۇپجان جىلىلنىڭ ئائىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن جىددىي ياردەم سورىغان:
«قېرىنداشلار، ئەگەر ئىمكان بولسا، بىزگە قانۇنىي ياردەم، مەسلىھەت ياكى باشقا قانداقلا بولسۇن قوللاش قىلساڭلار، ۋە يولدىشىمنىڭ خىتتايغا ياكى تاجىكىستانغا قايتۇرلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن جىددى ياردەم قىلغان بولساڭلار ناھايىتى مىننەتدار بولاتتىم. بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ كەلگۈسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
«تاجىكىستان لىنىيىسى» ۋە ئۆتمۈشتىكى پاجىئەلەر
بۇ ۋەقە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئەندىشە قوزغىدى. ئىلگىرى تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنى «تاجىكىستان پۇقراسى» دېگەن نام بىلەن تاجىكىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، تاجىكىستاننىڭ بولسا ئۇلارنى خىتتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم.
بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى 2019-يىلى يۈز بەرگەن زىننەتگۈل تۇرسۇن ۋەقەسىدۇر. زىننەتگۈل تۇرسۇن تۈركىيەدە تۇرۇش رەسمىيەتلىرى بولسىمۇ، تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاجىكىستان پۇقراسى دەپ قارىلىپ، زورلاپ تاجىكىستانغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ تاجىكىستانغا بارغان ھامان خىتتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە مۇھاجىرەتتە جەمئىيەتتە كۈچلۈك غوۋغا قوزغىغان ئىدى.
نۆۋەتتە، ياقۇپجان جىلىلنىڭ تەقدىرىمۇ ئوخشاش خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرماقتا.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
