
ئۇيغۇر پوچتىسى 22- دېكابىر
ئامىنە سەدەف
18- دېكابىر خەلقئارا كۆچمەنلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە «كۆچمەنلىك، دېئاسپورا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتىيە» نامىدا يىغىن ئېچىلدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆچمەنلىك ۋە دېئاسپورا ۋەخپىنىڭ ھەركارلىقىدا ئېچىلغان بۇ يىغىنغا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بۈلەنت تۇران، ئائىلە ۋە ئىجتىمائى ياردەم مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لەمان يېنگۈن، كۆچ ۋە دېئاسپورا ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى رەجەپ سەييار ۋە بىرقىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى ھەمدە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى.
تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردىكى كۆچمەنلەر سىياسىتى ۋە قېرىنداشلىق ھەق- ھوقۇقىنى قوغداشنى نىشان قىلغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن ژۇرنالىست، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو- تېلۋىزىيە ئىدارىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلىمىنىڭ دېكتورى مىركامىل قەشقەرىي تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بۇلۇپ، ئۇ يىغىندا تۈركىيەدىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھۇقۇقى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئالتە تۈرلۈك تەكلىپ- لاھىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى:
1. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىدىكى ماتېريال قىيىنچىلىقى، يەنى تۇغۇت ئىسپاتى، نىكاھ گۇۋانامىسى، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق خىتايدىن ئېلىپ كىلىش قىيىن بولغان ھۆججەتلەرنى تەلەپ قىلماسلىق.
2. ئۇيغۇرلارنىڭ توڭلىتىلغان ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسلىرىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ، ئېنىقسىزلىق ۋە ئۈمىتسىزلىككە خاتىمە بىرىش.
3. گ87 چەكلىمە كودلىرى، دەلىل- ئىسپاتسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئىمزا قويۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىتېىتى قۇرۇپ چىقىش.
4. رەقەملىك ساختا ئۇچۇرلارغا قارشى تۇرۇش، يەنى ئىستراتېگىيىلىك ئۇچۇر ئېغىرى ۋە رەقەملىك ئالاقە قالقىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۈچلۈك دۆلەت ھالقىغان بېسىمى ۋە تور پاراكەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش.
5. تاراتقۇلاردا سىياسەتتىن ئۈستۈن بىر تىل بەرپا قىلىش. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەسىلىسىنى ئىچكى سىياسەتتىن ئايرىپ، مىللىي ئورتاق تونۇش ساھەسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش ۋە تۈركىيە رادىئو- تېلۋېزىيە نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تاراتقۇ ئەخلاقى خىتاپنامىسى ئېلان قىلىش.
6. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئاھىسكا ۋە قىرىم تۈركلىرىگە ئوخشاش ئالاھىدە قېرىنداشلىق قانۇنىي يولغا قويۇش. مىركامىل قەشقەرىينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرقى تەكلىپ- لاھىيەلىرى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرى، خەۋەر تورلىرى ۋە تېلۋىزىيە قاناللىرىدا ئارقا- ئارقىدىن ھەرخىل ماۋزۇلاردا ئېلان قىلىندى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
