دېكابىر 16, 2025
strategic risk

strategic risk-Global AI-China-Uyghur

ئۇيغۇر پوچتىسى، 15-دېكابىر

غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش سېستىمىسىغا چېتىشلىق ئەسلىھەلەر بىلەن ئىز قوغلاش تېخنىكىلىرىنى ياسىغانلىقى ھەققىدىكى دوكلات ئېلان قىلىندى

ستراتىگىيەلىك خېيىم-خەتەر (Strategy Risks) شىركىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى (Human Rights Foundation) بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلان قىلغان دوكلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، MIT، ستانفورد ۋە ئوكسفورد قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرى خىتاينىڭ دۆلەت كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ تەركىۋى بولغان سۈنئىي ئىدراك (AI) تەجرىبىخانىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان؛ بۇ تەتقىقاتلاردا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ قايتا-قايتا ئىشلىتىلگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان.
«ئورتاق تەجرىبىخانا، ئورتاق زىيان» (Shared Labs, Shared Harm) ناملىق بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ختاينىڭ دۆلەت قوللىغان ئىككى سۈنئىي ئىدراك تەجرىبىخانىسى: شاڭخەي سۈنئىي ئىدراك تەتقىقات ئورنى (SAIRI) ۋە جېجياڭ تەجرىبىخانىسى (Zhejiang Lab) نىڭ 2020-يىلدىن بۇيان غەربلىك تەتقىقاتچىلار بىلەن تەخمىنەن 3,000 پارچە ئىلمىي ماقالىنى بىرلىكتە يازغانلىقى خاتىرىلەنگەن. غەربنىڭ قوللىشى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى بىلەن بۇ تەجرىبىخانىلار كۆپ ئوبيېكتلىق ئىز قوغلاش، قەدەم ئۇسۇلىنى تونۇش ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرنى تەكشۈرۈش تېخنىكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ ھەمكارلىقلار ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە ئامېرىكىنىڭ سەزگۈر تېخنىكىلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە يۆتكىلىشىنى قولايلاشتۇرغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئورگانلىرى ۋە NIH خىتاينىڭ نازارەت قىلىش شېرىكلىرىگە مەبلەغ بەرگەن

شاڭخەي سۈنئىي ئىدراك تەتقىقات ئورنى (SAIRI) نى 2020-يىلدىن باشلاپ خىتاي ئېلېكترون تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى (CETC) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىمى لۇ جۈن (Lu Jun) باشقۇرۇپ كەلگەن. بۇ دەل شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇشقا قولاي شارائىت يارىتىپ بەرگەن «بىرلەشمە ھەرىكەت سۇپىسى» (Integrated Joint Operations Platform) ناملىق سۈنئىي ئىدراك ئاساسىدىكى نازارەت قىلىش پروگراممىسىنى قۇرۇپ چىققان ۋە شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن نازارەت قىلىشنى سۈيئستمال قىلدى دەپ قارىلىپ جازالانغان شىركەتتۇر.

SAIRI ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق مائارىپ ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ يۈزلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بو ئورۇنلار ستانفورد، جونس خوپكىنس ۋە UC بېركلېي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
SAIRI يەنە تۆۋەندىكىدەك فوندلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان:
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندى (NSF): ئون ئۈچ قېتىم
ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيەت ئ‍ىنىستىتۇتى (NIH):ئ‍ۈچ قېتىم
دېڭىز ئارمىيە تەتقىقات ئىشخانىسى (ONR): بىر قېتىم
2022-يىلدىكى MIT نىڭ ئوپتىكىلىق باسقۇچ ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ھەمكارلىقى DARPA فوندىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ھەربىي رازۋېدكا ۋە بىئومېترىك كۆزىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تېخنىكا ھىسابلىنىدۇ.
ئەنگلىيە باج تۆلىگۈچىلىرىنىڭ پۇلى بۇ رەسمىي ھەمكارلىققا ئ‍شلىتىلگەن

ئەنگلىيە تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئورگىنى (UK Research and Innovation) بات ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى CAMERA 2.0 پروگراممىسىنى 13 مىليون دوللار بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ پروگراممىدا جېجياڭ تەجرىبىخانىسى (Zhejiang Lab) رەسمىي خەلقئارالىق شېرىك سۈپىتىدە تىزىملىككە ئېلىنغان. جېجياڭ تەجرىبىخانىسى خىتاي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن ۋە ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلاردىن كەم دېگەندە 1.25 مىليارد دوللار مەبلەغ تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئالتە ئورگىنى بىلەن ھەمكارلاشقان.
CAMERA 2.0 تۈرى قەدەم تونۇشقا مەركەزلەشكەن—بۇ تېخنىكا خىتايدا يۈز تونۇش تېخنىكىسى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا شەخسلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان.

ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ چىققان نازارەت قىلىش تېخنىكىلىرى
كارنىگ مېللون ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى مەبلەغ سالغان ئىز قوغلاش تېخنىكىسى: جېجياڭ تەجرىبىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشپ ئېلىپ بېرىلغان كۆپ ئوبيېكتلىق ئىز قوغلاش تەتقىقاتى بولۇپ، NSF ۋە ONR نىڭ مەبلىغىگە ئېرىشكەن، «نامايىشنى كۆزىتىش ۋە ئەقلىي شەھەر ساقچىلىقى» ئۈچۈن « ئادەم زىچ مۇھىتتا كۆپ شەخسنى ئىز قوغلاش» سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
MIT، جونس خوپكىنس ۋە كىملىك پەرقلەندۈرۈش: ئالفا ئىز قوغلىغۇچى (AlphaTracker) سىستېمىسى (2023) بولۇپ، «ئادەم كۆپ ياكى غۇۋا مۇھىتتا شەخسلەرنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش» ئۈچۈن « بەدەن ھالىتىنى مۆلچەرلەش، كۆپ ئوبيېكتلىق ئىز قوغلاش ۋە كىملىك پەرقلەندۈرۈش» ئۇسۇللىرىنى قوللانغان.
ستانفورد ۋە بىئولوگىيەلىك سۈرەتلەش تېخنىكىسى: ستانفورد ۋە SAIRI ھەمكارلىقىدا NIH مەبلىغى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېببىي سۈرەتلەش تېخنىكىسى بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە بۇ تېخنىكىنى «تېببىي دىئاگنوزدىن كېڭەيتىپ، كەڭ كۆلەمدىكى ئادەملەرنىڭ كىملىكىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش»قا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. SAIRI خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ۋە نازارەت قىلىش شىركەتلىرى iFlytek ۋە SenseTime دىن ئىبارەت شىنجاڭدىكى دەپسەندىچىلىكلەر سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقان.
سۈنئىي ئىدراك ئەخلاقى ئورگانلىرى سۈكۈت قىلماقتا
باھالاپ چىقىلغان تەخمىنەن 30 چوڭ سۈنئىي ئىدراك ئەخلاقى مەركىزى ئىچىدە، پەقەت ئىككىسى—ئادا لوۋېلايىس ئېنۇستىتۇتى (Ada Lovelace Institute) ۋە ستانفورد ئ‍نسان مەركەزچىلىكىدىكى سۈنئى ئىدراك مەركىزى—2020-يىلدىن 2025-يىلغىچە خىتاي سۈنئىي ئىدراك دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارا ئەيىبلىگەن. ئوكسفوردنىڭ سۈنئىي ئىدراك ئەخلاقى ئورنى، كامبرىجنىڭ لېۋېرخۇلم مەركىزى ۋە MIT نىڭ كومپيۇتېر ئىلمى ۋە سۈنئىي ئىدراك تەجرىبىخانىسى ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى خىتاي ئورگانلىرى بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلگەن.
يوچۇق
دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «جۇڭگو تەجرىبىخانىلىرى بىۋاسىتە ياردەم پۇلى ئالغۇچىلار قاتارىدا ئاز كۆرىنىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا ھەمكارلىشىپ ماقالە ئېلان قىلىش ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇشتىن بىۋاسىتە پايدا ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.»، «باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ پۇلى بەدلىگە كەلگەن بۇ بىلىملەر خىتاينىڭ باستۇرۇش سېستىمىسىدىكى ئورگانلارغا ئېقىپ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ».
مەزكۇر دوكلات خەلقئارالىق ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئ‍ىنسان ھەقلىرىگە مۇناسۋەتلىك تەكشۈرۈش جەريانى ۋە خەلقئارالىق شېرىكلىكلەرنى تولۇق ئاشكارىلاشنى، سۈنئىي ئىدراك ئورۇنلىرى ئۈچۈن ئەخلاقى مەسئ‍ۇلىيەتلەرنى كېڭەيتىشكە چاقىرىق قىلغان.
Strategy Risks ھەققىدە
Strategy Risks شىركىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خىتايغا ئالاقىدار بولغان سىياسىي-جۇغراپىيە (گىئوسىياسىي) ۋە شىركەت خەۋپ-خەتىرىگە مەخسۇسلاشقان سودا ئاخبارات شىركىتىدۇر. بىز ئىستراتېگىيەلىك خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان شىركەتلەر، پايدىنى مەقسەت قىلمايدىغان تەشكىلاتلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى چوڭقۇر، ئەمەلىيەتچىل دوكلات، چۈشەنچە ۋە تەھلىللەر بىلەن تەمىنلەيمىز.

كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى (Human Rights Foundation) ھەققىدە
كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى (HRF) تەرەپسىز، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قوغدايدۇ؛ بولۇپمۇ يېپىق جەمئىيەتلەرگە (دۆلەتلەرگە) ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

مەزكۇر ئاخبارات باياناتى ”Strategy Risks“ شىركىتىنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلدى.
مەنبەسى:

Global AI Research Partnerships and China’s Rights Abuses


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading