ئۇيغۇر پوچتىسى، 22- يانۋار
ئۇيغۇرچىغا تەييارلىغۇچى: تايىر ئىمىن
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى بۈگۈن ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالى كومسسارلىقى ئىشخانىسى ئورگان تور بېىتىدە بايانات ئىلان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقى تۈركستان) ۋە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەمدە تىبەتلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاينىڭ نۇرغۇن ئۆلكىلىرىدە ئېتنىك مىللەتلەرگە چېتىلغان، دۆلەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ئەندىزىسى مەۋجۇت» دېدى. «نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، مەجبۇرلاش ئامىللىرى شۇنچە ئېغىر بولۇۋاتىدۇكى، بۇ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ياكى قۇل قىلىش بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.»
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك دۆلەت بۇيرۇغان «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» پىلانى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ پىلان ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى شىنجاڭ ۋە باشقا رايونلاردىكى خىزمەتلەرگە مەجبۇرلايدۇ. دوكلاتلارغا قارىغاندا، ئۇلار سىستېمىلىق نازارەت ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، جازالىنىش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشتىن قورقۇپ، خىزمەتتىن باش تارتىش ياكى خىزمەت ئالماشتۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. شىنجاڭنىڭ بەش يىللىق پىلانىدا (2021-2025) 13.75 مىليون ئادەم قېتىملىق ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پىلانلانغان بولۇپ، ئەمەلىي سانلار يېڭى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.»
مۇتەخەسسىسلەر يەنە تىبەتلىكلەرنىڭمۇ «تەربىيىلەش ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ھەرىكەت پىلانى» غا ئوخشاش سىستېمىلار ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى»نى سىستېمىلىق تەربىيىلەش ۋە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. «بۇ سىياسەتلەر ھەربىيچە كەسپىي تەربىيىلەش قاتارلىق مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرىغا يول ئاچماقتا. 2024- يىلى ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتىگە ئۇچرىغان تىبەتلىكلەرنىڭ سانى 650 مىڭغا يېقىنلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.»
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، تىبەتلىكلەر يەنە <پۈتۈن كەنتنى كۆچۈرۈش> پىلانى ئارقىلىق ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلماقتا. بۇ جەرياندا ئۆيلىرىگە قايتا- قايتا بېرىپ پاراكەندە قىلىش، يوشۇرۇن جازالاش تەھدىتى سېلىش، تەنقىدنى چەكلەش ياكى ئاساسلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتلىرىنى كېسىپ تاشلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇلار «قوشۇلۇش» قا مەجبۇرلانماقتا.
كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى ۋە خىتاي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز ب د ت نىڭ باياناتىدىن كېيىن X سۇپىسىدا مۇنداق باھا بەرگەن:
«ب د ت نىڭ تۆت نەپەر ئالاھىدە مەلۇماتچىسى ھەمدە سودا ۋە ئىنسان ھەقلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات، ھەر ئىككى رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەسۋىرلەنگەن ھەمدە بۇنىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنى بۇلغاۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. مەن بۇ باھالاشنىڭ ئاساسى بولغان ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلارغا تۆھپە قوشقان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ بايقاشلارنىڭ قەتئىيلىكى ۋە توغرىلىقىغا گۇۋاھلىق بېرەلەيمەن. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۈلگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ — ئېنىقكى، بۇ ب د ت ئالاھىدە تەرتىپ مېخانىزمىنىڭ <يەر تارتىۋېلىش> (يەر يۆتكەش) بىلەن نىشان قىلىنغان يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مەجبۇرىي مائاشلىق ئەمگەككە سۈرگۈن قىلىنىشى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر. يەر يۆتكەشنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئېشىشى ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان باغلىنىشى بىزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان شىنجاڭنىڭ يېزا- ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتىمىزدا ھۆججەتلىك ئىسپاتلانغان ئىدى.»
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېگەن: «2000- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، تەخمىنەن 3.36 مىليون تىبەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. رەسمىي ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، تەخمىنەن 930 مىڭ يېزىلىق تىبەتلەر پۈتۈن كەنت بويىچە ياكى ئائىلە بويىچە كۆچۈرۈلگەن.» ئۇلار يەنە: «بۇ ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پىلانلىرى ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىقابى ئاستىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەمدە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەمگەك ۋە يەر يۆتكەش سىياسەتلىرى ئۇلارنى يېزا ئىگىلىك ياكى كۆچمەن چارۋىچىلىققا تايىنىدىغان ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىپ، مائاشلىق ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا تاللىشى يوق جايلارغا مەجبۇرىي كۆچۈرمەكتە. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ تىلى، تاللىغان جەمئىيەتلىرى، تۇرمۇش ئۇسۇللىرى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئادەتلىرى يوقىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان ۋە يوقىتىشلارغا سەۋەب بولماقتا.»
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىشىگە قارىتا ئېغىر ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ نىشانلىق سودا چەكلىمىسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈمىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر سوئاللارنى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ۋە ئۇ يەردىن مال سېتىۋالغۇچى ياكى مەبلەغ سالغۇچىلار ھەمدە كارخانىلارنى «ب د ت نىڭ سودا ۋە ئىنسان ھەقلىرى يېتەكچى پرىنسىپلىرى» غا ئۇيغۇن ھالدا، تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەتەرلەرنى ئويلىشىپ، ئىنسان ھەقلىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. ئۇلار: «شىركەتلەر ئۆز تىجارىتى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى ۋە ب د ت مۇستەقىل ئىنسان ھەقلىرى مېخانىزمىنىڭ خىتايغا توسالغۇسىز كىرىشىگە يول قويۇش چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ماقۇللاپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئېھتىمالى بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىنى توسۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى. ئەمما ئىلگىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان ۋە ئاتالمش شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ «بەختلىك» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان ئىدى. بۇ دەۋالارنىڭ يالغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
