ئۇيغۇر پوچتىسى، 27-فېۋرال

ئالىپ

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch) يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسدا، 2025-يىلى فېۋرالدا تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى ۋە ئۇلار بىلەن «توسالغۇسىز كۆرۈشۈش» ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

تەشكىلاتنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇلغان بۇ كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزچىل يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خەلقئارا قانۇن بويىچە «مەجبۇرىي غايىب قىلىش» قىلمىشى ھېسابلىنىدىكەن.

تايلاند ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەرەللىك زىيارەت قىلىپ تۇرۇش ۋەدىسىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 2025-يىلى ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ بۇ زىيارەتلەر ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان. ئۆتكەن يىلى ئىيۇندىكى زىيارەتلەرمۇ تايلاند ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىيارەتلەر بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش ۋە تايلاندنىڭ مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشىنى ئاقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارالماقتا.

تايلاند ھۆكۈمىتى 2025-يىلى فېۋرالدا، بېيجىڭنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ۋە تەلىپىگە بىنائەن، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن پاناھلىق تىلەپ قېچىپ چىققان ۋە تايلاندتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە 10 يىلدىن ئارتۇق قامالغان 40 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەن. ئەينى چاغدا ئۇلار دېرىزىلىرى پۈتۈنلەي قارا رەخت بىلەن توسۇلغان يۈك ماشىنىلىرىدا بانكوك ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بانكوكتىن قەشقەرگە قايتۇرۇلغان. بۇ، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 2015-يىلىدىكى چوڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش پاجىئەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى ئىككىنچى قېتىم كوللېكتىپ ھالدا خىتايغا قايتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ قىلمىشنى خەلقئارا قانۇندىكى «مەجبۇرىي قايتۇرماسلىق پىرىنسىپى» (non-refoulement) نىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى، دەپ تەكىتلىدى. چۈنكى، بۇ كىشىلەر خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، قىيىن-قىستاق ۋە باشقا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارغا ئۇچراش خەۋپىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى.

تايلاند ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى رەسمىي تاراتقۇلىرىدا بۇ مەجبۇرىي قايتۇرۇشنى «ئائىلىسى بىلەن جەم قىلىش» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمما قايتۇرۇلغانلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۇلاردىن ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالماي كەلمەكتە. قايتۇرۇلغانلارنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئائىلە ئەزالىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساختا «ئائىلە جەم قىلىش» باھانىسىنى قاتتىق رەت قىلماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، يېڭىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى تايلاند ۋە خىتايغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىپ، مەزكۇر 40 كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا چاقىرغان.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ