
سۈرەت مەنبەسى:J. P. Mallory, Victor H. Mair, << The Tarim Mummies : Ancient China and the Mystery of the Earliest Peoples from the West>
زۇلھايات ئۆتكۈر
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي تەشۋىقاتىدا، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ كۇچا، تۇرپان ۋە لوپنۇر رايونلىرىدىن بايقالغان قەدىمىي خارابە قەبرىستانلىقلارنى خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلاپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئەزەلدىن بۇ جايلاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن دەيدىغان ساپسەتىلەر ئەۋج ئالماقتا. ئىلمىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمكى يادىكارلىقلار بىزگە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىنىڭ ئانىمىزىم ۋە ئىپتىدائىي تەبىئەت ئىلاھچىلىقىغا مەنسۇپ بولغان ساددا ماتېرىيالىستىك ھايات ۋە دۇنيا قارىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل دۇنيا قاراشلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر روھىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېتىقادى ۋە ئۆرپ -ئادەت قاراشلىرىنىڭ ئاساسى بولغان روھىيەت كەچمىشلىرى سىڭىپ كەتكەن. قەدىمىي قەبرىلەردىكى دەپنە قىلىش ئادەتلىرى ئەكسىچە ئەينى دەۋردە خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
بولۇپمۇ لوپنۇر رايونىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار بۇ جايدا ياشىغان قوۋملارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتكە ئىگە. قېزىۋېلىنغان بۇيۇملار ئۆز نۆۋىتىدە بۇ رايوندا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئىتىقادچىلىق ئەھۋاللىرىنى ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئوخشىمىغان دەپنە قىلىش ئادەتلىرى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغىنىمىزدا، بۇ خىل ھادىسىلەرنى جىنىسقا تېۋىنىش، ھايۋانلارغا تېۋىنىش، ساننى ئۇلۇغلاش، قۇياش ئەقىدىسى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش ۋە ئەجدادقا تېۋىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىگە باغلاپ تەھلىل قىلىش مۇمكىن. تۆۋەندە تارىم ۋادىسىدىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئۆزگىچە دەپنە قىلىش ئادەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
- ئۈكەككە دەپنە قىلىش
قۇم دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغان 5-نومۇرلۇق قەبرە ياكى ئۆردەك قەبرىستانلىقى دەپ ئاتالغان خارابىلىقتىن 1000 دىن ئارتۇق زور تۈركۈمدە قەبرىلەر بايقالغان بولۇپ، جەسەتلەرنىڭ دەپنە قىلىنىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا، جەسەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن قولۋاق شەكىللىك ئۈكەككە سېلىنىپ دەپنە قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىك ئۈكەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 55 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، كىچىك بىر بوۋاقنىڭ جەسىدى كۆمۈلگەن . قولۋاقلار ئەينى ۋاقىتتا تارىم ۋادىسىدا ياشىغان خەلقلەر ئۈچۈن يالغۇر سۇ قاتناش قورالى بولۇپلا قالماي، بەلكى بېلىقچىلارنىڭ ئۆمۈر بويى شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئەتىۋارلىق بۇيۇمى بولغاچقا ، ھەتتا قەبرىگىمۇ مېيىتنى سېلىپ بىللە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ياكى ئۈكەك شەكلىدە جەسەت ساندۇقى ياساپ دەپنە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
قولۋاققا سېلىپ دەپنە قىلىش ئادىتى يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا لوپلۇقلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك ماسلىشىشچانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. بۇ خىل ئادەت يەنە ئۇلارنىڭ توغراق دەرىخىنى ئۇلۇغلاشتەك ئەقىدىسىنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. لوپلۇقلار توغراقتا «ئىلاھىي روھ ياكى كۈچ» بار دەپ قارايدۇ . ئۇلارنىڭ نەزەرىدە توغراق قەدىم ئەجدادلىرىنىڭ روھىنى قوغداپ تۇراتتى. تا ھازىرچە لوپلۇقلاردا قەبرە بېشىغا توغراق شاخلىرىنى سانجىپ قويىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ .
لوپلۇقلاردىكى ئەر-ئايال ئىش تەقسىماتىدا ئەرلەر بېلىق تۇتۇش ، ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ ، شۇڭلاشقا قولۋاق مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا ئەرلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان. ئائىلە ئىشلىرىنى زېممىسىگە ئالغان ئاياللار تاماق ئېتىش ۋە بېلىق تورى توقۇشتەك ئىشلار بىلەن شۇشۇللىنىدۇ. شۇڭا لوپلۇقلاردا خېمىر ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەڭنە، جاۋۇر قاتارلىق سايمانلار ئاياللىقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. شۇڭلاشقا ئەرلەرنىڭ مازىرىنىڭ ئالدىغا قېيىق تىكلەپ قويۇدىغان، ئاياللارنىڭ مازىرىنىڭ ئالدىغا توغراق ياغىچىدىن ياسالغان تەڭنە قويۇپ قويۇدىغان ئادەتلەر مەۋجۇت . ئەر-ئاياللارنىڭ قەبرىسىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئوبدان بىر چارە ئىدى.
كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر ئىش قۇم دەريا قەبرىستانلىقىدىكى 5-قەبرىدىن كۆپ مىقداردا ئاتنىڭ، قوينىڭ ۋە كالىنىڭ باش سۆڭىكى ياكى كالا قۇيرۇقلىرى بايقالغان. بۇ ئادەت بەزى تۈركىي خەلقلەر ۋە ياۋرو-ئاسىيادىكى باشقا بىر قانچە خەلق ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم. بۇ قۇربانلىقتىن ئېشىپ قالغان سۆڭەكلەر بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياسلاشقا بولىدۇ. 5-نومۇرلۇق ئۆردەك قەبرىستانلىقىدىكى جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە كالا تېرىسى يېپىلىپ ناھايىتى ھىم ئورالغان، كالا تېرىسىنىڭمۇ خۇددى يېڭى سويۇۋېلىنغان ھالەتتىكىدەك مۇكەممەل ھالەتتە ئىكەن. بۇنىڭ لوگىكىسى كالا ياكى باشقا ھايۋانلارنىڭ تېرىسى دەسلەپتە يېڭى ۋاقتىدا يۇمشاق بولۇپ، كېيىنچە قۇرغاق ھاۋا تەسىرىدىن تۇپراق ئاستىدا بارغانچە قېتىشىپ ۋە تارىيىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن جەسەت ناھايىتى ئوبدان قوغدىلىپ ، ھېچقانداق دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىماي ساقلىنىدىكەن. بۇ خىل دەپنە ئادىتىدە، كالا، قوتاز ۋە تۆگىلەر چوڭلۇق ياكى كۈچتۈڭگۈرلۈك جەھەتتە بولسۇن ئالاھىدە سېھرىي كۈچكە ئىگە ھايۋان بولغاچقا، بۇ خىل ھايۋانلارنى بىللە دەپنە قىلغاندا كۆز تېگىشتىن ساقلانغىلى، قەبرىستانلىقنى جىن-شاياتۇنلاردىن قوغدىغىلى بولىدۇ دەيدىغان كۆزقاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھايۋاناتقا تېۋىنىش ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشىغان قەدىمىي مىللەتلەردە بۇ خىل ھايۋاناتقا تېۋىنىش ئادىتىنىڭ ئىزنالىرى تېپىلىدۇ .

سۈرەت مەنبەسى:Etnografiska museet, Sweden
قولۋاققا دەپنە قىلىش يالغۇز تارىم ۋادىسىدىكى بىردىنبىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك ئەمەس، مەسىلەن، قەدىمكى مىسىردىن مۇشۇنداق قەبرىلەر بايقالغان (BC 3000) . شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىمۇ، دېڭىز قاراقچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق قولۋاق شەكىللىك قەبرىلەر مەۋجۇت. ئەگەر قەبرىستانلىقلار بىۋاسىتە دېڭىز ۋە سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، قۇم دەريا قەبرىستانلىقى بىزنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئۆردەك قەبرىستانلىقىدىن يەنە تۆت دانە لاي سۇۋالغان ئۈكەكمۇ تېپىلغان بولۇپ، بۇ ئۈكەكلەر ھايات ۋاقتىدا ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئاياللارنىڭ قەبرىسى ئىدى.
- ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا تەقلىد قىلىنغان ياغاچ تۈۋرۈكلەر ۋە ھەمدەپنە بۇيۇملىرى
ئوخشاشلا قۇم دەريا ۋادىسىدىكى قەبرىستانلىقتا ناھايىتى زىچ قادالغان ئېگىز-ئېگىز توغراق ياغىچىدىن قىلىنغان خادىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ياپىلاق، بەزىلىرى قىرلىق ۋە بەزىلىرى قىزىل رەڭدە سىرلانغان بولۇپ، يىراقتىن ناھايىتى جەزىبىلىك كۆرۈنىدۇ.
تۆپىلىكتە روشەن كۆرۈنىدىغان تۈۋرۈكلەردىن باشقا يەنە،كىشنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۆجىزىلەر يەرنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان ئىدى. ئەسلىدە ھەر بىر تۈۋرۈكنىڭ تېگىگە بىر ئۈكەك كۆمۈلگەن بولۇپ، ئەر جەسەتلەر سېلىنغان قەبرىلەرگە قولۋاق پالىقى شەكىللىك، ئايال جەسەتلەر بار قەبرىلەرگە بولسا سۇ مىناسى ياكى سىگارت شەكىللىك تۈۋرۈكلەر سانچىلغان ئىمىش، تۈۋرۈكلەر ئۈستى توم، ئاستىغا بارغانچە ئىنچىكىلەپ بارغان شەكىلنى ئالغان . ئايال جەسەتلەر سېلىنغان بەزى ئۈكەكلەرنىڭ ئىچىگە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا ئوخشىتىپ ئويۇلغان ياغاچ تاياقلار بىللە دەپنە قىلىنغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ.

ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا ئوخشىتىلغان تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەر ئىككى تىپى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، شۈبھىسىزكى بۇلاردا ئۇلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستى قىسمى قىزىل بويىلىپ،ئۈستىگە يۇڭ ئارغامچا بىلەن بىر باغلام ئوت-چۆپ باغلاپ قويۇلغان.
شۇنداق پەرە زقىلىشقا بولىدۇكى، جىنسىي ئەزالارغا تەقلىد قىلىنغان تۈۋرۈكلەر بولسا ئەينى دەۋردە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا بولغان ئارزۇسىنىڭ تولۇق نامايەندىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىنسانلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى كۆپىيىشكە بولغان ئېھتىرامىنىڭ تەسىرلىك ئىپادىسىنى قىياسلاشقا بولىدۇ.
ئالىملارنىڭ پەرەزلىرىگە ئاساسەن، يەنە بىر جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ جىنىسقا تېۋېنىشىغا سىمۋوللۇق قىلىپ قالماي، بەلكى ناچار كىلىمات شارائىتىدا ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ، نوپۇسنى كۆپەيتىش، بوۋاقلارنى ساقلاپ قېلىش ۋە ھاياتلىققا بولغان تەلپۈنىشىگىمۇ سىمۋوللۇق قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياسلاشقا بولىدۇ.
- نىقاب بىلەن بىرگە دەپنە قىلىش
ھەمدەپنە بۇيۇملىرى قاتارىدا ئادەمنىڭ بەش ئەزاسى مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈپ ئويۇلغان نىقابلار بولۇپ، قىزىل رەڭدە سىرلانغان، بۇرۇن تۆشۈكلىرىدىن چۈلۈك ( يىپ) ئۆتكۈزۈلۈپ، ئېغىزىغا سەككىز دانە نەيچە چىش قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، نىقاپنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇشى مۇمكىن. نىقابنىڭ ئۇزۇنلىقى 9.1 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 6.7 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 4 سانتىمېتىر ، ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بۇرنىنىڭ ئېگىزلىكى 2 سانتىمېتىر كېلىدۇ. نىقاب ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن
ئويۇلغان ۋە بويالغان. كىىشلەرنىڭ يۈز شەكلىنى ئويۇش تېخنىكىسى نىسبەتەن ئاددىي بولسىمۇ ، لېكىن ئاساسەن ئەستىن چىقمايدىغان ھالەتتە.


- ئوقيا بىلەن بىرگە كۆمۈش
لوپنۇر رايونىدىن تېپىلغان قەبرىلەردىكى بەزى جەسەتلەرگە ئوقيا ھەمدەپنە قىلىنغان بولۇپ، 20 قەبرىنىڭ ئىچىدە 15 قەبرىدە ئوقيا تېپىلغان. بۇ خىل ئەھۋال كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر قەبرىگە بىر دانىدىن يا، ئۈچ دانىدىن ئوق قويۇلغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىپتىدائي دىنلاردا «ئوق» ئەرلىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ، «يا» بولسا ئاياللارغا سىمۋول قىلىنغان. بۇ سىرلىق سىمۋوللۇق بىشارەتتىن ئەينى ۋاقىتتىكى لوپ ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىيىشكە بولغان تېۋىنىشىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
- يالغان جەسەتلەر
تارىم ۋادىسىدىن قېزىۋېلىنغان بەزى قەبرىلەرگە ياغاچتىن ياسالغان يالغان جەسەتلەر كۆمۈلگەن ھادىسىلەر ئۇچرايدۇ. ئادەم بەدىنى شەكلى چىقىرىلىپ ياسالغان ياغاچ جەسەتلەر، راست جەسەتلەرگە ئوخشاش شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، يۈز قىسمىغا قىزىل رەڭلىك بوياقتا «x» بەلگىسى قويۇلغان. قىياسلارغا قارىغاندا بەلكىم ئەسلىدىكى راست جەسەت ئۆز ئورنىدا ئەمەس، باشقا يەردە بولۇشى مۇمكىن. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا ئىسلام دىنىدىكى بەزى ئەۋلىيالارنىڭ ياكى شېھىتلارنىڭ مۇشۇنداق يالغان قەبرىلىرى مەۋجۇت ئىكەن.
- جەسەتنىڭ يۈز قىسمىغا چەكمە چېكىش
زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ دەپنە قىلىش ئالاھىدىلىكىدە، ئۆلگۈچىنىڭ يۈزىنى بوياش ۋە چېكىش، كۆزىگە قارا تاش قويۇش، جەسەتنىڭ يۈزىنى تېرە بىلەن

نىقابلاش، جەسەتنىڭ ئاغزىنى ئالتۇن ياپراقچىسى بىلەن يېپىش، بۇرنىغا قىزىل رەڭلىك يۇڭ تىقىپ دەپنە قىلىش قاتارلىق ئۆزگىچە مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ھادىسىلەر باشقا جايلاردىكى قەدىمكى قەبرىلەردە ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
- بەش قات دەپنە قىلىش
چەرچەن رايونىدىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقتىن بىر قانچە يۈز جەسەت بايقالغان بولۇپ، 1985-يىلى ئۇيغۇر ئارخېئولوگ دولقۇن قەمبىرى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بۇ قەبرىستانلىقتىن بەش دانە جەسەتنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە يۇڭ ئەدىيالغا ئورالغان، يېنىغا ئىچىملىك ئىچىدىغان مۈڭگۈز ۋە قوينىڭ باش سۆڭىكى قويۇپ قويۇلغان بوۋاق بالىنىڭ جەسىدى بار. جەسەت قاتمۇقات ئورالغان، بىرىنچى قەۋىتى قومۇش بورا بىلەن ، ئىككىنچى قەۋىتى ئەدىيال بىلەن، ئۈچىنچى قەۋىتى قوڭۇر رەڭلىك كىيىم بىلەن ، تۆتىنچى قەۋىتى يەنە قومۇش شاخلىرى، بەشىنچى قەۋىتى ئات، تۆگە ياكى قوتاز تېرىلىرى بىلەن ئورالغانىدى.
ئىلگىرى لوپنۇر، تارىم رايونلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغان ئۇيغۇرشۇناس پىرژاۋىلىسكىينىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندىمۇ،لوپلىقلاردا ( لوپنۇر، كېرىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادى) 19-ئەسىرلەردە بۇ خىل بەش قات كىيىم بىلەن دەپنە قىلىش ئادىتىگە ئوخشايدىغان دەپنە قىلىش ئادىتى بار ئىكەن. مېيىتنى يۇغاندىن كېيىن، ئاق ماتادىن بەش قات كېپەن كىيگۈزىلەتتىكەن. بىرىنچى قات كېپەن بەلگىچە، قالغانلىرى ئوشۇقىغا كەلگۈدەك ئۇزۇنلۇقتا ئىكەن. قارقۇرچىندا ماتا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرەتلىك كېپەنلەر كەندىردە تىكىلەتتىكەن. ئۆلگەن كىشى ئەر كىشى بولسا بېشىغا ئاق سەللە يۆگەپ، ئايال كىشى بولسا باش ياغلىقى بىلەن يۈزى يېپىپ قويۇلىدىكەن. ئاندىن دۇئالار ئوقۇلۇپ مېيىت سال بىلەن توشۇلۇپ يەرگە كۆمۈلۈپ دەپنە قىلىناتتىكەن. ئەر جەسەت بولسا، قولۋاق تاۋۇتنىڭ ئالدىغا ئۇزۇن خادا قادىلىدۇ، ئايال كىشى بولسا لىچەك يېپىلىدۇ. قۇم دەريا قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان قەبرىلەردە خۇددى چۇچىلىق يوپكىلارغا ئوخشايدىغان يۆگەكلەر بىلەن يۆگەلگەن جەسەتلەر ئۇچرايدۇ. جەسەت ئۈستىدىن يەنە بىرقانچە قات يېپىنچىلار بىلەن يېپىلغان. بۇ تىپىك قاتمۇقات دەپنە قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، قۇمنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن بولسا كېرەك.
تارىم ھاۋزىسىدىكى بۇ خىل دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرى ئېچىپ بەرگەن مەدەنىيەت بولسا شەرقىي ئاسىيادىكى مەدەنىيەت بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، ئەكسىچە غەرب مەدەنىيىتى بىلەن بولغان باغلىنىشى يېقىنراق. دېمەك، يىپەك يولىدىكى برونزا مەدەنىيىتىدىكى كىشىلەر شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەتتىكى بوشلۇقتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان، خۇددى كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدا رول ئوينىغىنىدەك.
ئىزاھات: بۇ ماقالە ئاپتورنىڭ «سەيياھلار ئىزىدىن» كىتابى ئاساسىدا تولۇقلىما كىرگۈزۈلۈپ يېزىلدى.
مەنبەلەر:
- Ötkür,Zulhayat. 2023.Antropolojik Perspektiften Lopnur Uygurlarinin Ekolojik Bilincine Bir Bakiş .10. Milletlerarası Türk Halk Kültürü Kongresi Bildiriler Kitabı
- Kadir, Hebibula 2014. Luobu Ren : Lu Zhou Wen Hua Bian Qian de Ren Lei Xue Yan Jiu-Yi Ka Er Qu Ga Xiang Ge An Wei Li
- ئەنۋەر ھەسەن،«قۇم دەريا قەبرىستانلىقىنىڭ قايتا بايقىلىشى ۋە قېزىشنىڭ تاماملىنىشى»، 65-بەت
- J. P. Mallory, Victor H. Mair, << The Tarim Mummies : Ancient China and the Mystery of the Earliest Peoples from the West>>,2000, p .138
- ئەلى ئەمەت،«ئارخېئولوگىيەلىك بايقالمىلاردىن لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر»، 2011، 68-بەت
- Homayun,Shamim. 2025. Deceptive Sanctity: The Geopolitics of Shrines and Concealed Antiquities In Afghanistan.Cultural Anthropology, Vol. 41, Issue 1, Pp. 82–106.
- Alexander Kolesnikov , << Rus Seyyahlarin Gözüyle Kaşgar XIX. Yüzyılın İkinci Yarısı-XX. Yüzyılın Başı>> (2010) ,p. 128

زۇلھايات ئۆتكۈر — ئۇيغۇر پوچتىسى ئوبزورچىسى، مەدەنىيەت ئىزناسى سەھىپىسىنىڭ مەسئۇلى
2022-يىل 3-ئايدىن، 2025-يىل 5-ئايغىچە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى»نىڭ تەكلىپلىك ئوبزورچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلايدىغان ۋە خىتاي سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىدىغان كۈچلۈك ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئۇندىن باشقا ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت ۋە چەت ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللار ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى خەلقىمىزگە سۇنۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ئېڭىنى تىكلەش ۋە ئۇيغۇر روھىنى ياشنىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
