ئۇيغۇر پوچتىسى

تەييارلىغۇچى:  تايىر ئىمىن 

27-فېۋرال 

«ئىزاھات:  مەزكۇر تەرجىمە- ئامېرىكدىكى چوڭ تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان ۋېلسون تەتقىقات مەركىزى روسيە تەرىپىدىن ئىلان قىلغان مەنبەلەر ئاساسىدا تەييارلىغان (1949-يىلى 27-ئىيۇن ستالىن بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى (ج ك پ) ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى)ناملىق ھۈججەتنىڭ، ستالىن بىلەن ختاي كومپارتىيەسى ۋەكىللىرى ئوتتۇرسدا مۇزاكىرە قىلىنغان 12 تېمىدا سۆھبەتنىڭ 5-تېمىسى يەنى شەرقى تۈركستاننى بېسۋىلىش ھەققىدىكى سۆھبىتىنىڭ ئەينەن تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىدا تۇنجى قېتىم ئىلان قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ستالىن سۆزىدە: « شنجاڭنى ئ‍شغال قىلىشنى كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ» (About Xinjiang. Cde. Stalin said that one should not put off occupation of Xinjiang)دىگەن بولۇپ، ئىنگىلىز تىلىدىكى تەرجىمىسدە « بېسىۋىلىش، ئ‍شغال قىلىش» مەنىسدىكى ( occupation ) سۆزىنى ئ‍شلەتكەن. بۇ روسيە ئارخپلىرىدا ساقلانغان مەزكۇر ھۈججەت ختاينىڭ شەرقى تۈركستاننى بېسۋالغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىل-ئ‍سپاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ختاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئاخباراتلىرىدا، 1949-يىلى 26-ئېيۇندىن 14-ئاۋغۇستقىچە ليۇشاۋچى باشچىلىقىدىكى ختاي كومپارتىيەسى ۋەكىللىرى بىلەن ستالىن ئوتتۇرسدىكى كۆرۈشۈشنى ۋە ئۇنىڭدا ئاتالمىش شنجاڭ مەسلىسنى سۆزلەشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ختاي كومپارتىيسى تارىخ تور بېكىتىدە: « ستالىن شنجاڭغا ئەسكەر كىرگۈزۈشنى كىچىكتۈرمەسلىكنى، بولمىسا ئەنگىلىيەنىڭ ئارىلىشش مۇمكىنچىلىكنى تىلغا ئالدى»دەپ،«ئ‍شغال» سۆزى ئورنىغا، «ئەسكەر كىرگۈزۈش»دەپ ئۆزگەرتكەن ۋە بۇنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان.(在解放新疆问题上,斯大林认为中共不应拖延进军时间,否则会引起英国人的干涉。) بۇ ھۈججەت ئىنگىلىزچە ۋە روسچە بولۇپ، خەلقئارادا ئ‍شلىتىشكە بولىدۇ.بۇ ھۈججەت مەنبەسى، رەسملىرى تۆۋەندە قوشۇپ بىرىلدى.»

ۋېلسون ئىلان قىلغان ھۈججەت بېشى:

1949-يىلى 27-ئىيۇن ستالىن بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى (ج ك پ) ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى

نەقىل: «ستالىن بىلەن ج ك پ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى»، 1949-يىلى 27-ئىيۇن، ۋىلسون مەركىزى رەقەملىك ئارخىپى، APRF: F. 45, Op. 1, D. 329, Ll. 1-7. ئاندرېي لېدوۋىسكىي، رائىسا مىروۋىتسكايا ۋە ۋلادىمىر مىياسنىكوۋلار تەرىپىدىن «سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى» (Sovetsko-Kitaiskie Otnosheniia) ناملىق ئەسەرنىڭ 5-توم، 2-كىتابىدا قايتا بېسىلغان (1946-يىلىدىن 1950-يىلى فېۋرالغىچە؛ موسكۋا: Pamiatniki Istoricheskoi Mysli، 2005-يىلى)، 148-151-بەتلەر. سېرگېي رادچېنكو تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان. https://digitalarchive.wilsoncenter.org/document/113380

قىسقىچە مەزمۇنى: ستالىن ۋە ج ك پ ۋەكىللەر ئۆمىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا بېرىدىغان قەرزى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا ئەۋەتىدىغان مۇتەخەسسىسلىرى، شىنجاڭنى ئىشغال قىلىش ۋە جۇڭگو دېڭىز ئارمىيە فىلوتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئەسلى تىلى: رۇسچە مەزمۇنى: ئىنگلىزچە تەرجىمىسى (ۋىلسون مەركىزى رەقەملىك ئارخىپى)

يولداش ۋ. م. مولوتوۋنىڭ شەخسىي كۆرۈشىگە:  ئى. ۋ. ستالىننىڭ ج ك پ مەركىزى كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا بېرىدىغان كرىدېت قەرزى، سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنى جۇڭگوغا ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا كۆرسىتىدىغان باشقا ياردەملىرى توغرىسىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى.

كۆرۈشۈش 27-ئىيۇن سائەت 23:00 دىن 24:00 گىچە داۋاملاشتى.

كۆرۈشۈشكە قاتناشقۇچىلار: يولداشلار [ۋياچېسلاۋ] مولوتوۋ، [گېئورگى] مالېنكوۋ، [ئاناستاس] مىكويان؛ ليۇ شاۋچى — ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى؛ گاۋ گاڭ — ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا مەركىزى كومىتېت بىيۇروسىنىڭ سېكرېتارى ۋە مانجۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى؛ ۋاڭ جياشياڭ — ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ كارسكىي (شى جې) — تەرجىمان؛ ۋە ئى. ۋ. كوۋالېۋ.

ئۆزئارا سالاملىشىش ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، يولداش ستالىن يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ سالامەتلىكىنى سورىدى.

يولداش ليۇ شاۋچى يولداش ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ خېتىنى تاپشۇردى. خەتتە يولداش ستالىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن جۇڭگوغا كۆرسىتىلگەن زور ياردەملەرگە بولغان مىننەتدارلىقى ئىپادىلەنگەن ھەمدە يولداش ستالىننىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىشى ئۆتۈنۈلگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، يولداش ستالىن ۋەكىللەر ئۆمىكى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا كۆچتى.

……

5. شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا. يولداش ستالىن شىنجاڭنى ئىشغال قىلىشنى كېچىكتۈرمەسلىك كېرەكلىكىنى، كېچىكتۈرۈش ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار ( ئەنگلىيەلىكلەر) مۇسۇلمانلارنى، جۈملىدىن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، كوممۇنىستلارغا قارشى ئىچكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن؛ بۇ بولسا كۆڭۈلسىز ئەھۋالدۇر، چۈنكى شىنجاڭدا جۇڭگو جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مول نېفىت ۋە پاختا بايلىقى بار.

شىنجاڭدىكى خىتاي نوپۇسى 5 پىرسەنتتىن ئاشمايدۇ. شىنجاڭنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، بۇ غايەت زور ھەم باي رايوننى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جۇڭگونىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نىسبىتىنى 30 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش لازىم.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇش مەنپەئەتى ئۈچۈن، بارلىق چېگرا رايونلىرىنى خىتاي نوپۇسى بىلەن تولدۇرۇش زۆرۈر.

يولداش ستالىن يەنە مۇنداق دېدى: «سىلەر ما بۇفاڭنىڭ كۈچىنى زىيادە كۆپتۈرۋىتىېپسلەر. ئۇنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى بار، ئەمما ئۇلارنى زەمبىرەك بىلەن ئاسانلا مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىساڭلار، بىز سىلەرگە 40 دانە قىرغۇچى ئايروپىلان بېرىمىز، بۇ ئايروپىلانلار شۇ ئاتلىق ئەسكەرلەرنى ناھايىتى تېزلا تارمار قىلىشقا ۋە چېچىۋېتىشكە ياردەم بېرىدۇ».

ۋېلسون تەتقىقات مەركىزى ئالاقىدار ھۈججەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ