istanbuldiki-teklimakan-kitaphanisi-nime-uchun-taqaldi
ئۇيغۇر پوچتىسى، 29. نويابىر
مۇھەممەد ئابدۇمىجىت
ئالتە يىل جەريانىدا نەچچە يۈزلىگەن ئاپتورنىڭ 600 پارچىغا يېقىن ھەرخىل ساھە ۋە ژانىرغا ئايىت كىتابلىرىنى تەكرار ياكى يېڭىدىن نەشر قىلىپ تارقاتقان ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان كىتابخانىسى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سانىنىڭ ئازىيىشى، بازار ئېھتىياجىنىڭ تۈگىشى ۋە قوللاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك تاقىلىشقا دۇچ كەلدى. نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇنى نەشرىيات خىزمىتىدىكى «يالغۇزلۇق» دەپ خۇلاسىلىدى. بۇ ئورۇننىڭ تاقىلىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كىملىك ۋە ئەدەبىياتى دۇچ كىلىۋاتقان ئېغىر كرىزىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە، نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە چوڭقۇر ئەندىشە پەيدا قىلدى.
كىتابخانا قۇرغۇچىسى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تاقىلىش قارارىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبىنى بازار ئېھتىياجىنىڭ يوقىلىشىغا باغلىدى:
«بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى كىتابقا بولغان ئېھتىياج ئاساسەن تۈگىدى، كۈنلەپ ئادەم كىرمىدى. مەن بىر يىلدىن بېرى دۇكاننىڭ ئىجارىسىنىمۇ ئۆز يېنىمدىن چىقىرىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، تاقاشقا مەجبۇر بولدۇم.»
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ مەزكۇر كىتابخانىنى ۋە نەشرىياتنى ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئاچقان: «بۇ كىتابخانىنى ئېچىشتىكى مەقسەت سودا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات مەدەنىيەت ھاياتىنى چەتئەلدە ساقلاپ قېلىشقا ھەسسە قوشۇش ئىدى. ئەگەر ئېھتىياج داۋاملاشقان، كىشىلەرنىڭ كىتابقا بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان بولسا، ئىقتىسادىي بېسىملارغا قارىماي داۋاملاشتۇرغان بولاتتىم.» ئابدۇجىلىل تۇران ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە،«تەكلىماكان» نامى بىلەن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىق ھالەتتە چەتئەلدە يېزىلغان كىتابلاردىن تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا كىتاب بېسىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ۋەتەندە نەشر قىلىنغان كىتابلارمۇ ئېھتىياجغا قاراپ رەقەملىك مەتبەئە قىلىپ بېسىپ تارقىتىلغان. بۇلارنىڭ سانىمۇ 300 ئەتراپىدا بولۇپ، جەمئىي 600 پارچىغا يېقىن كىتابنى مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزگە سۇنغان. ئۇ يەنە ئاتايىن تەكىتلەپ،ۋەتەندە نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئەسلى نەشر ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلىنمىغان ئاساستا ۋە غەيرىي تىجارىي مەقسەتتە بېسىپ سېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» ۋە «1984» [1] ناملىق دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلغۇچىسى، يازغۇچى ۋە تەرجىمان ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندىمۇ مەزكۇر كىتابلارنىڭ ئابدۇجىلىل تۇراننىڭ ياردىمى بىلەن چەتئەلدە قايتىدىن بېسىپ تارقىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پىلانلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان «100 نادىر كىتاب» پروجېكتىگە ئائىت 20 دىن ئارتۇق كىتابنىمۇ ئابدۇجىلىل تۇران نەشر قىلىپ تارقاتقان.
«تەكلىماكان كىتابخانىسى» يالغۇز بىر كىتابخانا بولۇپلا قالماي، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە ھەسسە قوشۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئابدۇجىلىل تۇران ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«تەكلىماكان كىتابخانىسى بىرىنچىدىن چەتئەلدە ئانا تىلدا ئەسەر نەشر قىلغۇسى بار يازغۇچىلارغا بىۋاسىتە نەشر قىلىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بەردى. ئىككىنچىدىن، كىتابخانا يالغۇز سېتىش ئورنى بولۇپلا قالماي، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزى بولۇش رولىنى ئوينىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنداقلا چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار مۇراجىئەت قىلىدىغان ئىشەنچلىك ماتېرىيال ئامبىرى بولۇپ بەردى. ئاخىرقىسى، كىتابخانىغا كىرگەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇرمەن، بولۇپمۇ ياشلار ئانا تىلى مۇھىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.»
يازغۇچى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا تەكلىماكان كىتابخانىسى ۋە ئابدۇجىلىل تۇران ئەپەندىنىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بەردى:
«چەتئەلدە، بولۇپمۇ تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە تىلشۇناسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئابدۇجىلىل تۇران ھاجىم بىلەن كۆرۈشمىگەنلىرى يوق دېيەرلىك. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ دوكتورلۇق ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا، ئۇنىڭدىن كۆپ ياردەم ئالدىم. مەسىلەن: مۇھەممەت ئەلەم ئاخۇننىڭ «خوتەن تەزكىرىسى»، مۇھەممەت زەرف قاراجىمنىڭ «پەرغانە ۋە قەشقەر تارىخى» قاتارلىق، تېپىش قىيىن بولغان بىرىنچى قول مەنبەلەرنى ھاجىم ئارقىلىق تاپتىم ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ پايدىلاندىم. ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭمۇ «تەكلىماكان» كىتابخانىسى ۋە ھاجىمنىڭ ياردىمىنى ئالمىغانلار يوق دەپ قارايمەن.»
«نەشرىياتچىلىق ھاياتىڭىزدا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن باشقا سىزگە ئەڭ چوڭ بېسىم بولغان ئامىل نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئابدۇجىلىل تۇران ئەپەندى مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
رەسمىي ھالەتتە سىياسىي ياكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر بېسىمغا دۇچ كەلمىدىم. لېكىن، ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىنسانلارنىڭ ھەمكارلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك، يەنى نەشر خىزمىتىدە يالغۇز قېلىش ۋە ياردەملىشىدىغان ئىنسانلارنىڭ ئازلىقى بولدى. مەن ئەڭ ئېغىر ھېس قىلغان نۇقتا بولسا، ھەمكارلاشقۇچىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بولدى. ھەتتا بۇرۇن خالىسانە قىلىدىغان تەرجىمە ئىشى ئۈچۈن ھازىر پۇل بەرسىڭىزمۇ پىششىق، سۈپەتلىك قىلىپ بېرىدىغان كىشىنى تېپىش قىيىنغا توختايدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئاساسەن خىزمەتلەرنىڭ يۈكى يالغۇز مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى. بۇ «يالغۇزلۇق» كىتابخانىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمدىن بەكرەك بېسىم پەيدا قىلدى.
يازغۇچى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،«تەكلىماكان» كىتابخانىسى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئۇيغۇرچە كىتابخانىلارنىڭ تاقىلىپ كېتىشى قارىماققا پەقەت بىر تىجارەت ئورنىنىڭ ئاخىرلىشىشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي ئەھۋالىنى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاقالغان «ھىرا» كىتابخانىسى ۋە «سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى»نى تىلغا ئېلىپ، كىتابخانىلارنىڭ تاقىلىشىنىڭ مىللەتنىڭ قوللىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيەگە ئوخشاش، ئەڭ ئاز دېگەندە 40 ياكى 50 مىڭ ئۇيغۇر بار دەپ قارالغان يەردە، يەنە كىلىپ ئۇلارنىڭ 15 مىڭدىن كۆپى ياشاۋاتقان ئىستانبۇلدا بۇ كىتابخانىلارنىڭ تاقىلىپ كېتىشى، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرلىرىمىزنىڭ يۈزىگە سېلىنغان قاتتىق بىر تەستەك. بۇ تاقىلىش ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىمىزنى ساقلايمىز دېگەن شۇئارنىڭ ئەمەلىيەتتە يالغانلىقىنى، مىللەتنىڭ بولسا <پالتا چۈشكۈچە كۆتەككە ئارام> پەلسەپىسى بويىچە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ جىسمانىي ئېھتىياجىنىلا كۆزدە تۇتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، مەنىۋى ئېھتىياجىمىزنى ئۇنتۇپ كەتسەك، بارغانچە ھايۋانىيلىققا قاراپ يېقىنلاشقان بولىمىز. كىتابخانىلارنىڭ تاقىلىپ كېتىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقى خىتاينىڭ ۋەتەندە يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە يىراقتىن ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقىمىزنى، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئۆلتۈرىۋېلىش سېپىگە ئەزا بولۇۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى يەنە،«تەكلىماكان» كىتابخانىسىنىڭ تاقىلىشى سەۋەبلىك تەتقىقاتچى، يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇھىم بىر پايدىلىنىش مەنبەسىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، كىتابخانىنىڭ شەكىل جەھەتتىن تاقىلىپ كېتىشىنىڭ پىسخىكىلىق زەربىسى زور بولۇپ، قوللاشنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبلىك يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارئېغىر بېسىم ھېس قىلىشى، ھەتتا تەتقىقات قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىلىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى بارلىق يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار قوللاشقا مۇھتاچ بولۇپ، ئەگەر قوللاش بولمىغاندا، بۇ ساھەدە ئىش قىلىۋاتقانلار ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئېنېرگىيەسىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرى ئېغىر دەرىجىدە سۇسلىشىشقا قاراپ ماڭىدىكەن.
زىيارەت ئەسناسىدا ئابدۇجىلىل تۇران ئەپەندىدىن: «كىتابخانا تاقالغان بولسا، سېتىلمىغان كىتابلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش پىلانىڭىز بار؟ ئۇلار ھازىر نەدە ساقلىنىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدۇق. مۇھاجىرەتتە نۇرغۇن كىشىنىڭ بۇ مەسىلىگە ناھايىتى قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئىلاۋە قىلدۇق.
ئابدۇجىلىل تۇران ئەپەندى: «تەكلىماكان كىتابخانىسى» تاقالغان بولسىمۇ، «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» ئەمەلدىن قالغىنى يوق. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى داۋاملىق نەشر خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سېتىپ چىقىرىلمىغان كىتابلارغا كەلسەك، ئىستانبۇلدىكى بىر خەيرسۆيەر ئۇيغۇر ۋاقىتلىق ئورۇن بېرىپ تۇردى؛ كىتابلارنى ھازىرچە شۇ يەردە قويۇپ تۇردۇق. پىلانىمىز بويىچە، ئىستانبۇلدا بولغان ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئالدىن كېلىشىپ ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، ئۇنىڭ سىرتىدىكىلەرگە پوچتا ياكى باشقا يەتكۈزۈش قاناللىرى ئارقىلىق سېلىپ بېرىشكە ھەردەم تەييارمىز.» دەپ جاۋاب بەردى.
ئابدۇجىلىل تۇران ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق يازغۇچىلارنى داۋاملىق قەلەم تەۋرىتىشكە ئىلھاملاندۇردى:
«نەشر قىلىدىغان كىتاب بولسا، يازغۇچىلىرىمىز مېنى ئىزدەسە بولىدۇ. تىراژى كۆپ بولمىسىمۇ مەيلى، ئېھتىياجغا قاراپ رەقەملىك بېسىپ، يەتكۈزۈپ بېرىمىز. كىتابخانىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى يازغۇچى دوستلارنى مەيۈسلەندۈرمىسۇن، يازغۇچىلار تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، داۋاملىق قەلەم تەۋرىتىشى كېرەك. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، قىسقىسى ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەنمىز داۋاملىق يېزىشىمىز كېرەك؛ يېزىش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.»
ئىگىلىنىشچە، 2010- يىلىدىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئاشقان. بۇنى كۆزدە تۇتۇپ، «سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى»، «ھىرا كىتابخانىسى»، «تەكلىماكان كىتابخانىسى» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك كىتابخانىسى» قاتارلىق كىتابخانىلار ئېچىلغان. ئەپسۇسكى، 2021- يىلى مارت ئايلىرىغا كەلگەندە «ھىرا كىتابخانىسى»، 2023- يىلى 1دېكابىردا بولسا «سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى» مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاقالغان. ئابدۇجىلىل تۇراننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، «تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسى» 2017- يىلى ئېچىلغان ۋە ئوخشاش نام دا قانۇنىي رەسمىيەتلىك نەشرىيات ئەنگە ئېلىنغان بولۇپ، 2025-يىلى نويابىر ئېيىدا بۇ كىتابخانىمۇ ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن تاقىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئىنتېرنېتتا ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەپ كىلىۋاتقان كېلىۋاتقان ئالماس ھاجى بۇ ھەقتىكى قايغۇسىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «ئىستانبۇلنىڭ تار كوچىلىرىدىن ئورۇن ئالغان بىر قانچە ئۇيغۇر كىتابخانىلىرى يېقىندىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىپ ئاخىرىدا شۇ ”تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسى“ قالغان ئىدى. بۇرۇنمۇ تاقلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىستامبۇلدا ئۇيغۇر كىتابخانىسى يوق بولدى. بۇ كىتابخانا ”تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى“ بىلەن تومۇرداش بولغاچقا، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا بۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ ئىدى. بۇنىمۇ قوغداپ قالالمىدۇق. چوڭ-چوڭ گەپلىرىمىز قەغەزدە قالدى، پىلانلىرىمىز ئىچىدە ئوقۇتۇش ۋە كىتابلار بولمىدى. ئەپسۇس، بۇنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىمىز. ئەڭ ئاز دېگەندە 50-60 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان ئىستامبۇلدا بىرمۇ ئۇيغۇر كىتابخانىسى قالماپتۇ. بۇمۇ بىزگە دەرت ئۈستىگە دەرت بولدى.»
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر پائالىيەتچى رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، نەشرىيات ۋە مەكتەپلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەرەققىيات فوندى ئارقىلىق قوللاشقا سەپەرۋەر قىلغان.
ئىلگىرى ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەكلىماكان كىتابخانىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەكلىماكان كىتابخانىسى مۇھاجىرەتتە ئۆزى تەكلىماكان نەشرىياتىدا كىتاب باستۇرۇپ، ئۆزى تارقىتىپ كۆپ جاپا چەكتى (ياكى نۇرغۇن ئەمگەك قىلدى.»

[1] ئابدۇرېھىم دۆلەت ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغان بولۇپ، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىىپىدىن نەشر قىلىنغان.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
