ئۇيغۇر پوچتىسى، 18. فېۋرال 

ئاپتورى: ئالپ

2-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىتاينىڭ تەشۋىقات سۇپىلىرى بولغان «كۆزەتكۈچى تورى» (Guancha.cn) ۋە «ۋاڭيى تورى» (163.com) دا «西域都» (غەربىي يۇرت قورۇقچىبېشى) تەخەللۇستىكى ئاپتور تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، «شىنجاڭنىڭ <ئىككى مىنۇتلۇق زەربە بېرىش چەمبىرىكىۋە <ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش سىستېمىسى>» ھەققىدىكى تەھلىل ئېلان قىلىندى. مەزكۇر تەھلىلدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىش بەدىلىگە كەلگەن تىنچلىق «دۇنيادىكى ئىلغار ئەندىزە» دەپ پەردازلاندى. ئاپتورنىڭ قوللانغان تەخەللۇسى — «غەربىي يۇرت قورۇقچىبېشى» — ئەسلىدە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى) بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاننى ھەربىي جەھەتتىن كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى ئەمەل نامى بولۇپ، بۇ نامنىڭ بۈگۈن تەخەللۇس قىلىپ قوللىنىلىشى ئاپتورنىڭ زېھنىيىتىدىكى مۇستەبىتلىك ۋە رايوندىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق زۇلۇمنى «تارىخىي قانۇنىيەت» سۈپىتىدە ئاقلىماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. 

تەھلىلدە 2017-يىلىدىكى گۇما ۋەقەسى تىلغا ئېلىنىپ: «ساقچىلار بىر مىنۇت ئىچىدە يېتىپ بېرىپ، نەق مەيداندا ئۈچ گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈردى» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئاپتور بۇنى بىر مۇۋەپپەقىيەت دەپ جار سالغان بولسىمۇ، زامانىۋى قانۇن سىستېمىسىدا ئادالەت تېزلىك بىلەن ئەمەس، بەلىكى قانۇنىي تەرتىپ بىلەن ئۆلچىنىدۇ. «غەربىي يۇرت قورۇقچىبېشى» ماختىغان بۇ «سېكۇنتلۇق ئۆلتۈرۈش» جەريانى، ساقچىلارغا ھەم سوتچى، ھەم جازا ئىجرا قىلغۇچى ھوقۇقىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى، يەنى «سوتسىز جازالاش» نىڭ بىر نورمال ئەھۋالغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ساقچىنىڭ ئەسلى بۇرچى ۋەقەنى تېزلىكتە بېسىقتۇرۇش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش ۋە گۇماندارلارنى تۇتۇش ئارقىلىق قانۇن ئالدىدا ھېساب بېرىشكە تاپشۇرۇشتۇر؛ ھەرگىزمۇ خالىغانچە ئوق چىقىرىپ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس. بىر جەمئىيەتتە ساقچى مىلتىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغاندا، ئۇ يەردە ئادالەت ئەمەس، پەقەت دۆلەتنىڭ مۇتلەق زوراۋانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. 

ئاپتور يەنە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر مىنۇتلۇق ئىنكاس تېزلىكىنى لوندون ساقچىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىكى سەككىز مىنۇتلۇق ئىنكاسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ۋەقە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى «ئاجىز» دەپ تەسۋىرلىمەكچى بولىدۇ. لېكىن، غۇلجا شەھىرى مىسالىدا تىلغا ئېلىنغان «شەھەر بويىچە 43 قولايلىق ساقچى پونكىتى ۋە 23 تۇراقلىق نازارەت نۇقتىسى» نىڭ تورلىشىشى، بىر شەھەرنى ماھىيەتتە «ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرغانلىقىنى مىسالغا ئالغاندا، غەرب جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەركىن كوچىلىرىنى تىلغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. لوندوندىكى سەككىز مىنۇتلۇق ئىنكاس بىر ئەركىن جەمئىيەتنىڭ بەدىلى دېيىش مۇمكىن؛ چۈنكى دېموكراتىك ئەللەردە دۆلەت كۈچلىرى پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكى، سىر ساقلاش ھوقۇقى ۋە دەخلىسىزلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇر. سىستېما ھەر بىر ئادەمدىن گۇمانلىنىش ئەمەس، بەلىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. پۇقرالار ھەر بىر كوچىدا قورال كۆتۈرگەن ساقچىلارنىڭ قورقۇنچىدا ياشاشنى ئەمەس، بەلىكى شەخسىي ئەركىنلىكىنى ئەلا بىلىدۇ. جەمئىيەتنى تۈرمىگە ئايلاندۇرغاندا، ئەلۋەتتە باشقۇرغۇچىنىڭ ئىنكاسى تېز بولىدۇ، ئەمما بۇ تىنچلىق ئەمەس، بەلىكى بېسىم ئاستىدا بەرپا بولغان سۈنئىي سۈكۈتتۇر. 

تەھلىلدە دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان «دائىش» (ISIS) نىڭ مىسال قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يۇقىرى بېسىملىق نازارەتنى ئاقلاشتىكى بىر خىل سىياسىي ئەخلاقسىزلىقتۇر. ئاپتور ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىنى مىسالغا ئېلىپ، «ئەنگىلىيەدە بىر تېررورچى دائىشقا ئائىت تەشۋىقات سىنلىرىنى نەچچە يۈز قېتىم كۆرگەن بولسىمۇ، ساقچىلارنىڭ بۇنى بايقاشقا ئاجىزلىق قىلغانلىقى» نى دەۋا قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۇقرالارنىڭ تېلېفونى ۋە تور ھەرىكىتىنى سېكۇنت بويىچە كۆزىتىدىغان سىستېمىنى «ئالدىنى ئالغۇچى ئىلغار تېخنىكا» دەپ ماختايدۇ. ئاپتور دائىش تەھدىتىنى بىر «قورقۇنچ قورالى» قىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار كىرگەن تور بەتلەر ۋە كۆرگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىنى نازارەت قىلىشىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. بۇ ماھىيەتتە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئەمەس، بەلىكى تېخنىكا ئارقىلىق بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قورشاۋغا ئېلىشتۇر. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر رەزىل تەرىپى بولغان «پاش قىلىش مېخانىزمى» ھەققىدە تەھلىلدە: «بىر تورداش تېررورلۇققا چېتىشلىق ئۈن-سىنلارنى (涉暴恐音视频) تارقاتقانلىقى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى» دەپ يازىدۇ. تەھلىلدە تىلغا ئېلىنغان بۇ «تېررورلۇققا چېتىشلىق ئۈن-سىن» ئاتالغۇسى ماھىيەتتە بىر سىياسىي قاپقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقادقا ئائىت ئادەتتىكى ئۇچۇرلارنى، مىللىي كىملىك تۈسىگە ئىگە ناخشا-مۇزىكىلارنى، ھەتتا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىنغان ھەر قانداق سىنلىق ئۇچۇرنى «سەزگۈر» ياكى «تېررورلۇققا چېتىشلىق» دەپ بېكىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونىدا ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا چېتىشلىق سىننى ساقلاپ قويۇش قىلمىشىنىڭ «جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش» قا سەۋەب بولۇشى — جەمئىيەتتە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ پۈتۈنلەي بوغۇلغانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتىدۇر. 

بۇ سىستېما كىشىلەرنى يۇقىرى سوممىلىق ماددىي مەنپەئەت ئۈچۈن دوستىنى سېتىشقا، قولۇم-قوشنىلىرىنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ئىشەنچنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن بىر «قورقۇ كۈلتۈرى» نى ئورنىتىدۇ. بۇنىڭغا يەنە يېزا-كەنتلەردىكى ساقچى، كەنت كادىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىدىن تەشكىللەنگەن «ئۈچتە بىر گەۋدىلەشكەن» نازارەتچىلىك ۋە ھەممە يەردە ئورنىتىلغان يۈز تونۇش تېخنىكىسى قوشۇلغاندا، پۇقرالار تېخى جىنايەت ئۆتكۈزمەيلا، پەقەت چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ «ئېھتىماللىقى» غا تايىنىپ جازاغا تارتىلىدىغان تېخنىكىلىق تېررورلۇق دۇنياسى بارلىققا كېلىدۇ. بۇ خىل سىستېما ماھىيەتتە جەمئىيەتنى قوغداش ئەمەس، بەلىكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى قورشاۋغا ئېلىش ۋە ھەر قانداق ئەركىن پىكىر نىشانىنى تېخى بىخ سۈرمەستىنلا دەسسەپ يوقىتىشتۇر. خىتاينىڭ بۇ «ئىلغار ئەندىزىسى» ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق ئۇلىنى ۋەيران قىلىدىغان، پۇقرالارنى دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك مەھبۇسىغا ئايلاندۇرىدىغان بىر زۇلۇم تەجرىبىخانىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. 

ئاخىرىدا، فىرانسىيە ۋە رۇسىيەدىكى ۋەقەلەردە گۇماندارلارنىڭ «مېھمانخانىدا تىزىملىتىپ تۇرسىمۇ، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ كەلمەسلىكى» نىڭ بىر خاتالىق سۈپىتىدە كۆرسىتىلىشى، ئاپتورنىڭ ئەركىنلىك چۈشەنچىسىدىن نەقەدەر يىراق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. ئەركىن دۇنيادا بىر پۇقرانىڭ — قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرى بولغان شارائىتتا — تەكشۈرۈلمەستىن مېھمانخانىدا تۇرۇشى ۋە يول يۈرۈشى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ئەركىنلىكتۇر. 

خۇلاسىلىگەندە، خىتاينىڭ بۇ «لايىھەسى» ماھىيەتتە يۇقىرى تېخنىكىلىق بىر زۇلۇم سىستېمىسىدۇر. «غەربىي يۇرت قورۇقچىبېشى» كەبى تەخەللۇسلارنى قوللىنىپ تۇرۇپ، بىر مىللەتنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى بوغۇشنى ئاقلاش پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، روھىنى ۋە كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىستېمىلىق قىرغىنچىلىققا قورۇقچىلىق قىلغانلىقتۇر. ھەقىقىي بىخەتەرلىك ئوقنىڭ تېزلىكىدە ياكى كامېرانىڭ زىچلىقىدا ئەمەس، بەلىكى ئىنسانىي ئەركىنلىك، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكتە بولىدۇ. 


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ