دېكابىر 12, 2025
Shohret Hoshur-Helep-2025

شۆھرەت ھوشۇرنىڭ سۈرىيە خاتىرىسى (2): ئالاھىدە ئەتىرەت جەڭچىلىرى بىلەن ھەلەپ زىيارىتى

شۆھرەت ھوشۇر

ھەلەپ ئۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە ئۇيغۇر جەڭچىلەر مۇھىم رول ئوينىغان ئاشۇ جەڭ مەيدانلىرىنى ۋە ئۇلار قەدەم باسقان يوللارنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇمنى بايان قىلدىم.

بۇلاردا «ئىنغىماس» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھەربىي گۇرۇپپا بار ئىكەن. بۇ گۇرۇپپا ئۇرۇشلاردا ئەڭ ئالدىنقى سەپتە ئورۇن ئالىدىكەن. قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش، چوڭ توساقلارنى بۆسۈش، جەڭگە يول ئېچىش شۇلارنىڭ زىممىسىدە ئىكەن. ماڭا ئۇيغۇرچىدەكلا ئاڭلانغان «ئىنغىماسى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ بەلكىم ئەرەبچە بولسا كېرەك، (1) ئەمما مەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ فۇنكسىيىسىگە قاراپ ئۇنى «ئالاھىدە ئەتىرەت» دەپ ئاتىدىم.

17-نويابىر، بەش نەپەر جەڭچى بىلەن ئىدلىبتىن ھەلەپكە قاراپ يولغا چىقتۇق. ماڭا ھەمراھ بولغان بۇ جەڭچىلەر سۈرىيەگە 10-12 ياش چاغلىرىدا كەلگەن بولۇپ، ھازىر 22 بىلەن 30 ياش ئارىسىدا ئىكەن. ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئالدى يۈزنەچچە قېتىم، ئارقىسى 20-30 قېتىم جەڭگە كىرىپتۇ. بۇلاردىن تۆت نەپىرى ئالاھىدە ئەتىرەت (ئىنغىماس)نىڭ جەڭچىلىرى ئىكەن، بىر نەپىرى درون (ئۇچقۇچسىز ئايروپىلان) ئەتىرىتىنىڭ خادىمى ئىكەن. رەڭگى-روھى، بوي-تۇرقى بىر-بىرىدىن كېلىشكەن بۇ جەڭچىلەرگە بەللىرىدىكى تاپانچا خويمۇ يارىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ قەددىنى تىك تۇتۇپ مېڭىشلىرى، چەبدەس قەدەملىرى ھەلەپ كۆچىلىرىغا ھۆسن قوشۇپتۇ. ئۇلار بەزىدە ئىككى يېنىمدا، بەزىدە ئالدى-كەينىمدە سەپ بولۇپ ماڭغىنىدا، ھېس قىلغىنىم بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن كۆپرەك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئولتۇرغان ماشىنىمىز ئۇرۇشتا بەشەر ئەسەدنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن ئولجا ئېلىنغان ئالىي ماشىنا ئىدى، ئولجىغا تايىنىپ ياشاشنىڭ ھوزۇرى ھەققىدە بەلگىلىك نەزەرىيىۋى چۈشەنچىگە ئىگە ئىدىم، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئەمەلىي ھوزۇرىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلماقتىمەن. بۇ ياشلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئۇلار گەپنى ئاز قىلىدۇ، ئەمما كۆپرەك ئۇلارنىڭ قەددى ۋە قەدەملىرى سۆزلەيدۇ. يول ئۈستىدە كوچىلاپ يۈرۈپ جەڭ قىسسەلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچقۇزدۇم.

ئۇلار ھەلەپ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر قانچە يەردە توختاپ، ماڭا نەق مەيداننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىر قانچە خەتەرلىك ئۇرۇشنى تەسۋىرلەپ بەردى. يەر-جاي، قورال-ياراق ناملىرىنى ۋە بىر قىسىم ھەربىي ئاتالغۇلارنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇرۇش تەسۋىرلىرىنى بەكمۇ چۈشىنىپ كېتەلمىدىم.
ئىگىلىشىمچە، ئۇيغۇر جەڭچىلەر تونېل قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا ئالاھىدە تەجرىبىلىك ۋە ماھارەتلىك ئىكەن. سۈرىيە ئازاتلىقىدىكى ئاخىرقى بىر شىددەتلىك جەڭدە، ئۇيغۇر جەڭچىلەر تونېل ئارقىلىق ئەسەدنىڭ ھەربىي قارارگاھىنىڭ ئىچىدىن ھۇجۇم قىلىپتۇ ۋە ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىپتۇ (بۇ ھەقتە كېيىنكى قىسىملاردا ئايرىم توختىلىمەن). بۇ جەڭچىلەر تاغ ئۇرۇشى، شەھەر ئۇرۇشى، تۈزلەڭلىك ئۇرۇشى قاتارلىق جەڭ مەيدانلىرىدا چېنىقىپتۇ.
«شەھەر ئۇرۇشى ئەڭ نازۇك، چۈنكى دۈشمەننىڭ نەدىن چىقىشىنى بىلگىلى بولمايدۇ. تاغۇتلار (بەشەر ئەسەدنىڭ قوشۇنلىرىنى دېمەكچى) خەلق سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئۈشتۈمتۈت ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بۇيرۇق بويىچە، ھەرقانچە گۇمانلىق بولسىمۇ قولىدىكى قورالنى كۆرمەي تۇرۇپ ھۇجۇم قىلمىدۇق، قورالنى كۆرگەندە ئاۋۋال تەسلىم بولۇشقا چاقىردۇق… شۇنداق بولغاچقا، خەلق ئىچىدە ئىشەنچكە ئېرىشتۇق.
شۇنداقتىمۇ، <تۈركىستانلىقلار جەڭدە چېكىنمەيدۇ> دەيدىغان نامىمىز بولغاچقا، بەزىلەر بىزدىن بىراز چۆچۈيدۇ…»
ئالاھىدە ئەتىرەت جەڭچىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە يەنە بىر سەپدىشى گەپ قاتتى:
«چۆچۈگىنىنىڭمۇ پايدىسى بولدى ئاداش، بىر ھېساپتا…»
ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى، مەن شۇ «پايدا»نى بىلىش ئۈچۈن گەپ كوچىلىدىم:
«ھەلەپنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۇيغۇرلار مەسئۇل دەپ ئاڭلىدىم، ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن نېمە ئىشلار بار سىلەر قىلىدىغان؟»
«ئەسەدنىڭ قالدۇق كۈچلىرى بار، بۇرۇنقى ھەشەمەتلىك ھاياتىنى سېغىنغاندا يەنە مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەيدۇ، ئۈشتۈمتۈت ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇلارنى تازىلاش، تىنجىتىش ۋەزىپىمىز بار…»
«ئۇنداقتا توختىماي كوچا چارلامسىلەر؟»
«ئۇمۇ بار، كۆپ ھاللاردا نۇقتىدا تۇرىمىز.» دېدى ئۇ. ئۇنىڭ «نۇقتىدا» دېگىنى شەھەر ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ئىكەن.
«يەرلىك جەڭچىلەر توساقتا تۇرىدۇ، بىز نۇقتىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرىمىز.»
دېمەك بايىقى دېيىلگەن پايدا شۇ ئىكەن:
تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا ئۇيغۇر جەڭچىلەر ئىشخانىدا ئولتۇرىدىكەن، يەرلىك جەڭچىلەر سىرتتا يول توسىدىكەن؛ يەرلىكلەر ئۆزئارا كېلىشەلمىگەندە، ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى ياردەمگە چاقىرىدىكەن، بۇلار ھەيۋىسىگە تايىنىپ مەسىلىنى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
«ھەيۋەڭلارنى ئىشلىتىپ قويىدىكەنسىلەردە پات-پات.»
« ئادىمىگە قاراپ. مۈمكىن قەدەر مەسىلىنى ئۆزلىرىگە ھەل قىلدۇرىمىز.»
«نۇقتىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ زېرىكمەمسىلەر؟»
« يانفون ئويناپ ئولتۇرىمىز.»
بۇ سەمىمىي جاۋابقا يەنە بىر جەڭچى گەپ قاتتى:
«تېلېفون ئوينىغاچ ۋاتساپتىن سىلەرنىڭ تىللىغىنىڭلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرىمىز…»
دېگەندەك، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دۇنيانى بەكلا كىچىكلىتىۋەتتى. بۇ جەڭچىلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولىۋاتقان گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەردار ئىكەن. چاقچاق ئارىلاش قىلىنغان بۇ شىكايەتنى باشقا سوئاللاردىمۇ ئانچە-مۇنچە ئۇچراتتىم.
كوماندىر، جامائەت ئەربابى ئابدۇرەھمان قارى بىلەن خالىي سۆھبىتىمىزدە ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىز بۇ سۈرىيە قەدەملىرىنى باسقاندا، بىزگە قارىتا جەڭ مەيدانىنىڭ سىرتىدىن كېلىدىغان، ھەتتا ئۆز ئىچىمىزدىن كېلىدىغان ھۇجۇملارغا كۆڭلىمىزدە تەييارلىق بار ئىدى. شۇڭا توردىكى بەزى قوپال تەنقىدلەر بىزنى ئۇپراتمايدۇ، ئۇلارغا پەرۋا قىلمايمىز. پەقەت ياشلار بىراز بىئارام بولىدىكەن، بەزىدە ئۆسمۈر بالىلىرىمىزمۇ ئاڭلاپ قالىدىكەن.
ئۇلار: <دادا بىزنى مۇنداق دەپتۇ> دېسە نېمە دەپ ئىزاھات بېرىشىمىزنى بىلىمەي قالىمىز، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئەرەپلىشىپ كەتمەسلىكنى، مىللىي كىملىكنى قوغداشنى تەۋسىيە قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا…»
مەن ئۇچۇر-تەشۋىقاتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىمىز سەۋەبىدىن ئارىمىزدا ھەرخىل ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ بارلىقى، ۋاقىت ئۆتكەنسرى ئۇنداق پىكىرلەرنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تېمىغا چېكىت قويدۇم.

ھەلەپنىڭ مەشھۇر سېپىلىنى ۋە ئۇيغۇر جەڭچىلەر بەربات قىلغان ئەسەد ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي قارارگاھىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىدلىبقا قايتىپ، ئەسىر نامازىنى ئۇيغۇر مەسچىتىدە ئوقۇدۇق. بۈگۈن نامازخانلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ھەربىيچە-پارتىزانچە فورما كىيگەن ئىدى. ھەربىيچە كىيىنگەن بۇ نامازخانلار كۆزۈمگە شۇنداق يېقىملىق كۆرۈندىكى، ئورۇقىمۇ، سېمىزىمۇ، ئېگىزىمۇ، پاكارىمۇ، يۇمۇقىمۇ، پانىقىمۇ خۇددى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل ئىنسانلىرىدەك مەسلىكىمنى كەلتۈردى. بۇلارنى كۆزۈمگە بۇنچە چىرايلىق كۆرسىتىۋاتقىنى ئاشۇ ھەربىيچە فورمىمىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ جەڭلەردە تاۋلانغان ۋۇجۇدىمىدۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم، ھەمدە جاۋابىنى تېزلا تاپتىم: ئەنە شۇ فورما ۋە تۇرۇقتا ئىپادىلەنگەن بەدەلگە، خەتەرگە، جەڭگە ۋە ئۆلۈمگە تەييار تۇرۇش روھى ئىدى! نامازدىن كېيىن ئىدلىب بازار ئىچىدىكى كارۋان رېستورانىدا غىزالاندۇق. مەن بىر تەخسە لەغمەننى يېرىملاشتۇرغىچە، بۇ جەڭچىلەر بىر يېرىم تەخسىدىن لەغمەنگە قوشۇپ ئىككى زىقتىن كاۋاپنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپتۇ.
«بالىلار، تۆكۈۋەتمىگەنسىلەر تاماقنى؟» دەپ سورىدىم چاقچاق قىلىپ.
«تۆكۈۋەتتۇق، تۈگمەنگە.» دېدى ئەتىرەت باشلىقى خۇزەيفە، چاقچاقنى دەرھال چۈشىنىپ.
دېمەك، دېمەك ئون نەچچە يېشىدا چىقىپ كەتكەن بۇ بالىلار تۈگمەننى بىلىدىكەن. بۇ بىر كۈنلۈك سەپىرىمدە، بۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ۋەتەن، مىللەت، ئازاتلىق، مۇستەقىللىق دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم؛ پاراڭ تېمىسىنىمۇ ئۇ يۆنىلىشكە بۇرۇمىدىم؛ ئەمما «تۈگمەن» دېگەن شۇ بىر سۆزدىن ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ ھەر تاش، ھەر سىقىم توپىسىنى روھىدا يۈدۈپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم؛ ماڭا كۆرسىتىۋاتقان ھۆرمەت-ئېھتىراملىرىدىن ئۆزلىرى كىچىك چىقىپ كەتكەن مىللىتىنىڭ كەڭرى قوينىغا قايتىشقا قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم؛ جەڭ قىسسەلىرىنى سۆزلىگەندە غەلىبىسىنى بەك تەنتەنە قىلىپ كەتمەسلىكلىرىدىن چالا قالغان ئارزۇلىرىنى، بۇ يەردىكىدىنمۇ مۇقەددەس بىر جەڭنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
شۇنىمۇ ئەسكەرتكىم بار: بۇلارنىڭ ئېغىزىدىن «جىھاد، ئۈممەت، جەننەت» دېگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلىمىدىم؛ بەلكىم ۋاقتىم قىسقا كەپقالغاندۇ، بەلكىم بۇلار گەپ قىلىدىغان ئەمەس، ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. قىسقىسى، بۇلارنىڭ كىيىۋالغان ھەربىي فورمىسىغا، تومپايتىپ چىقىرىۋالغان تاپانچىلىرىغا يارىشا ئۆزلىرىدە ھەربىي بىر مىجەز-خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەنلىكىگە شاھىت بولدۇم. بۇ سۈپەت، بۇ ھەيۋە، بۇ گۈزەللىكنى ئاللاھ يامان نەزەرلەردىن ساقلىغاي!
(داۋامى بار)

ئىزاھات: (ئىنغىماسى -( اِنْغِمَاسِيّ )ئەرەبچە سۆز بولۇپ، خەتەرلىك ھەرىكەتلەردە دۈشمەن ئالدىنقى سېپىگە بۆسۈپ كىرگۈچى ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنى كۆرستىدۇ، «ھەمىشە ئۆلۈمگە تەييار تۇرغۇچى گۇرۇپپا» دەپ نامىمۇ بار-مۇھەرىر)

ئەسكەرتىش: ئاپتور يېقىندا سۈرىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە بىر يۈرۈش يازمىلارنى ئېلان قىلغانىدى. «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەھنە بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ مۇستەقىل ئاۋازغا ئورۇن بەردى. ئوبزورلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە كۆز-قاراشلار ئاپتورنىڭ مۇستەقىل پىكرى بولۇپ، «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading