ئىستانبۇلدا ھىرا مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى تەبرىكلەندى
ئۇيغۇر پوچتىسى، 16-دېكابىر
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئىنگىلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى»دە تۈركىيەدىكى ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى بىرىنجى، ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجى دەرىجىلەر بويىچە يەتتە مىڭ، بەش مىڭ، ئۈچ مىڭ تۈرك لىراسى نەخ پۇل مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
كۆكبىكە
2025-يىلى 12-دىكابىر ھىرا پەن -تېخنىكا ۋە تەرەققىيات ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن توردا ئېنگىلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇسابىقىگە 15 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان 20 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشتى.
مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان يۈزدىن ئارتۇق ئىنگىلىزچە نۇتۇق ۋىدىيوسى ئىچىدىن ئەڭ توغرا تەلەپپۇز بىلەن ئەڭ كۆپ تېكىسىت يادلىغان ئوقۇغۇچىلار ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدىكى مۇتەخەسىس ئۇستازلار تەرىپىدىن باھالىنىپ تاللاپ چىقىلدى.
ئىگىللىنىشىچە بۇ قېتىمقى ئېنىگىلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ھىرا پەن-تېخنىكا ۋە تەرەققىيات ۋەخپىنىڭ تۆتىنجى قېتىملىق توردا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشى ئىكەن.
ھىرا پەن تېخنىكا ۋە تەرەققىيات ۋەخپى رەئىسى لوقمانجان مۇئەللىم بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
ھىرا مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيتىنىڭ چىقىملىرىنى تېجەپ مائارىپقا ئىشلىتىش مەقسىتىدە مۇسابىقىنى توردا ئۆتكۈزدۇق. بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلاردا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتە بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېنگىلىز تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈشى، پەن-تېخنىكىغا يۈزلىنىشى ۋە دۇنيانى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
