دېكابىر 22, 2025
Shöhret hoshurning süriye xatirisi

Shöhret hoshurning süriye xatirisi

شوھرەت ھوشۇر

ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرى، سۈرىيەدە بىر ھەپتە زىيارەتتە بولدۇم. مەقسىتىم – مەن ئۇزۇندىن بېرى ئىزچىل ۋە يىراقتىن كۆزىتىپ كەلگەن، پىداكارلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىغا قارىتا قەلبىمدە چوڭقۇر ھۆرمىتىم بولغان شەرقىي تۈركىستان جامائىتى بىلەن دىدارلىشىش ئىدى.
مېنى شام خەلقارالىق ئايرۇدرۇمىدا جامائەتنىڭ توپچى قىسىم كوماندىرى يەھيا كۈتىۋالدى. يەھيا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئىكەن، ئىنگىلىزچە، خىتايچە، ئەرەپچە ۋە تۈركچە تۆت تىللىق تەرجىمان ئىكەن، جامائەتنىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن. ھەر ئىككىمىزنىڭ بىراز ئىچ مىجەزلىكىمىز سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، شامدىن ئىدلىبقىچە بولغان بەش سائەتلىك سەپەردە، ئارىمىزدا سالام-سەئەتتىن باشقا بەك كۆپ گەپ بولۇنمىدى. ئەتىسى ئۇ مېنى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئايلاندۇردى. ۋەتەندىن ئايرىلىپ 30 يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتنى ئۇچرىمايدىغان، ئۇيغۇر بالىلىرى چۇرقۇرۇشۇپ ئويناپ يۈرگەن ساپ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى تۇنجى قېتىم كۆردۈم.
بۇ- جۈمە كۇنى ئىدى. جۈمە نامىزىنى شۇ مەھەللىلەردىن بىرىدىكى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇدۇق. لىققىدە تولغان مەسچىتتىكى جامائەتنىڭ يېرىمىغا يېقىنى ھەربىچە- پارتىزانچە فورما كىيگەن ئىدى. بۇلاردىن «ياخشى كەپسىز ئاكا، خۇش بولدۇق» دەپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرگەنلەرمۇ، «ئايرىپلانغا خاتا ئولتۇرۇپ، ئېزىپ كەپ قالمىغانسىز؟» دەپ چاقچاق قىلغانلارمۇ بولدى، ئەمما ياتسىرىغان، گۇمانسىرىغان بىر چىراينى كۆرمىدۈم، گەرچە جامائەتنىڭ ئارىسىدا بىردىن بىر ساقالسىز كىشى مەن بولساممۇ.
كوماندىر يەھيا يەنىلا كەم سۆز ئىدى، ئۇ خۇددى «مەن سۆزلىمەي، تاملار سۆزلىسۇن، جامائەتنىڭ يۈزى سۆزلىسۇن، بالىلارنىڭ كۆزى سۆزلىسۇن» دېگەندەك پوزىتسىيەدە ئىدى. دېمىسىمۇ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ كوكسىدىكى ئىزنەكتە، موتولىرىدا، ماشىنىلىرىدا، ئۆيلىرىدىلا ئەمەس، يەنە مەھەللە دوقمۇشىنىڭ تېمىدىمۇ بار ئىدى. ئادەتتە كەچلىك بازار بولىدىغان بۇ دوقمۇشنىڭ 20-30 مېتىرچە ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تېمى كۆك رەڭدە بويىلىپ، ئۈستىگە ئاي-يۇلتۇز سىزىلىپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھاسىل قىلىنغان ئىدى. بالىلاردىكى ئەركىنلىك، جانلىقلىق، كۆزلىرىدىكى شاتلىققا ھەۋىسىم كەلدى. بەلكىم بۇ جانلىقلىق ساپ بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى بەرگەن ھوزۇردىندۇر، بەلكىم جەڭدە بەلگىلىك غەلىبە قازانغان غازىلارنىڭ پەرزەنتى بولۇشتىن كەلگەن ئىپتىخاردىندۇر.
نامازشامنى ئىدلىبنىڭ مەركىزىدىكى بىر مەسچىتتە ئوقۇدۇق. مەسچىتتە مايور گېنىرال ئابدۇلەزىز داۋۇت بىلەن ئۇچراشتۇق، ئۇ ماڭا قەدىناس دوستلاردەك قىزغىن قۇچاق ئاچتى، مېنى يېنىدىكى دوستى- ئەرەپ كارخانىچىغا قىزغىن تونۇشتۇردى. ئۇ كارخانىچى ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇ يەرلەرنى بىر كۆرۈشكە تەشنا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە ماڭا يېقىنچلىقىنى بىلدۈردى. مەن بۇ نورمالدىن تاشقىرى يېقىنچىلىقتىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇر كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ يەرلىك خەلق ئارىسىدىكى نوپۇزىنڭ پۇرىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. كوماندىر يەھيانىڭ تونۇشۇتۇرىشىچە، بۇ كارخانىچى مۇشۇ مەسچىت ئەتراپىدىكى بىرقانچە سودا سارىيىنىڭ ساھىبى ئىكەن. كاللامغا غىل-پال كەلگىنى شۇ: قولۇڭغا قورال چۈشكەندە، يۇرتنىڭ بايلىرى ئەتراپىڭدا پىرقىرايدۇ.
ئەتىكى پلانىڭلار نىمە؟» دەپ سورىدى گېنىرال ئابدۇلەزىز كوماندىر يەھيادىن.»
«شۆھرەتكام ھارەمدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى يوقلاپ كەلمەكچى، گېنىرال.»
«ياراملىق سەپداشلىرىمىز بار ئۇ يەردە. ئۇلاردىن قىممەتلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلايسىز. ياخشى پلان بوپتۇ.»
گېنىرال شۇنداق دېگىنىچە بىز بىلەن خوشلاشتى ۋە مەن بىلەن ئايرىم ۋاقىتتا مەخسۇس كۆرۈشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.
ئۇ مەسچىتتىن چىققاندا يېنىدىكى مۇھاپىزەتچىسى ئىككىدىن تۆتكە كۆپەيدى. ئۇ ئوق ئۆتمەس قارا ماشىنىغا چىقىپ مەسچىتتىن ئۇزاقلاشقاندا، ئۇيغۇر مۇھاپىزەتچىلەر ھەيدىگەن يەنە ئىككى ماشىنا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى.
يات بىر ئەلدە، سېنىڭ تىلىڭدا سۆزلەيدىغان، سېنىڭ چىرايىڭنى تارتقان بىر كىشىنىڭ بۇنچىلىك ئىززەت-ئېتىبار، بۇنچىلىك ھەيۋە – ھۆرمەت بىلەن كۆز ئالدىڭدا نامايەن بولۇشى تومۇرۇڭدىكى قاننى بىراز ئۇرغۇتىدىكەن. مەندىكى بۇ ھاياجان بەلكىم ئۇزۇن مەزگىل خورلانغانلىقىمىزنىڭ نەتىجسىدۇر؛ بەلكىم، بۇ سەپتىكى كىشىلەرگە ئۇزۇندىن بېرى قەلبىمدە ساقلاپ كەلگەن ھەۋەس ۋە ھۆرمەتنىڭ تۈرتكىسىدۇر.
ھارەم ئىدلىبنىڭ تۈركىيە چېگرىسىدىكى بىر يېزا ئىكەن. ئۇ يەردە 20-30 چە قېرىندىشىمىز، داستىخان ھازىرلاپ، ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.
كۆزلىرىدىن، يۈزلىرىدىن، سىرتتىكىلەرگە (سۇرىيەنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا) قانچىلىك سېغىنىش ۋە مۇھەببەت بارلىقى ئايان ئىدى.
سۆھبەتنىڭ بېشىدىلا ئۇلار مەندىن گەپ كۈتتى، مەن ئۇلاردىن گەپ كۈتتۈم. يېرىم سائەتلىك بىر تونۇشۇش باسقۇچىدىن كېيىن، قۇشقاچ تىللىرىمىز چىقىپ كەتتى. مەن تىمىنى تەبىئى ھالدا ئۇلار باشتىن كەچۇرگەن جەڭ قىسسەلىرىگە تارتتىم؛ بۇلارنىڭ ئارىسىدا غۇلجا توخۇچىيۇزدىكى خىتايغا قارشى ھەركەتتە ئامان قالغانلار، ئافغانىستان تاغلىرىدا ۋەتەن ئۇچۇن چىقىش يولى ئىزدىگەنلەر، ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، 10 يىلچە تۇرمىدە يېتىپ ئامان چىققانلار، چەتئەلدە ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇپ، تەتقىقاتتىن ۋاز كېچىپ، جەڭ مەيدانىنى تاللىغان ئەزىمەتلەرمۇ بار ئىكەن.
بالا چاغلىرىدىمىزدا غۇلجىدا مىللىي ئىنقىلاپتىن ھايات قالغان غازىلارنىڭ ھېكايىسىنى 20-30چە كىشى يىغىلىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتۇق، بۈگۈن مەن 20-30 كوماندىر- جەڭچىنىڭ ئۇرۇش قىسسەلىرىنى يالغۇز بىر كىشىلا ئاڭلاپ ئولتۇرىۋاتىمەن، بۇمۇ ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ ئىدى.
جامائەت ئەربابى ۋە كوماندىر ئابدۇراخمان قارى ھالەپنى قولغا ئېلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، ئۇ جەڭ غەلىبىسىنىڭ كېيىنكى جەڭلەرنىڭ غەلىبىسىگە، ھەتتا شامنىڭ ئۇرۇشسىز قولغا ئېلىنىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، غەلىبە تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«شامنى ئازات قىلغان ۋاقتىمىزدا بېشىمىز كۆككە يەتكەندەك خوش بولدۇق. سەۋەبى، خىتاينىڭ دۇنيادىكى شېرىكلىرىدىن بىرىنى يەر چىشلەتتۇق، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ كۈچ- قۇدرىتىگە ئىشەندۇق، پۇرسەت كەلگەندە بىر ئىشلارنى قىلالايدىغىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. ئەمما شام خەلقى قارشى ئېلىپ ئالدىمىزغا چىققاندا، ئۇلارنىڭ شاتلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، بىر تەرەپتىن خوش بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ھەسەت قىلدۇق؛ چۈنكى بۇ قارشى ئېلىپ چىققانلارنىڭ ئارسىدا بىزنىڭ دەرتمەن خەلقىمىز- ئۇيغۇر يوق!!!….»
ئاخىرقى جۈملىلەر ئېغىزىدىن چىققاندا ئۇنىڭ ئاۋازى تىترىدى، ئەتراپىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ بايىقى مەغرۇر تۇرقلىرى بىردىنلا سۇسلۇشۇپ باشلىرىنى تۆۋەن سالدى. بەلكىم بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى نەملەندى ۋە نەملەنگەن كۆزلىرىنى بىر-بىرىدىن يوشۇردى؛ بەلكىم، شۇنچە كۆپ ۋاقىتتىن بېرى ئۆز خەلقىغە بىۋاستە مەنپەئىتى يۇقىدىغان بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگىنى ئۈچۈن گۇناھكارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلدى. مەنچىمۇ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، غەلىبىسىدىن تولۇق پەخىرلىنەلمەسلىك تولىمۇ مۇرەككەپ بىر ھېسسىيات؛ ئەمما ئىشىنىمەنكى، بۇ مۇرەككەپلىك خاتا بىر قەدەمنىڭ ئەمەس، مىللي ئازاتلىق يولىمىزدىكى ئەگرى-توقايلىقنىڭ مەھسۇلى؛ يۈكسەك بىر مىللىي ئاڭ ۋە مەسۇلىيۈتچانلىقنىڭ ئىپادىسى.
بۇ چاغدا كوماندىر يەھيانىڭ بىرقانچە كۈن ئاۋۋالقى شۇ جۇملىلىرى ئېسىمغا كەلدى: «سۈرىيە بىز تاللىۋالغان جەڭ مەيدانى ئەمەس، بىزگە قۇچاق ئاچقان بىردىن-بىر مەيدان. بۇ مەيداندىكى ھەرىكىتىمىز ئېتىقادىمىز نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئاللاھ يولىدىكى بىر جىھات؛ سىياسىي غايىمىز نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىستىقلالىمىز ئۇچۇن چىقىش يولى ئىزدەش- ئۆزىمىزنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەش؛ سىتراتېگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا خەلقئارادىن دوست- شېرىك ئىزدەشتۇر… ئەلۋەتتە بۇ يەردە تۆلىگەن بەدەللىرىمىز بەك ئېغىر، ئەمما ئۇ بەدەل بىز ئاسارەتكە چۈشكەندىن بېرى تۆلەپ كېلىۋاتقان بەدەللىرىمىزگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يېنىكى ۋە نىسبەتەن ئۈنۈملىكى.»
سەپىرىمنىڭ ئاخىرقى كۇنلىرىدىكى بىر سوھبەتتە، بىر ئىنىمىز دېدى: «ئاكا، ياشلار بىلەن چوڭلار ئارىسىدا ئالاقە بەك قويۇق ئەمەس، نەسىھەتلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇمىز بار.»
بۇ ئىنىمىز خىتاي ئولكىلىرىدىكى بىر مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۇتتۇرۇپتۇ، پراتىكىسىنى سۈرىيەدىكى جەڭ مەيدانىدا قىپتۇ، ھازىر ئىدلىبتىكى چوڭ بىر دوختۇرخانىنىڭ نوپۇزلۇق بىر دوختۇرى ئىكەن.
گەپنى ئايلاندۇرۇپ، بۇ سوئالغا نەق جاۋاپ بەرمىدىم.
ئۇ بىرازدىن كېيىن سۇئالىنى تەكرارلىدى: «ئىچىدكىلەر بىلەن سىرتتىكىلەر(سۇرىيەدىكى ۋە سۈرىيەنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار) ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىقلار بولۇشى مۇمكىن، نەسىھەتلىرىڭىز بولسا دەڭ.»
يەنە جاۋاپ بەرمەي ئۆتۇپ كەتتىم. ئۇ بۇ سۇئالنى ئۇچىنجى قېتىم تەكرارلىغاندا بۇنىڭ بىر نازاكەت سۇئالى ئەمەس، سەمىمىي سۇئال ئىكەنلىكىنى بىلىپ، جاۋاپ بەردىم:
«ئۇكام، جەڭ مەيدانىدىكىلەرگە جەڭنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ پەندى- نەسىھەت قىلىدىغان ئىش يوق. ۋەتەن- مىللەتكە ساداقەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچىمى جاننى دوغا تىكىشتۇر. ۋەتەن- مىللەت يولىدا ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىش روھىنى نامايەن قىلغانلارغا بىخەتەر يەردە ياشاپ تۇرۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرىسى بېرىش ئەقلىي نورماللىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلغىنى ئەمەس، غەلىبەڭلارنى تەبرىكلىگىنى كەلدىم؛ پىداكارلىقىڭلاردىن ئۈگەنگىلى، ئۇنىڭدىن كىچىككىنە بىر ئۈلۈش بولسىمۇ ئۆزۈمگە يۇقتۇرغىنى كەلدىم.

(داۋامى بار)

ئەسكەرتىش: ئاپتور يېقىندا سۈرىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە بىر يۈرۈش يازمىلارنى ئېلان قىلغانىدى. «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەھنە بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ مۇستەقىل ئاۋازغا ئورۇن بەردى. ئوبزورلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە كۆز-قاراشلار ئاپتورنىڭ مۇستەقىل پىكرى بولۇپ، «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading