دېكابىر 9, 2025
Uyghurs in Syria

 

ئىھسان ئۇمۇن 

ئىدلىبنىڭ چاڭ-توزانلىق كوچىلىرىدا، شام نامىزىغا چاقىرغان ئەزان ساداسى ئىچىدە، بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان مۇنداق بىر كۆرۈنۈش زاھىر بولىدۇ: تار مەھەللىلەردە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىۋاتقان قىز-ئوغۇل بالىلار، ئوچاق بېشىدا چاي دەملەۋاتقان ئاياللار، ئۇرۇشلار ئىز قالدۇرغان بىنالاردا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جەڭچىلەر…بۇ كۆرۈنۈش دۇنيا ئۇزۇندىن بېرى چۈشىنىشتە قىينىلىۋاتقان بىر رېئاللىقنىڭ كارتىنىسىدۇر.

غەربنىڭ پوزىتسىيىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئارىسىدا قالغان سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئائىت خەلقارالىق ئىزاھاتلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋھۇملىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 

تەشكىلات ئىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەر

1997-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ھەسەن مەخسۇم تەرىپىدىن قۇرۇلغان. خىتاي خەلقئارادا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسمىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان، ئەمما بۇ تەشكىلات ئۆزىنى بۇنداق ئاتاشنى رەت قىلىپ كەلگەن.

2001-يىلىدىن كىيىن، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئافغانىستانغا بىر تۈركۈم تۈركىي قۇراللىق كۈچلەر كېلىشكە باشلىغان. باشقا تۈركىي قۇراللىق گورۇپپىلاربىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە تەشكىلاتنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەشكىلات رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئىسمىنى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتكەن. تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەھبىرى ئابدۇسسالام تۈركىستانىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەقسىتى ئىسىمنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن بارلىق تۈركىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلىپ كېڭەيتىش بولغان.

2018-يىلىدىن كېيىن، بۇ تەشكىلات سۈرىيەدە قايتا قۇرۇلغان. بۇ جەرياندا تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ سىتراتېگىيىلىك نىشانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن ئۈچ ئاي كېيىن، بۇ تەشكىلات رەسمىي بايانات ئېلانقىلىپ، تەشكىلات نامىنى قايتىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى. 2025-يىلى ئىيۇندا بۇ تەشكىلاتنىڭ قوراللىق ئەزالىرى سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ 84-دىۋىزىيىسى بولۇپ تەشكىللەندى ھەمدە تەشكىلات رەسمى بايانات ئېلان قىلىپ، تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزلىرىنى پەقەت سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى دەپ ئاتىماقتا.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ سۈرىيەدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە يېقىن مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 2011 – يىلدىن كېيىن باشلانغان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەرلىك قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن سۈرىيەگە كەلگەن. يەنى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىسيىسنى سۈرىيەگە تەكلىپ قىلغىنى ئەلقائىدەنىڭ سۈرىيەدىكى قولى نۇسرە فرونتى ئىدى. نۇسرە 2011 – يىلى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ،   2016 – يىلىدىن كىيىن ئەلقائىدەدىن يىراقلىشىپ، ھەيئەت تەھرىر شامغا ئۆزگەرگەن. 

بەزى كۈزەتكۈچىلەر ئەبۇ مۇھەممەد ئەل-جەۋلانى (ئەھمەد ئەل-شارا) نى ھەيئەت تەھرىر شام تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك جىھادچىلىق مايىللىقىنى يەرلىكلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ دەپ قارىماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆزگىرىش شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدىن بۇيانقى مىللى ئازاتلىق نىشانلىرىغا تېخىمۇ ياندىشىدۇ.

ئەينى چاغدا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ETIM) نى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى خىتاي ئۈچۈن بىر پۇرسەت ھېسابلانغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بېيجىڭنى 11-سېنتەبىردىن كېيىن، خەلقارا  تېرۇرلۇققا قارشى تۇرۇش دولقىنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق ھالدا «تېررورچى قالپىقى» كىيگۈزۈشكە ئۇرۇنغان دەپ ئەيىپلەپ كەلمەكتە. 

ئامىرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك دوكىلاتلىرىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، سۈرىيە ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشلىرى جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ھەم ئەلقائىدە بىلەن ھەم تالىبان بىلەن مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، سۈرىيە ئۇرۇشى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. 2013- يىلىدىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى سۈرىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى تەشكىللەپ نۇسرا فرۇنتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ۋە 2015-يىلدىكى جىسر ئەششۇغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق  بەزى مۇھىم ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى كۈچەيگەن.

2017-يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ھەيئەت تەھرىر شامنىڭ سۈرىيەدىكى ئەڭ چوڭ ۋە سادىق چەتئەللىك ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانغان دەپ قارالماقتا. بۇنداق مۇناسىۋەت بۇ ئىككى گورۇپپىنىڭ ئۆز ستراتېگىيىسىنى يەر شارى خاراكتېرلىك جىھادچىلىقتىن يەرلىك مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا يۆتكىگەن بىر مەزگىلىگە توغرا كەلگەن. 

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بۇ جەرياندا يەنە يەرلىك قۇراللىق گورۇپپىلار ئارىسىدا كېلىشتۈرۈش رولىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 2020-يىلى، بۇ پارتىيە ھەيئەت تەھرىر شام بىلەن ھۇررەس ئەددىن (ئەل قائىدەگە سادىقلار) ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى كىلىشتۈرگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى ئەقلىي ئاكتىيور دېسەك بولامدۇ؟ 

سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندىكى ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى تەتقىق قىلغان مۇتەخەسىسلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى پۈتۈنلەي رادىكال بىر جىھادچى گورۇپپىدىن بەكرەك شۇ رايونلاردىكى بىر «ئەقلىي ئاكتىيور» دەپ قاراپ كەلمەكتە.

ئەل نۇسرا فرونتى ئەل قائىدەنىڭ سۇرىيەدىكى قولى ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورناتقان ۋە ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. نۇسرا فرونتى ئەل قائىدەدىن ئايرىلىپ ھەيئەت تەھرىر شامنى قۇرغاندا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بۇ ئىتتىپاقنى يەنىلا داۋاملاشتۇرغان، ھەيئەت تەھرىر شام ئەل قائىدەچى ھۇررەس ئەددىن بىلەن توقۇنۇشقاندا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىتەرەپلىكنى ساقلىغان ۋە ھەيئەت تەھرىر شام بىلەن بىرلىكتە ئەسەدكە قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان. 

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىگە ۋە بەزى رەسمىي خەت-چەكلىرىگە ئاساسلانغاندا، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى 2018-يىلى قايتا تەشكىللەنگەن. جامائەت ئەزالىرى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر سۈرىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق كەلگەنلىكىنى، ئافغانىستاندىن كەلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ئەھۋال، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ سۈرىيەدىكى ئىستراتېگىيە ۋە  سىياسىي تاكتىكىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئاز ساندىكى جەڭچىلەردىن شەكىللەنگەن بىر قوراللىق گورۇپپا بولسىمۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا قوراللىق كۈچلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە بىر تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان. ئۇيغۇر جەڭچىلەر تالىبان، ئەل قائىدە ۋە ھەيئەت تەھرىر شامغا ئوخشاش قوراللىق گورۇپپىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېرىپ كەتمەي ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان. ئافغانىستاندا ۋە سۈرىيەدە غەلىبە قىلغۇچى تەرەپنى تاللىغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىرى ۋە كۈچىنى ئاشۇرغان. 

بۇ گورۇپپىلار ئۈستىدە خەلقارادا ئېلان قىلىنغان دوكىلات ۋە ئانالىزلارغا ئاساسلانغاندا، (مەسىلەن،

France Stratégie، CSIS – HTS backgrounder  نىڭ دوكلاتلىرى)                                          2020-يىللاردىن باشلاپ، ھەيئەت تەھرىر شام بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى يەر شارى خاراكتېرلىك جىھادىزمدىن يىراقلاپ، ئۆز سىتراتېگىيىلىرىنى يەرلىك مۇستەقىللىققە ياكى مىللىي مەۋجۇتلىقنى ساقلاشقا مەركەزلەشتۈرگەن ۋە ئامىۋىي مۇناسىۋەت تەشۋىقاتلىرىنى بۇنىڭغا قارىتا تەڭشىگەن، رەسمىي تەشۋىقاتلىرىدا يەر شارى خاراكتېرلىك خەلىپىلىك ياكى غەربكە قارشى تۇرۇش تەكىتلەنمەيدىغان بولغان.  ئۇلارنىڭ بىرى سۈرىيەنىڭ ئەركىنلىكىنى، يەنە بىرى بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكە باشلىغان. 

شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى خەلقئارادا ئۆز ئوبرازىنى قايتا يارىتىش ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە 

2021-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ ئۇزۇن ئ‍ۆتمەي،  شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ سىياسىي ئىشخانىسىدىكى بىر ۋەكىل Newsweek ژۇرنىلىغا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىنى خىتايغا قارشى بىر پوتانسىيال ئىتتىپاقداش دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيىتقان. 2022-يىلى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەھبىرى ئابدۇسسالام تۈركىستانى تېلېگرامدا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا: «بىز تېررورچى ئەمەس، ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەھدىت سالمايمىز. بىز خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق دۆلەت ۋە شەخس بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار» دېيىش ئارقىلىق، ئەل قائىدەنىڭ غەربكە قارشى تەشۋىقاتلىرىدىن يىراقلاشقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر نىشانىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

2022-يىلىنىڭ ئاخىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشىنى «خىتاينىڭ يالغانلىرىغا قارشى بىر زەپەر» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇلار ئېلان قىلغان باياناتتا غەربكە قارشى دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىنىڭ يوقلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي نىشانىنىڭ خىتايغىلا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ۋاسىتىلىك ھالدا رەت قىلغان ۋە خەلقئارادىن قوللاش تەلەپ قىلغان.

2025-يىلى ئاپرىلدا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسى Foreign Policy ژۇرنىلىغا بەرگەن زىيارىتىدە، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق تېررور سىتراتېگىيىسىنى تىرىلدۈرۈش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ۋە ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسىز ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان بولۇپ، ئەيىپلەشلەرنى رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق نىشانىنى تەكىتلىگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى 

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ھەيئەت تەھرىر شامنىڭ ھالقىلىق جەڭ سەپلىرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللىق گورۇپپىلىرىدىن بىرى بولغاچقا، تۈركىيە قوللايدىغان باشقا ئۆكتىچى گورۇپپىلار (UKC نىڭ بەزى تەركىبلىرى) بىلەن بىللە ھەيئەت تەھرىر شام ئېلىپ بارغان ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەردە ۋاسىتىلىك ھالدا رول ئويناپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە بىۋاسىتە ياردەم بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئورتاق دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان گۇرۇھلار ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ھەربىي جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىمۇ ئۇلغايىتماقتا. 

رەسمىيەتتە تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى تېررورلۇق تىزىملىكىدە تۇتۇپ تۇرغان بولسىمۇ، بەزى مەنبەلەر بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا توپلىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قاتناش جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. رەسمىي باياناتلاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق رەسمىي مۇناسىۋەتنىڭ يوقلۇقى تەكىتلەنسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ تۈركىيە قوللىغان ھەيئەت تەھرىر شام بىلەن بىرلىكتە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى كۇرت قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى رايونلۇق ئىتتىپاق ئىزدىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر سەزگۈرلىكى (دىققەتچانلىقى) بۇ رەسمىي باياناتلارنىڭ رىئاللىقنى قانچىلىك ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئائىت بەزى سوئاللارنى جاۋاپسىز قويماقتا. 

ب د ت ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شۈبھە ئاستىدىكى تېررورلۇق ئېنىقلىمىسى 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ رەسمى دوكلاتلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن قويۇق ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئەلقائىدەدىن ياردەم، پاناھلىق ۋە ھەربىي تەلىم قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاشقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا دوكلاتلار بار. بىراق، بۇ پارتىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندىكى قوراللىق رەسمى جەڭلەردىن باشقا، ئەلقائىدە بىلەن قايسى تېررور خاراكتېرلىك ئورتاق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىغا ئائىت ئېنىق بىر مەلۇمات تاپقىلى بولمىدى. 

ب د ت ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئىزاھلىشىدىكى ئاساسلىق دەلىللەر ئىككى نۇقتىغا مەركەزلەشكەن: بىرىنچىسى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ لىدىرى ئابدۇلھەق ئەل تۈركىستانى (تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى لىدىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ ئىنىق بىر مەلۇمات يوق)نىڭ ئەلقائىدەنىڭ شۇرا كېڭىشى ئەزاسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىددىئالار؛ ئىككىنچىسى بولسا، خىتاينىڭ ب د ت غا سۇنغان فىزىكىلىق ئىسپاتلىرى. (بىراق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىددىئالىرى ۋە تاراتقۇلار بىلەن تەتقىقاتچىلارغا قويغان چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن، بۇ ئىسپاتلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە قارشى گۇمانلار ئىغىر).

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پەقەت تاكتىكىلىق ئىتتىپاقمۇ ياكى چوڭقۇر ئىدېئولوگىيەلىك ئورتاقلىقمۇ؟

يېقىندا سۈرىيەگە بېرىپ ئەھۋالنى كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە ھازىرقى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي رەت قىلماقتا. بۇ رايونغا بېرىپ كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ 2018-يىلى قايتىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى، ئەلقائىدە بىلەن ھېچقانداق تەشكىلىي مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ كەلمەكتە.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ سۈرىيەدە مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەيئەت تەھرىر شامنىڭ «يەرلىكنى مەركەز قىلىش» مودېلىنى قوللانغانلىقىنى، ھەيئەت تەھرىر شام رەھبىرى جەۋلانىغا ئوخشاش، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭمۇ «مۆتىدىل» كۆرۈنۈش ئارقىلىق خەلقئارالىق ئىمبارگولاردىن قېچىشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى باياناتلىرىنىڭ ئەلقائىدەنىڭ يېقىنقى يىللاردا قوللىنىۋاتقان «قارمىقىدىكى تەشكىلاتلارغا تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە بېرىش ئىستراتېگىيەسى»گە ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

بىراق، ئامېرىكادىكى ئىچكى بىخەتەرلىك تاراتقۇسى  ( HSToday 2025) ۋە فرانسىيەدىكى سىتراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار فوندى (FRS, 2017) نىڭ دوكلاتلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ سۈرىيەدىكى رولىنى «پۇرسەتپەرەستلىك» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئۇلار ئەلقائىدە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، بىراق ئەسلى نىشانى «شىنجاڭنى ئازاد قىلىش»تىن ئىبارەت. جەيمىس تاۋىن ئەقىل ئامبىرى  (James Town Foundation, 2019) بولسا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەلقائىدەدىن ئىدېئولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ياردەم ئالغانلىقىنى، لېكىن تەشكىلى نىشانىنىڭ چېگرا ھالقىغان تېررورلۇق تەھدىتىدىن بەكرەك ئۇيغۇر قوراللىق قارشىلىقىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق ئەقىل ئامبارلىرىدىن تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى (CFR) ۋە «ئۇزۇن ئۇرۇش ژۇرنىلى (Long War Journal) قاتارلىق مەنبەلەرمۇ بۇ ئانالىزلارنى قوللايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى «جىھادچى» دەپ ئەيىبلەشلەر سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە مىللىي مەۋجۇتلىقىغا مەركەزلەشكەن ئەمىلىيىتى بىلەن سىلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا.

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر مىللىي جامائىتى: مەكتەپلەر، مەسچىتلەر ۋە كىملىكنى قوغداش

ئىدلىب يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئائىت ئولتۇراق رايونلار ئۇرۇش جەريانىدا مىللىي كىملىكنى قوغداشقا ئۇرۇنىۋاتقان بىر جامائەتنىڭ ئىزنالىرىنى ئۆزىدە ساقلىماقتا. 

ئەتراپتا ئۇيغۇرچە خەتلەر، تۈركىستان بايراقلىرى ۋە كىچىك بازاردىكى دۇكانلار…

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بولۇپمۇ ئىدلىب شەھىرى ۋە غەربىي شىمال رايونلىرىدا، ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ئۈچۈن بىر مىللىي «جامائەت» بەرپا قىلغان. بۇنداق بىر تەشكىللىنىش بۇ  تەشكىلاتنىڭ يەرلىككە مەركەزلەشكەن ئىستراتېگىيەسىنى كىڭەيتكەنلىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارالماقتا.

2015-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان ھەربى لاگېر ۋە مەكتەپلەردە بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخى، دىن، تەبىئىي پەنلەر دەرىسلىرى (بىئولوگىيە، ماتېماتىكا) ۋە ھەربىي تەلىم -تەربىيىلەر بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، بۇ مائارىپ مۇئەسسەلىرى ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر مىللى رھىنى پەرزەنىتلەرگە سىڭدۇرۇش ئۈچۈن بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ سۈرىيە زىيارىتىدە بۇ مەكتەپلەردىكى دەرسلىك كىتابلارنى كۆرۈپ چىققان. كىتابلارنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كونا دەرسلىك كىتابلاردىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كوممۇنىستىك تەشۋىقاتلار چىقىرىۋېتىلگەن ۋە بىر قىسىم دىنىي ئىبارىلەر قوشۇلغان. دەرسلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىرى ۋە مىللىي تېمىلار يورىتىلغان بولۇپ، بالىلارغا كۈچلۈك بىر مىللىي كىملىك ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ئۆز تىلىدا خۇتبە ئوقۇلىدىغان مەسچىتلەردە توپلىشىپ ئىبادەت قىلىدىكەن. Foreign Policy ژۇرنىلىنىڭ 2025-يىلى ئاپرېلدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ ئىبادەتلەر ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىدىكەن ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ «تۈركچىلىك» تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىدىكەن. Economist  ژۇرنىلىنىڭ 2025-يىلى يانۋاردىكى خەۋىرىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ مەسچىتلەردە شەرقى تۈركىستان بايراقلىرىنى ئېسىپ، خىتايغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئەمەلىيەتلەر دىنىي مۇراسىملارنىڭ مىللىي كىملىك ۋە سىياسىي ئۇچۇرلار بىلەن ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

پالاسكىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقاتلىرى بۆلۈمىدىن ئانتروپولوگ غۇنى ستېنبېرگ بىر يىل ئىلگىرى ئىدلىبتا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە جەڭچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاپتورنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانىدى. ستېنبېرگنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار قۇرغان مەكتەپلەر، تىجارى پائالىيەتلەر ۋە ھەربىي لاگېرلار ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئۈنۈملۈك ئەمەلىيەتلەر ئىكەن. سۆھبەتتە بۇ تەتقىقاتچى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئىسلامىي ئېتىقاد شەكللىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت پۇرىقىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ستېنبېرگ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى «جىھادچى» دەپ قارىمايدىغان بولۇپ، ئەكسىچە ئۇلارغا «قورال ئارقىلىق مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان بىر جامائەت» دەپ ئېنىقلىما بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. غۇنى ستېنبېرگ ئۇيغۇرلارنىڭ قورال ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش» نىيىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى تىلغا ئالدى. بىراق ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ ھەربىي ئەنئەنىنى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداشنى تېخىمۇ رېئال بىر ئىستراتېگىيە دەپ ئويلايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۈگۈنىگە ئائىت ئۇچۇرلار 

سۈرىيەدە ئىككى مىڭدىن بەش مىڭغىچە ئۇيغۇر جەڭچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تەۋەبىئاتلىرى بار. ئىدلىبتا «ئۇيغۇر يېزىلىرى»غا ئوخشاش ئولتۇراق رايونلار قۇرۇلغان. Carnegie Endowment تەتقىقات ئورنى بۇ جامائەتنىڭ «مىللىيلىقىنى ۋە يەرلىكنى مەركەز قىلغان»لىقىنى ھەمدە ئەلقائىدەنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىن ئۇزاق تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2025-يىلغا كەلگەندە، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى يەرلەشتى دەپ قارالماقتا. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى تەتقىقاتچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەمدى پەقەت «سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى» دەپ ئاتىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جەڭچىلەر سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ 84-دىۋىزىيىسىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا سۈرىيە پۇقرالىقى بېرىش نۆۋەتتە كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا تاكتىكىلىق ئىكەنلىكىنى، يەنى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە يېرىم ئەسىر داۋاملاشقان تەشۋىقاتلىرى ۋە سىياسىي تىرىشچانلىقلىرى كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە بەرمىدى، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى غەزەپنى ئاشۇرماقتا. بولۇپمۇ 2016-يىلدىن كېيىنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانى بۇ غەزەپنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئايلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىماقتا.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ يىل ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق سۈرىيە زىيارىتىدە، تىنچلىق يولىدىكى پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنىڭ جاۋابسىز قالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق كۈچكە ئىگە بولۇشىنىڭ ئۇلارغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېرىدىغانلىقىنى كۈچلۈك ھېس قىلغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى قانۇنلۇق دەپ قارايدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارالىق ئادالەت ۋە قانۇن ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە قوراللىق قوغداش بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى قوغداشقا مەجبۇر. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىدى. مەن سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارالىق جىھادىزىمنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىمايمەن.»

قوش ئۆلچەم: غەربنىڭ ھەيئەت تەھرىر شام بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە تۇتقان پەرىقلىق مۇئامىلىسى

غەرب ھەيئەت تەھرىر شامنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە ئاساسلىق رەھبەرلىرىگە قاراتقان تېررورلۇققا ئالاقىدار چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردى؛ ئۇلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماقتا، ئۇلارغا ياردەم ئەۋەتمەكتە؛ ئەھمەد ئەل شارا (ئەبۇ مۇھەممەد ئەل جەۋلانى)نى «ئەمەلىيەتچى رەھبەر» دەپ مەدھىيىلىمەكتە، ھەتتا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە ھەيۋەتلىك مۇراسىملار بىلەن كۈتۈۋالماقتا. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ھەيئەت تەھرىر شام بىلەن ئون يىلدىن ئارتۇق بىر سەپتە ئۇرۇشقان ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىگە قوشۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى جەڭچىلىرى يەنىلا «چەتئەللىك تېررورچى / ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىدار» دەپ قارالماقتا. بىخەتەرلىك دوكلاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە «خەتەر» بەلگىسى قويۇش داۋاملاشماقتا.

كۆپلىگەن ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، سۈرىيەدە مۇقۇملۇق بەرپا قىلىش ئۈچۈن، رېئال سىياسەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكىمەتلىرى ھەيئەت تەھرىر شامنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن ھەيئەت تەھرىر شامنىڭ ئىستراتېگىيەلىرى، ئورناتقان مۇناسىۋەتلىرى، ئىدېئولوگىيەلىك رامكىلىرى ۋە سىياسىي تاكتىكىلىرى زور دەرىجىدە ئوخشاش بولسىمۇ، غەرب دۆلەتلىرى «چەتئەللىك جىھادچىلارنى مۇكاپاتلىماسلىق» ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى تېررورچىلار تىزىملىكىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. 

خەلقارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە، ئامېرىكىنىڭ چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ (ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) يېڭى سۈرىيە ئارمىيەسىگە قوشۇلۇشىغا ماقۇل بولغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا، لېكىن غەرب ھۆكىمەتلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن رەسمىي چىقىرىۋەتمىدى، يەنى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قەغەز يۈزىدە ئۇلار يەنىلا «تېررورچى» ئاتالماقتا.

كۈزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ھەيئەت تەھرىر شام بىلەن ئوخشاش سىتراتېگىيەنى قوللانغانلىقىنى، نۆۋەتتە ھەيئەت تەھرىر شامنىڭ قانىتى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، يىڭى سۈرىيەگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى قايتا تەڭشەۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۇلار «چەتئەللىك» بولغاچقا، غەرب نەزىرىدە ئەپۇ قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئېيىتماقتا. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئايرىشنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ياكى قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى، پۈتۈنلەي سىياسىي ۋە ئەمەلىي سەۋەبلەرگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ ئەھۋال، غەربنىڭ سۈرىيەدىكى رېئال سىياسىتىنىڭ شەرتلىرىنى ۋە خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھىكايىسىنى ئۆز ئېھتىياجىغا قارىتا يىزىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارالماقتا.

گەرچە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي نىشانلىرىنى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك جىھادىزىمدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى تەكرار تەكىتلىسىمۇ، غەرب سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى يەنىلا رادىكال بىر ئامىل دەپ قاراپ قارىماقتا.

دىننىڭ سۈرىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدىكى رولى

تەتقىقاتچىلار سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ۋە يەرلىك نىشانلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك بىر قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، مائارىپ ۋە جەمئىيەت ئىچىدە دىننىڭ ئورنى كۈچلۈك بولسىمۇ، بۇ ئورۇننىڭ مىللەتچىلىك مەقسەتلىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان سەۋىيەدە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتماقتا. غۇنى ستېنبېرگنىڭ قارىشىچە، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس، ئۇلارنى تېررورچى دەپ قاراش خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ بىر قىسمى، ھەتتا بۇ «ئۇيغۇرلارنى جىنايەتچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بىر سىياسىي تاكتىكا»دىن ئىبارەت.  

ئەلۋەتتە، ئاياللار ھوقۇقى، دېموكراتىيە ۋە كشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئەندىشىلەر سۈرىيە جەمىيىتىنىڭ شەرتلىرى ئاستىدا، ئۇيغۇر مۇھاجىرلار جەمئىيىتىدە كەڭ تالاش-تارتىش قىلىنماقتا.

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كىلەچىكى تېخى نامەلۇم. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى سۈرىيەنىڭ خىتايغا ۋە ئ‍ۆزى تەۋە رايوندىكى سىياسىي ھېساباتلىرىغا باغلىق دەپ قارالماقتا. 2025-يىلى نويابىردىكى دىپلوماتىك تەرەققىياتلار ئىدلىبتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن بىۋاسىتە تەھدىت شەپىلىرىنى ھىس قىلدۇردى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسئەد ئەل شائىبانىنىڭ بېيجىڭغا قىلغان زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئىلىپ كەلدى. بۇ زىيارەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، دىپلوماتىك مەنبەلەر سۈرىيەنىڭ تەخمىنەن تۆت يۈز ئۇيغۇر جەڭچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 17-نويابىر بۇ ئىددىئالارنى رەت قىلىپ، «قايتۇرۇپ بېرىش پىلانىنىڭ يوقلۇقى»نى ئېلان قىلدى. كانىگ خەلقارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنى (Carnegie Endowment)نىڭ دوكلاتلىرى بۇنداق بىر تىرىشچانلىقنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى مۇقۇملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مۇھاجىرەت ۋەكىللىرى بۇ قايتۇرۇپ بېرىش ئىددىئاسىنىڭ «خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسى» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش تەلەپ قىلماقتا.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ ھازىرچە جىددىي خەۋپ ئاستىدا ئەمەسلىكىنى، لېكىن كەلگۈسىدە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىش مۇمكىنلىكىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ئېيىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ گۇرۇھلار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشتە رول ئوينىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىنىش ياكى خىتايغا ئاسانلا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن». ئۇنىڭ قارىشىچە، دەمەشىق ھۆكۈمىتى بۇ گۇرۇھلارنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك سىتراتېگىيەسى ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن: «ئەگەر ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلىشىغا يول قويۇلسا، ئۇلار بۇ دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.» قىسقىسى، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قارىشىچە، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىلەچىكى سۈرىيە ھۆكىمىتىنىڭ ئىچكى سىياسىي ھېسابلىرىغا باغلىق ئىكەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ سۈرىيە ئىچكى توقۇنۇشلىرىغا، بولۇپمۇ يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان كۇرد كۈچلىرىگە قارشى ئىچكى توقۇنۇشلارغا ئارىلىشىشى غەرىبتە جىددىي نارازىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنداق بىر ھەرىكەت سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تالاش-تارتىش ئاستىدىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنىكلەشتۈرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا كۇرد قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (داعش)گە قارشى كۈرەشتە قانۇنلۇق ئاكتىيور دەپ قارىلىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى تېخىمۇ يالغۇز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ۋە كەلگۈسى پۇرسەتلىرى

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دۇنيا مىقياسىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ئوخشاش، غەربنى خىتايغا قارشى يوشۇرۇن ئىتتىپاقداش دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا بۇ تەشكىلاتقا بۇنداق بىر رول بېرىشنى ئويلىسا، بەزى ئالدىنقى شەرتلەر قويىشى مۇمكىن. مەسىلەن: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ جىھادچى ئىدېئولوگىيەنى پۈتۈنلەي تاشلىشى، پەقەت خىتايغا مەركەزلەشكەن سىياسىي ۋە مىللەتچى بىر ھەرىكەتكە ئايلىنىشى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن ۋە كونترول قىلغىلى بولىدىغان بىر ئاكتىيور بولۇشى قاتارلىقلار.

نۇرغۇن كىشىلەر تەيۋەن ئۇرۇشى ياكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەربىي توقۇنۇشنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنى خەلقئارالىق سىياسەتتە قوللىنىلىدىغان بىر ئاكتىيورغا ئايلاندۇرۇش ئىھتىماللىقىنى تىلغا ئالماقتا.

خۇلاسە

ئىدلىب مەھەلىلىرىنىڭ بىرىدە، قۇياش نۇرى تولغان كونا ھۇجرىغا يىغىلغان ئاياللارنىڭ بەزىلىرى تام تۈۋىگە سېلىنغان نېپىز گىلەم ئۈستىدە، رەڭلىك رەختلەرنى تىكىپ ئولتۇرىشىدۇ، بەزىلىرى بالىلارغا ئۇيغۇرچە ئېلىپبە ئۆگىتىدۇ، بەزىلىرى بولسا بالىلارنىڭ يۈزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ۋەتەن ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئېيتىدۇ. ئۆي ئىچىدە سۇس رەخت پۇرىقى لەيلەپ تۇرسا، كوچىدا ئويناۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئۆي ئىچىگە ئاڭلىنىدۇ. ئاياللار ئارا داۋام قىلىۋاتقان بۇ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۇرۇش مەزگىلدە يوقىلىشقا يۈز تۇتۇۋاتقان بىر مىللىي كىملىكنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرىدىغان كۆرۈنمەس بىر تۈۋرۈككە ئوخشاش خىزمەت قىلماقتا.

بۇ ئۆي سۈرىيەنىڭ ئاز بىلىنىدىغان، لېكىن ئەڭ جەڭگىۋار يەرلىرىنىڭ بىرىگە جايلاشقان. بۇلار قوراللىق جەڭ سەپلىرىنىڭ سايىسى ئاستىدا، كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن، مەدەنىيىتىنى جىمجىت ھالدا قايتا يارىتىۋاتقان، مۇھاجىرەتنىڭ غۇۋا كەلگۈسىگە قارشى جەڭ سەپلىرىنى ئۆي ئىچىدە قۇرغان ئاياللاردۇر.

يېقىنقى مەزگىلدىكى دەمەشىق بىلەن بېيجىڭنىڭ يېقىنلىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىىگە قارىتا قايتىدىن تۈگمەس سوئاللارنى قويدى. ئۇرۇش جەريانىدا قۇرۇلغان مەكتەپلەر، مەسچىتلەر، بازارلار ۋە ئولتۇراق رايونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتتا قېلىش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.  

بۈگۈنكى كۈندە سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا تۇرماقتا، لېكىن ئۇلار ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. 

 


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading