ئۇيغۇر پوچتىسى 11-فېۋرال
تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى ئۇچۇر سۇپىسى (KAP) نىڭ رەسمىي تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى (THY) 2026-يىلى 10-فېۋرال سائەت 15:50:27 دە «يېڭى لىنىيە ئېلانى» ئېلان قىلىپ: «شىركىتىمىز بازار ئەھۋالى ۋە ئىمكانىيەتلەرگە قاراپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىتىشنى باشلاشقا قارار قىلدى» دەپ جاكارلىغان.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ خىتاي كونتروللۇقىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىتىش قارارى — مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قىزىقتۇرۇشى ياكى تەھدىتى ئارقىلىق ۋەتەنگە ساياھەت قىلىشى ۋە بۇ قىلمىشلارنىڭ جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان پەيتىگە توغرا كەلدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئۇزۇندىن بۇيان ساياھەتچىلىك ۋە چەتئەل سودا پائالىيەتلىرىنىڭ، بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى «مۇقىم ۋە گۈللەنگەن» قىلىپ كۆرسىتىشىگە، شۇنداقلا رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن خەلقئارا دىققەتنى باشقا ياققا بۇراشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.
ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» شىركەتلەرنى بۇ خىل جىنايەتلەرنى «پاكىزلاپ كۆرسىتىش»كە ياردەم بېرىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىق قىلغانىدى. مەزكۇر تەشكىلات خەلقئارالىق سودىنىڭ كېڭىيىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى دۇنيا جامائەتچىلىكى نەزىرىدە «نورماللاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ خىل ئىستراتېگىيەنىڭ ئىلگىرىكى بىر مىسالىدا، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ لوندوندىكى چوڭ تىپتىكى ساياھەت يەرمەنكىسىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى»نى تەشۋىق قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغانىدى. ئۇلار بېيجىڭنىڭ ساياھەت تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق رايون ھەققىدە ئالاھىدە تاللانغان «ساختا مەنزىرىلەر»نى كۆرسىتىپ، باستۇرۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ كىشىلەرنى ساياھەتكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بۇ خىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ تەسۋىرلىگەن ھەمدە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ساياھەت نىقابى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
