ئۇيغۇر پوچتىسى

2026-يىلى 20-فېۋرال

2026-يىلى 16-فېۋرال ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى كۆرسەتكۈچى 2025» رەسمىي ئېلان قىلىندى. مەزكۇر دوكلات خىتاي كونتروللۇقىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ۋە رەقەملىشىۋاتقان سىستېمىلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى نۇقتىلىق يورۇتۇپ بەردى.

«شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى (ETHR)» تەرىپىدىن تەييارلانغان كۆرسەتكۈچ ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى نەسلىشاھ سۇلتان مەدەنىيەت مەركىزىدە تونۇشتۇرۇلدى. مۇراسىمدا دوكلاتنىڭ مېتودولوگىيەسى، ئاساسلىق بايقاشلىرى ۋە ئانالىز ئۇسۇللىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

دوكلات ئاپتورى، ETHR تەتقىقاتچىسى زەھرانۇر ئەرتەك بۇ كۆرسەتكۈچنى پەقەت ئەنئەنىۋى دوكلات ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق سانلىق مەلۇمات ساندانى (Database) دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2024-يىللىق خەۋەر كۆزىتىش ئاساسىدا تەييارلانغان بۇ نۇسخا، دەپسەندىچىلىكنىڭ قۇرۇلمىلىق خاراكتېرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چوڭقۇر ئانالىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كۆرسەتكۈچ بىر يىل داۋامىدا ئەرەبچە، خىتايچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە قاتارلىق تىللاردىكى ئوچۇق مەنبەلىك خەۋەر ۋە خەلقئارالىق دوكلاتلارنى سىستېمىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۈزۈلگەن. ئۇ ئايلىق يۈزلىنىشلەرنى ئىز قوغلاپ، نەق مەيدانغا بىۋاسىتە كىرىش ئىمكانى بولمىغان شارائىتتا ھۆججەتلەشتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا دەپسەندىچىلىكلەر 14 تېمىغا ئايرىلغان. بۇلار ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، بالىلار ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى، دىنىي زىيانكەشلىك، دۆلەت ھالقىغان بېسىم، رەقەملىك نازارەت ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوكلات پەقەت سانلىق مەلۇماتلارنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى بويىچە باھالايدىغان، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي ئۆلچەملىرىنى تەكشۈرىدىغان ئەتراپلىق ئانالىز ماقالىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساسلىق بايقاشلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى (شەرقىي تۈركىستان) باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ سان جەھەتتىن كۈچەيگەنلىكى تەكىتلەنگەن. بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پىروگراممىلىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە نازارەت سىستېمىسىنىڭ سۈنئىي ئىدراكقا تايىنىدىغان ئاپتوماتىك شەكىلگە ئۆزگەرگەنلىكى ئالاھىدە قەيت قىلىنغان. كامېرالار، ئالگورىزىملار ۋە غايەت زور ساندانلار ھازىر شەخسلەرنى «يوشۇرۇن تەھدىت» سۈپىتىدە تۈرگە ئايرىشقا ئىشلىتىلىۋاتقانلىغى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. دوكلاتتا بۇ ھالەت «رەقەملىك ئاپارتېيد (تېخنىكا ئارقىلىق يولغا قويۇلغان ئىرقچىلىق) » دەپ ئاتالغان.

مەزكۇر كۆرسەتكۈچ بېيجىڭنىڭ «پاراۋانلىق ۋە ئىناقلىق» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىمۇ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ دەپسەندىچىلىكلەرنى يوشۇرۇش مېخانىزمى سۈپىتىدە قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى پاش قىلدى.

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سۆزلىرى

MAZLUMDER نىڭ رەئىسى كايا كارتال (Kaya Kartal) مەزكۇر كۆرسەتكۈچنى رېئاللىقنى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن خاتىرىلەيدىغان، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەت دەپ يۇقىرى باھالىدى. ئۇ بۇ خىزمەتنىڭ خەلقئارالىق قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ئاساس بولالايدىغانلىقىنى، ئىنسان قەدىر-قىممىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان تىرىشچانلىقلار بىلەن ماس كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئاكادېمىك جەھەتتىكى تۆھپىسىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتى (UMHD) نىڭ ھەيئەت ئەزاسى زەينەپ ئەرتېكىن (Zeynep Ertekin) بۇ ھۆججەتنى ئۇزۇن مۇددەتلىك رەسمىي خاتىرە قالدۇرۇش جەھەتتە تولىمۇ قىممەتلىك دەپ تەسۋىرلىدى.
يەر يۈزى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن دىشلى (Hüseyin Dişli) ئۆزلىرىنىڭ تەۋرەنمەس قوللىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز پەلەستىن، غەززە، يەمەن ۋە ئاراكانغا قانداق سەزگۈرلۈك بىلەن قارىساق، شەرقىي تۈركىستانغىمۇ شۇنداق قارايمىز. بۇ دەۋاغا پارچىلاپ ئەمەس، پۈتۈنلۈك ئىچىدە قاراش كېرەك. بىز بۇ مەسىلىنى پەقەت <غەرب لاگېرىنىڭ سىياسىي مەنپەئەت توپلاش ھەرىكىتى> دەپ كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق قاراشنى رەت قىلىمىز.» ئۇ يەنە دوكلاتنىڭ پەقەت يەككە دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى بىر خەلقنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىنى سىستېمىلىق يوقىتىش ھەرىكىتىنى خاتىرىلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
«شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى كۆرسەتكۈچى 2025» يۈز بېرىۋاتقان كرىزىس ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسلانغان يېڭى مەلۇماتلارنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە، سېلىشتۇرما قىلىش ۋە ھۆججەتلەشتۈرۈشكە تايانغان ئۈزلۈكسىز كۆزىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ كۆرسەتكۈچ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي باستۇرۇش ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى دۇنيانى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىرماقتا.

دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ETHR نىڭ تور بېكىتى ethrw.org دىن كۆرگىلى بولىدۇ. بىۋاسىتە PDF ئۇلىنىشى: https://ethrw.org/wp-content/uploads/2026/02/index2025.pdf


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ