ئۇيغۇر پوچتىسى، 15-يانۋار
5. خەلقئارا قانۇنىي مەجبۇرىيەتلەر بىلەن سىياسىي مەنپەئەت ئوتتۇرىسدا قاپسىلىپ قېلىش
تەيۋەندىكى فۇلبرايت (Fulbright) تەتقىقاتچىسى كىرىستىن ساۋىنو (Christine Savino) ھىندىستان تۈرمىسىدىكى بۇ ئۈچ ئاكا- ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىنى زامانىۋى قانۇن دۆلەتلىرىنى تۈپ پىرىنسىپلارغا يۈزلىنىشىگە مەجبۇر قىلىدىغان كىلاسسىك سىناق، دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ قارىشچە، بۇ دېلونىڭ قانۇنىي جەريانى ئاساسلىق ئۈچ تېمىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇلار: قايتۇرماسلىق پىرىنسىپى، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشنى مەنئى قىلىش ۋە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت.
قايتۇرماسلىق پىرىنسىپى (Non-refoulement): بۇ پىرىنسىپ بىر شەخسنى قىيىن- قىستاق، رەھىمسىزلىك ياكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جازالارغا ئۇچراش خەۋپى بولغان دۆلەتكە مەجبۇرىي قايتۇرۇشنى مەنئى قىلىدۇ. ساۋىنونىڭ تەھلىلىچە، ھىندىستان 1951- يىلىدىكى «مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى»گە ئەزا بولمىسىمۇ، بۇ مەجبۇرىيەتتىن خالىي بولالمايدۇ. چۈنكى بۇ پىرىنسىپ خەلقئارا قانۇن (Customary international law) ۋە ھېچقانداق مۇستەسناسىز ئالىي قانۇنىي كۈچ (Jus cogens) سۈپىتىدە بارلىق دۆلەتلەرنى ئەمەل قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان ئەزا بولغان «پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى» (ICCPR) نىڭ 7- ماددىسىمۇ دۆلەتلەرنىڭ شەخسلەرنى قىيىن- قىستاق خەۋپى بار جايغا قايتۇرۇشىنى ئوچۇق مەنئى قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىكى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى، جازا لاگىرلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى قاتارلىق پاكىتلار بۇ ئۈچ ياش ئۈچۈن خەۋپنىڭ پەقەت بىر پەرەز ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى قانۇن جەھەتتىن تاقالغان بىر يول دەپ قارىلىدۇ. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى مىناكشى گاڭگۇلى (Meenakshi Ganguly) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھىندىستان دائىرىلىرى شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن دەپ بېكىتكەن» دەيدۇ.
ئامېرىكانى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ تېلېفون زىيارىتى ئەسناسىدا بىر تارىخىي پاجىئەنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھىندىستان ئۆزىگە سىغىنغان شىرئەلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بالىنى نىپالغا قايتۇرۇپ بەرگەن، نىپال بولسا ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ بالا ئاخىرىدا خىتاي تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ھىندىستاننىڭ بۇنداق پاجىئەلىك خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى (Right to a Fair Trial) : ھىندىستان «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» (UDHR) گە ئىمزا قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ 11(1)- ماددىسى بويىچە، جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگۈچى ھەر بىر كىشىنىڭ ئوچۇق سوتتا جىنايىتى ئىسپاتلانغۇچە ئەيىبسىزلىك پەرەزى (Presumption of innocence) بويىچە مۇئامىلە كۆرۈش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. ICCPR نىڭ 14- ماددىسىدا «ھەر بىر كىشىنىڭ مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز سوت تەرىپىدىن ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى بارلىقى» ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا « كېچىكتۈرمەسلىك» تەلەپ قىلىنىدۇ. بىراق، بۇ دىلودا مەزكۇر ھوقۇقلار دەسلەپكى قەدەمدىلا دەپسەندە قىلىنغان. بۇ ئۈچ ئاكا- ئۇكا 2013- يىلى تۇتۇلغاندا تەرجىمانسىز سوراق قىلىنغان، ياش خاتىرىلىرى بىر- بىرىگە زىت. ئەڭ ئېغىر مەسىلە شۇكى، ئۇلار جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، «ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى» (PSA) بويىچە سوتسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇش مۇددىتى قايتا- قايتا ئۇزارتىلغان. خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادىل سوت قىلىنماي تۇرۇپ جىنايەتنى ئالدىن پەرەز قىلىش كىشىلەرنى جازالاش ياكى قايتۇرۇشقا ئاساس بولالمايدۇ.
خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشنى مەنئى قىلىش (Prohibition of Arbitrary Detention): كونكرېت بىر ئەيىبلەش بولماي تۇرۇپ نامەلۇم مۇددەتكىچە تۇتۇپ تۇرۇش خەلقئارا قانۇن بويىچە ئوچۇق بىر خىلاپ قىلىشتۇر. ئادۋۇكات لاسسۇنىڭ دېيىشچە، بۇ بىر جازا ئەمەس، بەلكى قانۇنىي ئېنىقسىزلىقنىڭ (Legal uncertainty) جازاغا ئايلىنىپ قېلىشىدۇر. قانۇنشۇناس لاتىف زامان دەۋا بۇ ئۈچ ياشنىڭ 11 يىلدىن (ھازىر 13 يىلغا قەدەم قويدى) ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ب د ت نىڭ ئۆلچەملىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ دەپ قارايدۇ. ئۇ ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىدىكى «دۆلەت سىياسىتىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپلىرى»نىڭ 37- ماددىسىنى مىسال كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىشتا خەلقئارا پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ھىندىستان تېرىتورىيەسىدىكى بارلىق چەتئەللىكلەرنىڭمۇ «باراۋەرلىك ھوقۇقى» ۋە «ياشاش ھوقۇقى» دىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان بۇ ئۈچەيلەننى ئاۋۋال ئەركىنلىككە قويۇپ بېرىشى، پاناھلىق تەلەپ قىلسا پاناھلىق ھوقۇقى (Right to asylum) بېرىشى، ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشىگە بارلىق دىپلوماتىك قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىشى لازىم.
ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى News18 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ، جازا مۇددىتى ئاللىبۇرۇن توشۇپ بولغان بولاتتى» دەپ نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھىندىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاسىم ئابدۇللاھ. (سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلەندى.)
ھىندىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاسىم ئابدۇللاھ: «ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار ئورگانلار ياخشى نىيەتتە بولدى. بىردىنبىر مەسىلە، ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ بۇ ئۈچ كىشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي دەلىللىشىدۇر. بۇ بولمىغۇچە قويۇپ بېرىش قارارى چىقىرالمايدۇ» دەيدۇ. بۇ قاراشنى ھۆكۈمەت تارماقلىرى جەزملەشتۈرسە، ھىندىستاننىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق پوزىتسىيەسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنى ئەركىنلىككە قويۇپ بېرىشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ھىندىستاندا رەسمىي ھالدىكى مۇساپىرلار سىستېمىسى (Refugee system) بولمىغاچقا، ياشلار قويۇپ بېرىلگەن ھامان سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان «كىملىكسىز چەتئەللىك»كە ئايلىنىپ، يېڭى بىر قانۇنىي مۇرەككەپلىك تۇغدۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ مۇرەككەپلىكنى ھىندىستان ئادۇۋكات لاسسسۇ، قانۇنشۇناس لاتىف زامان دەۋا ۋە باشقا مۇتەخەسسىلەرنىڭ تەۋسىيە قىلغىنىدەك، بۇ ئۈچەيلەنگە تىبەتلەرگە ئوخشاش سىياسىي پاناھلىق بېرىش ئارقىلىق ئاسانلا ھەل قىلالىشى مۇمكىن. ساۋىنو ھىندىستاننىڭ تىبەت مۇساپىرلىرىنى قارشى ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇشىنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلە (Discriminatory treatment) دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ھىندىستاننىڭ تىبەتلەرگە ئوچۇق- ئاشكارا پاناھلىق بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە «ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى» باھانىسى بىلەن ئۇلارنى قاماقتا تۇتۇشىنى — ئېنىق بىر قوش ئۆلچەم دەپ باھالايدۇ. لاتىف زامان دەۋا ئەپەندىمۇ بۇ ئۈچ كىشىنى تۈرمىگە قاماش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، بۇ ۋەقە ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم بىر توپلۇققا، يەنى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغان نۇرغۇن مىساللارنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. خەلقئارا قانۇن دىنىي ئېتىقاد ياكى مىللىي كېلىپ چىقىش قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر قانداق كەمسىتىشنى مەنئى قىلىدۇ.
يۇقىرىقى پرىنسىپلارنىڭ بىر دىلودا مۇشۇنچىلىك زىچ گىرەلىشىپ كېتىشى، يەنى دەپسەندە قىلىنىشى بۇ ۋەقەنى ئادەتتىكى بىر كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىن ھالقىتىپ، خەلقئارا قانۇن تەرتىپىنىڭ فۇنكىسىيەسى نۇقتىسىدىن دۇنياۋى بىر مىسالغا ئايلاندۇرغان.
(داۋامى بار)
خەۋەرنىڭ ئالدىنقى قسمى: تەپسىلى خەۋەر: 13 يىلغا سوزۇلغان مەھكۇملۇق، ھىندىستان تۈرمىلىرىدە ئۇنتۇلغان ئۈچ ئۇيغۇر ياشنىڭ تەقدىرى (1)
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
