يانۋار 15, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى،12- يانۋار

ئامىنە سەدەف

سۈرەتتە (سولدىن ئوڭغا) ئابدۇجېلىل تۇران، ئەركىن ئەكرەم، ئالىمجان بوغدا. 

10- يانۋار تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن زىيالىيلار، تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر ياشلاردىن تەركىپ تاپقان ئىككى يۈزدىن ئارتۇق مېھمان ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدىكى نېرۋانىس مېھمانخانىسىنىڭ مەرىكە زالىغا يىغىلىپ، ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، سىتراتېگىيە مۇتەخەسىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستۇتىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسنى تەقدىرلەش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمگە سوۋغا تەقدىم قىلىنماقتا. 

تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ پىلانلىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن تەشكىللەنگەن بۇ مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇجېلىل تۇران ۋە ھەرقايسى تەشكىلات، دەرنەك ۋەكىللىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا تەبرىك ۋىدىئوسى ئارقىلىق ئەركىن ئەكرەمگە بولغان مىننتدارلىقىنى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈردى. 

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى سۆزىدە  ھاياتىنى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاتىغان، ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە ۋەتىنىگە خىزمەت قىلغان تۆھپىكارلارنى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلەش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. 

مۇراسىم ئاخىرىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈلدى ۋە باشقا سوۋغاتلار تەقدىم قىلىندى.  


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading