ئۇيغۇر پوچتىسى, 26-فېۋرال
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، كومپيۇتېر تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى غەيرەت كەنجى ئەپەندى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان، ئاۋازنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان UyghurASR دېتالى ئېلان قىلىندى.
بۇ دېتالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:
- ئاۋاز ھۈججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش: ئاۋاز ھۈججەتلىرىنى نەق ۋاقىتتا تېكىستكە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ.
- سۆھبەتنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇش: مىكروفون ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنى بىۋاسىتە تېكىستكە ئايلاندۇرالايدۇ.
- يۇقىرى سۈرئەت ۋە قولايلىق: مەشغۇلاتى ئاددىي ۋە تېز.
ئەۋزەللىكى: بۇ دېتالنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز. دېتال تورغا ئۇلىنىشنى تەلەپ قىلمايدۇ (تورسىز شارائىتتىمۇ ئىشلەيدۇ)، شۇڭا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
چەكلىمىسى:
- سىستېما تەلەپلىرى: پەقەت Windows سىستېمىسىدا ئىشلەيدۇ.
- يېزىق شەكلى: ئاۋاز تونۇش نەتىجىسى لاتىن يېزىقىدا چىقىدۇ. سىز ئۇنى كۆچۈرۈپ «UyghurEdit» قاتارلىق قوراللار بىلەن ئەرەبچە يېزىققا ئاسانلا ئايلاندۇرالايسىز.
ئەسلى مەنبە: بىخەتەرلىك ئۈچۈن، دېتالنى پەقەت تۆۋەندىكى رەسمىي ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
