يانۋار 15, 2026

14-يانۋار

«ئۇيغۇر پوچتىسى» (Uyghur Post) تورى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ مۇساپىسىنى سىستېمىلىق خاتىرىلەش، ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە ئاۋامغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، تەشكىلاتلارنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسىلىرىنى ئېلان قىلىشنى باشلىدى. بىز ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىپ بارغان مۇھىم پائالىيەتلىرىنى «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئارقىلىق جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ تەشەببۇس تەشكىلاتلار ئارا ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىش، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئۈمىد ۋە رىغبەت بېغىشلاش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۇنتۇلماس تارىخىي ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان. 

ئۇنداقتا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» (URAP) نىڭ 2025- يىلى نېمە خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىغا نەزەر سالايلى. 

2025- يىلى ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى (URAP)  ئۈچۈن ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ۋە غەلىبىلىك بىر يىل بولدى. تەشكىلاتنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي ۋە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى بىر قاتار زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

1. كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە M-62 پروگراممىسى

2024- يىلى يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «كاناداغا 10,000 ئۇيغۇر يۆتكەش» (M-62 پىلانى) 2025- يىلى ئۆز مېۋىسىنى بېرىشكە باشلىدى. 2025- يىلى ئاپرېلدىن ئېتىبارەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار كاناداغا يىتىپ كەلدى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ئىزچىل سۆھبەتلىرى نەتىجىسىدە، تايلاند تۈرمىسىدە ئۇزۇن يىل قامالغاندىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن ئامان قالغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر بىخەتەر ھالدا كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

2. ئائىلە جەم بولۇش ۋە ئىدرىس ھەسەننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

ماراكەشتە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىدرىس ھەسەننىڭ ئامېرىكىغا يۆتكىلىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ئالاھىدە خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، ئىدرىس ھەسەن ئائىلىسى ۋە بالىلىرى بىلەن كانادادا جەم بولۇش ھەمدە خاتىرىجەم ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

3. خەلقئارالىق سىياسىي تەسىر ۋە G7 كۈنتەرتىپى

ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسى بىلەن، كانادا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ G7 رىياسەتچىلىك ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» قىلمىشلىرىنى G7 رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى. نەتىجىدە، بارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق ئىمزاسى بىلەن بۇ ھەقتە كۈچلۈك بىر بايانات ئېلان قىلىندى.

4. رەسمىي سالاھىيەت ۋە توختامنامە

2025- يىلى 1- مايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن M-62 پىلانى بويىچە 10,000 ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە رەسمىي ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلات سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىپ، رەسمىي توختامنامە ئىمزالاندى.

5. بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە خىتاينىڭ جازاسىغا جاۋاب

2024- يىلى نويابىردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى باشلىق 12 خادىمغا جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كانادا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى مەزكۇر تەشكىلات ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ كانادا ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.

6. قانۇن لايىھەلىرى ۋە جازا تەدبىرلىرى

  • مەجبۇرىي ئەمگەك: 2025- يىلى ئۆكتەبىردە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» كانادا پارلامېنتىغا سۇنۇلدى.
  • تېخنىكا چەكلىمىسى: ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى تەييارلىغان قانۇنىي دەلىللەرگە ئاساسەن، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا شىركىتى «خىكۋىژىن» (Hikvision) غا جازا ئېلان قىلدى ۋە شىركەتنىڭ كانادادىن چىقىپ كېتىشىگە بۇيرۇق چۈشۈردى.

7. پارلامېنتتىكى قوبۇل قىلىش مۇراسىمى

2025- يىلى 19-نويابىر، كانادا پارلامېنتىدا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە بەش سىياسىي پارتىيەدىن 45 پارلامېنت ئەزاسى، بەش مىنىستىر، ئامېرىكا ۋە تەيۋەن ئەلچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلار قاتناشتى.

8. شەرەپ ۋە مۇكاپات

تەشكىلاتنىڭ ئىجرائ‍ىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەنگلىيە پادىشاھى چارلىس III نىڭ تەختكە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىتىلغان «پادىشاھ چارلىس تاج كىيىش مۇكاپاتى» (King Charles III Coronation Medal) غا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ئۇيغۇر پوچتىسى باشقۇرۇش ھەيئ‍ىتى (مۇدىرىيتى) ئۇيۇشتۇرغان.

نەشرگە تەييارلىغۇچى: تايىر ئىمىن 


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading