يانۋار 28, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 20- يانۋار

18-يانۋار كۈنى، «سەرخىللار مائارىپى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە سەنئىتى بىلىملىرى توغرىسىدا زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتتە يەنە «ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى» نىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى، گۈزەل- سەنئەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ ئورۇن ئالدى.

«سەرخىللار مائارىپى» قۇرۇلغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى، ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى، كومپيۇتېر- تېىنىكا بىلىملىرى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە نۇقتىلىق تەربىيەلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

«سەرخىللار مائارىپى»نىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور مەھمۇدجان ئۆزئۇيغۇر بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە سەنئىتى بىلىملىرى توغرىسىدىكى زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە سەنئىتى بىلىملىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر روھى «سەرخىللار مائارىپى» نىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولۇپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئىككى قانىتى بولغان تىل- مەدەنىيەت بىلەن تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر». مەھمۇدجان ئۆزئۇيغۇر يەنە بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا كىملىكىمىز ۋە ئۆزلۈكىمىزنى تونۇتۇش ۋە ئۇلاردا ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يېتىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوكلات بېرىش نومۇرلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى ھاياجانغا سالدى. ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلىدا راۋان سۆزلەپلا قالماي، ئەدەبىي تىلنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرگىز يوقالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

بولۇپمۇ ئاممار ئوغۇز، ئەندەر جەڭگىۋار ۋە مەريەملەرنىڭ شېئىر ۋە نەسىرلىرى  نەفىسە، سۈمەييە، پاتىمە ۋە مۇسلىمەلەر ئورۇندىغان «تىلىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى قوغدايلى» ناملىق ئىتوت تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى؛ نىمشېھىت ئارمىيا ئېلىنىڭ «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق شېئىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ناخشا  ئوقۇلغاندا، سورۇن ئەھلى يەنە بىر قېتىم ماھىرلارغا چاۋاك ياڭراتتى ۋە ئاپىىرن ئوقۇشتى.

بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ناخشىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ سەھنىدە جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ياڭرىتىشى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ زۇلۇمغا قارشى باش ئەگمەيدىغان، ئۆز مەدەنىيىتىنى كۆزقارچۇغىدەك قوغدايدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

ئىنچىكە ۋە ئادىل باھالاش نەتىجىسىدە مەدەنىيەت بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنىڭ چوڭلار گۇرۇپپىسىدا نەفىسە نۇرمۇھەممەد، مۇھەممەد ئەمىن قۇم ۋە ئەكرەم ئۇيغۇرخانلار ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە، رەھىمە سىراجىدىن، ئىھسان ئۆزئۇيغۇر ۋە سەفىيە مۇھەممەدلەر رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ماتېماتىكا تۈرىدە شەرىفە ئۇلۇغيول (1-دەرىجىلىك)، مۇھەممەد ئەمىن (2-دەرىجىلىك) ۋە ئىھسان ئۆزئۇيغۇر (3-دەرىجىلىك) مۇكاپاتلاندى. مۇراسىم ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى، دوكتور ئالىمجان بۇغدا ۋە خىمىيە پەنلىرى دوكتورى تۇردى مۇھەممەد ئابدۇللاھلار يېپىلىش سۆزى قىلدى.

«سەرخىللار مائارىپى» ئۇرۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلىملىرى مۇسابىقىسىغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى مۇھاجىرەتتە كۆپلەپ ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ڭېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ. ئۇيغۇر كىملىكى ئېغىر خىرىسقا ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز كىملىكىنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوغداش يولىدىكى بۇ نەتىجىلىرى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئاز- تولا ئۈمىد ئېلىپ كەلگۈسى.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading