مەمەت ئېمىن دوختۇر

بەزى قىرىنداشلارنىڭ باشقىلارنى ئۆزى توغرا دەپ بىلگەن يولغا باشلاش ياكى مىللەتكە پايدىلىق دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ خاتالىقى ياكى ئۆزى توغرا بولمىدى دەپ قارىغان بەزى سۆز ھەركىتى ۋە قىلمىشىنى تۇتىۋىلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنى ئىنكار قىلىپ، پۈتۈنلەي يوققا چىقارماقچى بولغانلىقىنى دائىم ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز. ئۇ قىرىنداشلار كۆپۈنچە ئەھۋالدا گەرچە مىللەتنىڭ مەنپەھەتىنى چىقىش قىلغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما قوللانغان ئۇسۇلنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن بەزى ئەكىس تەسىر يارتىدىغانلىقىنى ئويلاپ يىتەلمىسە كېرەك.

ئۇنداقتا باشقىلارنى ھاقارەتلەش، غۇرۇرىنى سۇندۇرۇش ياكى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىجابىي جەھەتتىن ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟

ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ ئازراق خاتالىقىنى تۇتىۋىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىمىز توغرا دەپ بىلگەن يولغا باشلاش ياكى ئۇلارنى مىللەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلساق، ئۇلارنى ھاقارەتلىسەك، ھەتتا ئۇلارنى ئىنكار قىلىپ، يوققا چىقارساق، بەزىلەردە بەلكىم خىجالەت، قورقۇنچ ياكى مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى يارىتىپ، قىسقا مۇددەتلىك بىر «ئۆزگۈرۈش» پەيدا قىلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئەمەس.

بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

1.⁠ ⁠پىسخىكىلىق قارشىلىق كۈچىيىدۇ. ئادەم ھەقارەتلەنگەندە، مېڭە ئاپتوماتىك ھالدا «مۇداپىئە ھالىتى»گە ئۆتىدۇ. بىز ئېيتقان ئەقىلگە مۇۋاپىق گەپلەرمۇ ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەقەت ئۆزىنى قوغداش ۋە سىزگە ئۆچمەنلىك قىلىش بىلەن ئاۋارە بولىدۇ.

2.⁠ ⁠غۇرۇرنىڭ سۇنۇشى ئىنسانلاردا ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلىك پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ غۇرۇرىنى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتسا، ئۇ ئۆزىنى «ياخشىلىنىشقا لايىق ئەمەس» دەپ قاراشقا باشلايدۇ. «مەن شۇنداق ناچار ئادەم ئىكەنمەن، ئۆزگىرىپ نېمە قىلاتتىم؟» دەيدىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ، ئۇلار تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

3.⁠ ⁠مۇناسىۋەتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئۇسۇللار ئوتتۇرىدىكى ئىشەنچنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. ئۆزگىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «ئىشەنچ» ۋە «ھۆرمەت» لازىم. كىشى ئۆزىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، كەمسىتىدىغان ئادەمنىڭ سۆزىنى چىن كۆڭلىدىن قوبۇل قىلمايدۇ.

4.⁠ ⁠يوشۇرۇن ئۆچمەنلىك پەيدا بولىدۇ. قورقۇتۇش ياكى ھەقارەت بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ئادەم، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزىنى تۈزەتكەندەك كۆرسەتسىمۇ، ئارقىڭىزدا تېخىمۇ ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈشى، ھەتتا سىزدىن ئۆچ ئېلىش پىلانىنى تۈزۈشى مۇمكىن.

5.⁠ ⁠بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىنى تىخىمۇ يوشۇرۇن قىلىشىنى ۋە جامائەتتىن يىراقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىتىپاقلىق ۋە بىرلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھەقىقىي ئۆزگىرىش قانداق كېلىدۇ؟

باشقىلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا ئەڭ ئۈنۈملۈك:

1.⁠ ⁠ھۆرمەت قىلىش: قارشى تەرەپنىڭ شەخسىيىتىگە چىقىلماي، پەقەت خاتا قىلمىشىنى كۆرسىتىپ بېرىش.

2.⁠ ⁠ئىلھاملاندۇرۇش: ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلاردا «مەن تېخىمۇ ياخشى بولالايمەن» دەيدىغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇش.

3.⁠ ⁠ئۈلگە بولۇش: سۆز بىلەنلا ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرىكىتى بىلەن توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش.

قىسقىسى، باشقىلارنى ھاقارەتلەش، غۇرۇرىنى سۇندۇرۇش ياكى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىجابىي جەھەتتىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئۆچمەنلىك بىلەن يارىلانغان قەلب ھەرگىزمۇ گۈزەللىككە قاراپ تەرەققىي قىلمايدۇ. ئۆزگىرىش قورقۇنچىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئۆز ئارا سۆيگۈ ۋە قەدىرلىنىشتىن باشلىنىدۇ.

ئاپتور تېببىي پەنلەر دوكتورى مەمەت ئېمىن كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي مەركىزىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە، «ساغلام بولۇڭ» YouTube قانىلى ئارقىلىق خەلققە ساغلاملىق بىلىملىرىنى يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ