ئۇيغۇر پوچتىسى 15-دېكابىر
نەچچە يىللاردىن بېرى، ئۆزلىرىنىڭ لاگىر ۋە خىتايمنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى ھايات كەچمىشلىرىنى خەلقئارا جامائەتكە سۆزلەپ، دۇنياغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن لاگىر شاھىتلىرىدىن ئۆمەربېك ئالى، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت، قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىقلار ”ئۇيغۇر پوچتىسى“نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە بۇ يېڭى تاراتقۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
قەلبىنۇر سىدىق مۇنداق دېدى: «مەن بىر جازا لاگىرى شاھىدى بولۇش سۈپىتىم بىلەن «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ھازىرقىدەك خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش، دۇنيا ۋە خەلقئارادا شەرمەندىچىلىكىنى يېپىش ئۈچۈن ھەر خىل يالغان سەھنە ياساپ، يالغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەپ تارقىتىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تىلىدىكى، كەسپىيلەشكەن ۋە ئىشەنچىلىك ئاخبارات بولغان «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ قۇرۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تارتقۇنىڭ قۇرۇلۇشى ۋەتىنىمىزدىكى چارىسىز قالغان شۇ خەلقىمىزگە خەيرلىك بولسۇن.»
زۇمرەت داۋۇت مۇنداق دېدى: « ‘ئۇيغۇر پوچتىسى’ جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن راستچىل خەۋەر، پايدىلىق ئۇچۇر، سەۋىيەلىك مەزمۇن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بىر مەنبە بولغۇسى. ”ئۇيغۇر پوچتىسى“دا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق جاپاكەشلەرنىڭ ئەمگىكىگە ئۇتۇق، ئىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت، يولىغا بەرىكەت تىلەيمەن.»
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن مۇنداق دېدى: «’ئۇيغۇر پوچتىسى’نىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن ناھايىتى خوش بولدۇم. بۇ تاراتقۇ بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى، ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتا چوڭ رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن. خىتاي يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنىۋاتقان بىر پەيتتە، ‘ئۇيغۇر پوچتىسى’نىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن بەك خوش بولدۇم.»
ئۆمەربېك ئالى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ئۆچۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۆزىمىزنىڭ تاراتقۇسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بەك مۇھىم. مەن ‘ئۇيغۇر پوچتىسى’نىڭ بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ھەمدە قولىمىزغا قول، پۇتىمىزغا پۇت بولالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
