ئۇيغۇر پوچتىسى، 27-فېۋرال

جەنۋە – بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر تۈركۈم كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، تېخى بىر يىل ئىلگىرى تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىلگەن 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىدىن «قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى» ئاشكارىلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ھايات-ماماتى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە سۈكۈت قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2025-يىلى 27-فېۋرال كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كۈچلۈك سىياسىي بېسىمى ئاستىدا، خەلقئارا قانۇندىكى «قايتۇرماسلىق» (non-refoulement) پرىنسىپىغا تۈپتىن خىلاپ ھالدا، بۇ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ كىشىلەر قايتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بانكوكتىكى سۇئان فلۇ (Suan Phlu) تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تاشقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن ھالدا، كىشى چىداپ بولغۇسىز ناچار شارائىتتا قاماپ قويۇلغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، قانۇنىي ۋەكىللىرى ياكى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان.

باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «خىتاي تەرەپ بەزى ئىنكاسلارنى قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىشەنچلىك، ئەتراپلىق ۋە مۇستەقىل دەلىللەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ يوقلۇقى كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھېچقانداق جەزملەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدى، ھەتتا تۇغقانلىرىنىڭ ھايات-ماماتىنىمۇ بىلمەيدۇ.»

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن تەنقىدىي پوزىتسىيەدىكى ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» (transnational repression) سىستېمىسىنىڭ تىپىك بىر قىسمى دەپ سۈپەتلىدى. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» باھانىسى بىلەن تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ۋە يۇرت-جامائىتىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، قورقۇتۇش ۋە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلىغان.

«بۇ خىل سىستېمىلىق قورقۇتۇش ۋە نازارەت قىلىش مۇھىتى ئاستىدا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تۇغقانلىرىنى ئىزدەشتىن ياكى خەلقئاراغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىشتىن خەۋپسىرەپ قالغان» دېدى مۇتەخەسسىسلەر. ئۇلار يەنە مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇردى: «قانۇنىي كاپالەتتىن مەھرۇم قالدۇرۇش ۋە ئائىلىلەرنى جىمىقتۇرۇش كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئاچىدۇ. ئادالەتكە سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولمايدۇ.» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر 40 ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن توسالغۇسىز كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تايلاند ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىش قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنى بولسا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلدى.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ