يانۋار 28, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 16-يانۋار

مۇساجان ئەرك

شەرقىي تۈركىستاندا تۇرمۇش شارائىتى كۈندىن- كۈنگە قىيىنلاشماقتا، رايون خەلقى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئەڭ ھالقىلىق تەرەپلىرىدىن بىرى- شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتالماسلىقىدۇر، چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا مەتبۇئات ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي يوق قىلىنغان؛ بارلىق تاراتقۇ ئورگانلىرى ۋە مەتبۇئات خادىملىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، پەقەت كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقات ماشىنىسى بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا. بۇنداق بېسىم مۇھىتىدا ھېچقانداق مۇخبىرنىڭ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئەركىن خەۋەر ئىشلەش ياكى ھەقىقەتنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى يوق.

مەتبۇئات ئۈستىدىكى سىستېمىلىق بېسىم ۋە چەكلىمىلەر

رايوندىكى قاتتىق چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن، دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسەتلىرىدىن يېتەرلىك خەۋەردار بولالمايۋاتىدۇ. ئۆتمۈشتە «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە ھەقىقىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلغان مۇھەممەد ئابدۇللا ۋە گۈلمىرە ئىمىنغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مۇخبىرلار مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ھازىرمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇخبىرلار خىتاي تۈرمىلىرىدە قىيىن- قىستاققا ئېلىنماقتا. زۇلۇمغا شاھىت بولغانلارنىڭ ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى باشقىلارغا ئاڭلىتىشى، بولۇپمۇ چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا ئېيتىپ بېرىشى قەتئىي مەنئى قىلىنغان؛ كىشىلەر ئۆزئارا سۆزلىشىشتىنمۇ ئەيمىنىدۇ، چۈنكى ئادەتتىكى پاراڭلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشقا سەۋەب بولالايدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇچۇر قامالى تۈپەيلىدىن، ھەرقانداق خەۋەرنىڭ سىرتقا چىقىشى ئاساسەن مۇمكىنسىزلىككە ئايلاندى.  پەقەت بەزى كىشىلەرنىڭ بېشىغا كېلىدىغان جازا ۋە قىيىن- قىستاقلارغا تەۋەككۈل قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورتاقلاشقان سۈرەت ۋە ئۇچۇرلىرى ئارقىلىقلا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن چەكلىك ھالدا خەۋەر تاپقىلى بولماقتا.

جازا لاگېرلىرى ۋە «تەربىيەلەش» سەپسەتىسى

خىتاي ھاكىمىيىتى 2017- يىلىدىن باشلاپ بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تۈركلىرىنى جازا لاگىرلىرىغا قامىدى. رايوندا 1200 ئەتراپىدا لاگىر بارلىقى ۋە بۇ يەرلەردە مىليونلىغان كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىمۇ بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ يوشۇرۇن لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنى دەلىللىدى.

خىتاي دەسلەپتە بۇ لاگىرلارنىڭ بارلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆمەر بېكالى ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا، قەلبىنۇر سىددىققا ئوخشاش شاھىتلارنىڭ لاگىردىكى قىيىن- قىستاقلارنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى بىلەن ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. خىتاي بۇ يەرلەرنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ دەۋا قىلغان بولسىمۇ، شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ئۇ يەردە مېڭە يۇيۇش، دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش، مىللىي مەدەنىيەتنى يوقىتىش ۋە جىسمانىي قىيىن- قىستاقلارنىڭ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يەرشارى خاراكتېرلىك تاراتقۇ ھەمكارلىقى ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، زور كۆلەملىك تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىنغان چەت ئەللىك مۇخبىرلار ئۆمىكى قاتتىق نازارەت ئاستىدا پەقەت ئالدىن تەييارلانغان كۆرۈنۈشلەرنىلا كۆرىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ بىلىپ- بىلمەي خىتاينىڭ رەسمىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ۋاستە بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى بەزى تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا. «ئايدىنلىق گېزىتى»، YÖN FM  ۋە ئۇلۇسال تېلېۋىزىيەسى (Ulusal TV) قاتارلىقلار خىتاينىڭ قوللىشى بىلەن تەتۈر تەشۋىقاتنى داۋاملاشتۇرماقتا،  شۇنداقلا 2025- يىلى 23- ماي ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاراتقۇ مۇنبىرى» خىتاينىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى «تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق» نامىدا ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالىدۇر.

خۇلاسە ۋە تەكلىپلەر

خىتاينىڭ غايەت زور مەبلەغ ۋە تېخنىكا بىلەن قوراللانغان تەشۋىقات ھۇجۇمى ئالدىدا، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھازىرقى تاراتقۇ ئىمكانىيەتلىرى تولىمۇ چەكلىك ۋە يېتەرسىز بولۇپ قالماقتا.  شۇڭا، تۈرك مەتبۇئاتلىرى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى ۋە ھەقىقەتلەرنىڭ يورۇققا چىقىشىغا يول ئېچىشى زۆرۈردۇر. رايوندىكى ھەقىقەتلەرنى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ۋە ئۈزلۈكسىز خەۋەر مەنبەسى بولالايدىغان بىر سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى ياكى تور تېلېۋىزىيىسى (WebTV) قۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك بىر ئېھتىياجدۇر.

ئاپتور مۇساجان ئەرك – شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading