فېۋرال 14, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 9-فېۋرال

كۆپلىگەن مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان لاگىر شاھىتى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ ئوغلى ئاخمەتجان سادىروف قازاقىستانغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، قازاقستاننىڭ ختاي بىلەن مۇناسۋىتى سەۋەبلىك ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارالماقتا.

ئاخمەتجان 2023-يىلىدىن باشلاپ ئاۋسترىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئاۋسترىيە دائىرىلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئىككى پەرزەنتى بولغان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە بېرىش ئۈچۈن بېلەت تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. ئاۋسترىيەنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن چىقىپ كېتىشنى تاللىغان كۆچمەنلەرنىڭ يول كىرىسى قامدىلىشى مۇمكىن. ئاۋسترىيە دائىرىلىرى دەسلەپتە سادىروفقا ئاستاناغا ئەمەس، بەلكى ئىستانبۇلغا بېلەت ئېلىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن يولغا چىققان. لېكىن، ئىستانبۇلغا يېتىپ بارغاندا، تۈركىيە تاموژنا خادىملىرى ئۇنىڭ كىرىشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنى ئاۋسترىيەگە قايتۇرۇۋەتكەن.

ئاۋسترىيەگە قايتقاندىن كېيىن، سادىروف دائىرىلەرگە ئىستانبۇلدىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولماقچى ئىكەنلىكىنى، جازالىنىش خەۋپى بولغان قازاقىستانغا ئەۋەتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا ئاستانىغا ئەۋەتىلمەيدىغانلىقى، بەلكى ئىستانبۇلغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بىراق، ئۇ ئايروپىلانغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى تۈركىيە ئارقىلىق قازاقىستانغا مەجبۇرىي يوللىماقچى بولغانلىقىنى بىلگەن. ئايروپىلان ئىستانبۇلغا قونغاندا، سادىروف ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئاستانىغا ئۇچىدىغان ئۇلىنىش ئايروپىلانىغا چىقىشنى رەت قىلغان.

چېخ پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان ئاۋسترىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ، بىر ئۇيغۇرنى ئۆز خاھىشىغا خىلاپ ھالدا جازالىنىش خەۋپى بار جايغا قايتۇرۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. رەيھان سادىروفنىڭ يەنىلا خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئاۋسترىيە دائىرىلىرىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنىڭ كۆچمەنلىك سالاھىيىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم بېسىشقا چاقىردى.

ئاخمەتجان سادىروف ئىستانبۇلغا قونۇپ، ئاپىسىغا ئۆزىنىڭ ئىستانبۇل ئايرودرومىدىن قازاقىستانغا قايتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تېلېفوندا ئېيتقاندا، كەڭ جەمئىيەت بۇنى تۈركىيە قايتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىدى ۋە ئۇنى قازاقىستانغا ئەۋەتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشەنگەن. ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى سادىروف ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئاستانىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقىشنى رەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ توردا مۇراجىئەتنامە ئىلان قىلغان.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ