ئۇيغۇر پوچتىسى، 29-يانۋار
خىتاي پۇقراسى گۇەن خېڭ دەرھال قويۇپ بېرىلمەيدۇ، چۈنكى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئەرز قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر سوتچىسى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە نازارەت قىلىش قىلمىشلىرىنى مەخپىي سىنغا ئېلىش ئۈچۈن زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بىر خىتاي ئۆكتىچىسىگە سىياسىي پاناھلىق بەردى.
38 ياشلىق گۇەن خېڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا نىيۇيورك شتاتىنىڭ شىمالىدا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان؛ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا چوقۇم زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىلىرى، «ۋال سترېت ژۇرنىلى» (The Wall Street Journal) تەھرىرات بۆلۈمىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىدىن كېيىن، ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇنى خىتايغا ئەمەس، بەلكى ئۇگانداغا دېپورت قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئاندىن دېكابىرنىڭ ئاخىرىدا، ھۆكۈمەت بۇ تەلىپىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، ئەمما گۇەن ئەپەندى كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغان.
سوتچى چارلېس م. ئوسلاندېر گۇەن ئەپەندىنىڭ بەرگەن گۇاھلىق سۆزىنى «ئىشەنچلىك ۋە ھەقىقەتكە ئۇيغۇر» دەپ باھالىدى. سوتچى ئوسلاندېر بىر قاتار ئامىللارنى تىلغا ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئىلگىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەنلىكىمۇ بار. ئۇ يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سوتقا سۇنغان بىر پارچە خېتىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا گۇەن ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتىكى رولى تەسۋىرلەنگەن.
دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتى نىلېس گېررىي سوت جەريانىدا مىنىستىرلىقنىڭ بۇ قارار ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتتى. مىنىستىرلىكنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن 30 كۈن ۋاقتى بار بولۇپ، بۇ جەرياندا گۇەن ئەپەندى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ.
بۇ قارار ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى جەريانىدا كۆرۈلگەن ئاز ئۇچرايدىغان بىر مەغلۇبىيەتتۇر. نۆۋەتتە سىياسىي پاناھلىق دېلولىرىدا غەلىبە قىلىش ئىنتايىن قىيىنلاشقان. ئەمما قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گۇەن ئەپەندىنىڭ تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە ئىكەن.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات — ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ ئورگان سىرتىدىكى ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى رەيھان ئەسەت: «گۇەن ئەپەندىنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ خاتىرىلىگەن كۈچلۈك دەلىللىرى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشىگە مۇھىم سالماق قوشقان» دېدى. رەيھان ئەسەت خانىمنىڭ ئىنىسى 2016-يىلىدىن بېرى قاماقتا تۇرماقتا.
گۇەن ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى چاغدا كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرغانلىقىنى، سىياسىي پاناھلىق تەرەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىدا قانۇنلۇق ئىشلەش رۇخسىتى بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، خادىملار بۇنىڭغا قىزىقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گۇەن ئەپەندى ئەينى چاغنى ئەسلەپ: «ئۇلارنىڭ دىققىتى ئاساسلىقى مېنىڭ ئامېرىكىغا قانداق كەلگەنلىكىمگە مەركەزلەشتى، شۇڭا مەن ئۇلارغا راستىنى ئېيتتىم»، دېدى.
گۇەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. تەيۋەندە ياشايدىغان ئانىسى لو يۈننىڭ ئېيتىشىچە، لاگېرلارغا ئائىت سىن ماتېرىياللىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گۇەن ئەپەندىنىڭ خىتايدىكى ھەتتا يىراق تۇغقانلىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى دېكابىردا ئۇنى خىتاي بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان ئۇگانداغا دېپورت قىلىشقا ئۇرۇنغاندا، گۇەن ئەپەندىنىڭ ئەندىشىلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇ: «بۇ بەكلا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشتەك تۇيۇلدى»، دېدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، مەزكۇر ئورگان يېڭى بىر كۆرسەتمە چىقىرىپ، ئۇگانداغا دېپورت قىلىشنى پەقەت كۆپىنچە باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بىلەنلا چەكلىدى.
بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان جەبىر-جاپالارغا قارىماي، گۇەن ئەپەندى ئامېرىكىغا قېچىپ كېلىش قارارىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، بىر نەچچە يىلدىن بېرى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك ترامپ ئەپەندىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە قاتتىق سىياسەت قوللانغانلىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دەل سىياسەت قىستىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا كېلىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ: «مەن پەقەت سەل تەلەيسىزرەك بولۇپ قالدىم، بارلىق گەپ شۇ يەردە»، دېدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا قانۇنغا بويسۇنىدىغان بىر دۆلەت ئىدى. ئۇ ئۆز كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىز ئارقىلىق فلورىدا ساھىلىغا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بىر ئاپتوموبىلنىڭ يول ئېغىزىدا توختىغانلىقىنى يىراقتىن كۆزەتكەن. ئۇ: «ئەتراپتا ھېچكىم يوق، ماشىنىمۇ يوق، ئادەممۇ يوق ئىدى، شۇنداقتىمۇ شوپۇر يەنىلا قائىدىگە ئەمەل قىلىۋاتاتتى. بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى»، دەپ ئەسلىدى.
گۇەن ئەپەندى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئۇزۇن كۈنلەرنىڭ ئۆزىگە ئويلاش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بەرگەنلىكىنى ۋە ھاياتىدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش ياساشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىلگىرى يالغۇز يۈرۈشنى، ئۆز ئالدىغا تۇرۇشنى ياقتۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئەمما تۈرمىدە تۇرۇش جەريانىدا باشقا تۇتقۇنلار بىلەن دوستلىشىپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە كامېروندىن كەلگەن بىر كۆچمەن ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئېغىر بىر مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم قىلغان.
بۇ ئەھۋال گۇەن ئەپەندىگە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇردى. ئۇ: «باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خالايمەن، بەلكىم بۇ مېنىڭ ئۆز ھاياتىمنىڭمۇ مەزمۇنلۇق بولۇشىغا ياردەم قىلار»، دېدى.
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئالاقىدار خەۋىرى ئاساسىدا تەييارلىغۇچى: تايىر ئىمىن
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
