ئۇيغۇر پوچتىسى، 2. فېۋرال
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا، بولۇپمۇ سۈنئىي ئەقىل (AI) ساھەسىدىكى تەرەققىياتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. «كارنېگى خەلقئارا تىنچلىق فوندى» (Carnegie Endowment for International Peace) تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئەقىللىق روبوت، درۇن ۋە ئاپتونوم سىستېمىلاردا دۇنياۋى يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئۆتكەن. دۇنيا خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىلىق زەپەرلىرىگە ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقاندا، بىر ھالقىلىق سوئال سەل قارالماقتا: بۇ يۈكسىلىش خەۋەر قىلىنىۋاتقىنىدەك پەقەتلا بىر «ئىقتىسادىي مۆجىزە»مۇ؟ ياكى ئىنسانىيەت قەدىر-قىممىتىگە تەھدىت سالىدىغان، پۈتۈنلەي يېڭىچە بىر «سۈنئىي ئەقىل دىكتاتورلۇقى»نىڭ مۇقەددىمىسىمۇ؟
1. جىنايەتسىز جازا: «ئالدىن ئالغۇچى بېسىم»
خىتاينىڭ تېخنىكىلىق جازا تاكتىكىسى رەقەملىك دۇنيادىكى «ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى» (Social Credit System) ۋە «مۆلچەرلىگۈچى نازارەتچىلىك» (Predictive Policing) بىلەن باشلاندى. تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ سىستېما كىشىلەرنى قىلغان قىلمىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «نېمە قىلىشى مۇمكىنلىكى»گە ئاساسەن جازالايدۇ. ئالگورىزىم پۇقرالارنىڭ ئالاقە چەمبىرىكى، رەقەملىك ئىزلىرى ۋە كۈندىلىك ئادەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ، تېخى بىرەر جىنايەت سادىر بولمايلا ئۇلارنى «خەتەرلىك ئۇنسۇر» دەپ تامغىلايدۇ. بۇ بىر «ئالدىن ئالغۇچى بېسىم» (Preventive Repression) مودېلى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئىرادىسىنى تېخى ھەرىكەتكە ئايلانمايلا بوغۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.
2. يىرتقۇچلارنى تەقلىد قىلىش: «سارنا» ۋە «روبوت بۆرىلەر»
رەقەملىك باستۇرۇش ئەمدىلىكتە فىزىكىلىق قوراللار بىلەن بىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. «Webpronews» ۋە «Techloy» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيخاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنژېنېرلىرى يىرتقۇچ قۇش «سارنا»نىڭ (Goshawk) ئوۋ ئوۋلاش ماھارىتىنى سۈنئىي ئەقىلگە كۆچۈرگەن. سارنا مۇرەككەپ ئورمانلىقلاردا تېز ۋە چاققان مانېۋىر قىلىش قابىلىيىتى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، خىتاي بۇ تاكتىكىنى درۇنلارغا پروگراممىلىغان. سىناقتا سۈنئىي ئەقىل كونتروللۇقىدىكى درۇننىڭ نىشاننى بىر تەرەپ قىلىشىغا ئاران 5.3 سېكۇنت كەتكەن. بۇ سۈرئەت ئىنساننىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ، «ھۇجۇم» قارارىنىڭ ئەخلاق ۋە ۋىجداندىن خالىي كودلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، «روبوت بۆرىلەر» (Robot Wolves) تېخنىكىسىمۇ كىشىنى چۆچۈتىدۇ. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV-7) ئاشكارىلىغان بۇ سىستېما بۆرىلەرنىڭ توپلىشىپ ئوۋلاش تاكتىكىسىغا تەقلىد قىلىنغان. سىستېما چارلىغۇچى، بوزەك قىلغۇچى ۋە ھۇجۇمچى بۆلەكلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، درۇنلار ئاسماندىن نىشاننى بېكىتىپ بېرىدۇ، يەردىكى روبوتلار بولسا شۇ ھامان ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ «ھاۋا-قۇرۇقلۇق ماس قەدەملىك ئاپتوماتىك جەڭ» مودېلىنىڭ پۇقرالارغا قارىتىلغان قورقۇنچلۇق بىر نۇسخىسىدۇر.
3. ئاپتونوم درۇنلار: ئەرزان ۋە ئۈنۈملۈك باستۇرۇش
خىتاي مىللىي مۇداپىئە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (NUDT) بىرلا ئەسكەرنىڭ 200 دىن ئارتۇق ئاپتونوم درۇن توپىنى (Drone Swarm) باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى ياراتتى. بۇ درۇنلار ئىنساننىڭ بىۋاسىتە كۆرسەتمىسىسىز قارار چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلالايدۇ:
- ماس قەدەملىك ھۇجۇم: نىشانلارنى ئۆزلىكىدىن بۆلۈشۈپ زەربە بېرىش.
- خىمىيەلىك باستۇرۇش: بەلگىلەنگەن مەيدانغا ياش ئاققۇزۇش گازى چاچقۇزۇش.
- فىزىكىلىق تۇتۇش: تور تاشلاپ نامايىشچىلارنى چەكلەش.
- رەقەملىك جىمجىتلىق: سىگنال ۋە Wi-Fi نى كېسىۋېتىپ، ئۇچۇرنىڭ سىرتقا چىقىشىنى پۈتۈنلەي توسۇش.
4. گەۋدىلىك سۈنئىي ئەقىل: كوچىدىكى زامانىۋى زەنجىر
(CNBC) نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي «گەۋدىلىك سۈنئىي ئەقىل»نى (Embodied AI) دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەركىزىگە قويغان. سۈنئىي ئەقىل ئەمدى پەقەت ئېكراندىكى سان-سىفىر ئەمەس، بەلكى كوچىلاردا چارلايدىغان فىزىكىلىق روبوتلارغا ئايلانماقتا. بۇ ئۈسكۈنىلەر يۈز پەرقلەندۈرۈش، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ئاۋاز تەھلىلى ئارقىلىق پۇقرالارنى 24 سائەت ئىزلايدۇ. بۇ خۇددى ھەر بىر پۇقرانىڭ يېنىدا بىر كۆرۈنمەس ساقچىنىڭ ئەگىشىپ يۈرۈشىگە باراۋەردۇر.
خۇلاسە: مەسئۇلىيەتسىز زۇلۇم
بۇ سىستېمىدا «مەسئۇلىيەتنىڭ تارقىلىپ كېتىشى» (Diffusion of Responsibility) ئەڭ چوڭ خەتەردۇر. بىر ئالگورىزىم خاتا قارار چىقارسا، سوتقا تارتىدىغان كونكرېت بىر شەخسنى تاپقىلى بولمايدۇ؛ پروگراممىچى كودنى، ھەربىي قوماندان سىستېمىنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ زۇلۇمنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ، ئۇنى ۋىجدان ۋە ئەخلاق سورىقىدىن خالىي بىر «سىستېما خاتالىقى»غا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنى ناتسىستلارنىڭ بىيۇروكراتىك قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاپتوماتلاشقان زامانىۋى نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ. سۈنئىي ئەقىل سىياسىي مۇستەبىتلىك بىلەن بىرىككەندە، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان، ئەڭ ئەقىللىق ۋە ئەڭ كۆرۈنمەس زۇلۇم ماشىنىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر بۈگۈن بۇ خەتەرگە قارشى بىر ئورتاق پوزىتسىيە شەكىللەنمەيدىكەن، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا كودلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان قاراڭغۇ بىر دۇنيا مىراس قېلىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
