ئۇيغۇر پوچتىسى، 10-فېۋرال
ئنسان ھەقلىرى قانۇن مەركىزى ئىلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 10-فېۋرال كۈنى، ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن غوللۇق پارچە سېتىش شركەتلىرىدىن بىرى بولغان Kmart شىركىتى ئۈستىدىن قوزغىتىلغان قانۇنىي دەۋاغا قاراپ چىققان.
ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار جەمئىيىتى Kmart شىركىتىنىڭ بىر قىسىم كىيىم-كېچەك تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلانغانلىقى توغرىسىدا خەلقنى خاتا يېتەكلەش ۋە ئالداش خاراكتېرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان-شۇغۇللانمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تەلەپ قىلماقتا.
ئىگەللىنىشچە، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار جەمئىيىتىگە Maurice Blackburn ئادۋوكاتلىق ئورنى ۋە ئنسان ھەقلىرى قانۇن مەركىزى ۋاكالەتچىلىك قىلىدىكەن.

ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار جەمئىيىتى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، Kmart شىركىتىنى ئۆزىنىڭ ئىككى تەمىنلىگۈچى شىركىتىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
Kmart ئۆزىنى ئەخلاقىي سودا قىلىدىغان كارخانا سۈپىتىدە بازارغا سالىدۇ. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار جەمئىيىتى Kmart نىڭ ئىككى تەمىنلىگۈچىسىگە قارىتا ئەخلاقىي مەنبە رەسمىيەتلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە يولغا قويغان-قويمىغانلىقىنى ۋە شىركەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاممىۋى باياناتلىرىنىڭ ئالداش ياكى خاتا يېتەكلەش خاراكتېرىدە بولغان-بولمىغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ھۆججەتلەرنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ دەۋا Kmart شىركىتى جەمئىيەت تەلەپ قىلغان ئۇچۇرلارنى بېرىشنى قايتا-قايتا رەت قىلغاندىن كېيىن قوزغىتىلغان.
Kmart Australia Limited ئاۋسترالىيەدىكى زەنجىرسىمان پارچە سېتىش تاللا بازارلىرى گۇرۇھى بولۇپ، ئۇ Wesfarmers شىركىتىنىڭ Kmart Group تارمىقىغا تەۋە. بۇ شىركەت ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە مىقياسىدا 325 دۇكاننى باشقۇرىدۇ، باش شىتابى مېلبۇرننىڭ مالگراۋ (Mulgrave) رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئوخشاش نامدىكى شركەت بىلەن 1994-يىلى پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كەتكەن. Kmart شىركىتى Target Australia نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان Kmart Group نىڭ ئەزاسىدۇر. Kmart Group بولسا ئاۋسترالىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى پاي كونترول شىركىتى Wesfarmers نىڭ بىر تارمىقىدۇر.
ئەگەر ھۆججەتلەر Kmart نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنى قاتتىق نازارەت قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، بۇ Kmart نىڭ خاتا يېتەكلەش ۋە ئالداش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاۋسترالىيە ئىستېمالچىلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى قانۇنىي ئەرزگە يول ئاچىدۇ.
بۇ دېلو ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى دەۋردىكى قۇللۇققا قارشى قانۇنلارنى كۈچەيتىش، جۈملىدىن شىركەتلەردىن ئۆز تەمىنلەش زەنجىرىدىكى زامانىۋى قۇللۇق خەۋپىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش-قىلماشنى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىغا تەسر كۆرستىشى مۇمكىن.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېۋ خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
«بۇ قانۇنىي جەريان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىز Kmart تىن جاۋاب تەلەپ قىلىۋاتىمىز، شۇ ئارقىلىق بىز ئۇلارنىڭ ئۆز تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتىنىڭ بىر-بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
Kmart ۋە بارلىق شىركەتلەر ختاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ختاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى تۈركۈملەپ قاماققا ئېلىشى، زىيانكەشلىك قىلىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى تولۇق ئىسپاتلانغان پاكىتتۇر. جەمئىيىتىمىز ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان رەھىمسىز مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن ئائىلە ئەزالىرىدىن، دوستلىرىدىن ۋە يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.
Kmart ئاۋسترالىيەلىكلەر ئەڭ كۆپ بارىدىغان سودا ساراي. ئەگەر بۇ شىركەت بۇ خىلدىكى سىستېمىلىق زۇلۇمدىن قانداقتۇر بىر شەكىلدە پايدا ئالغان بولسا، ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ بۇنىڭدىن چۆچۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
Maurice Blackburn ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ باش ئادۋوكاتى جېننىفېر كانىس مۇنداق دىگەن:«بۈگۈنكى سوت ئاۋسترالىيە پارچە سېتىش شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە سىڭىپ كىرگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىگە قارىتا، ئۇلارنى ھەقىقىي جاۋابكارلىققا تارتىش جەھەتتە تۇنجى قېتىملىق تىرىشچانلىق ھېسابلىنىدۇ.
Kmart شىركىتى ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار جەمئىيىتى (AUTWA) نىڭ Kmart نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە خاتا يېتەكلەش ۋە ئالداش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان-شۇغۇللانمىغانلىقىنى ئېنىقلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. 12 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، Kmart جەمئىيەت تەلەپ قىلغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ بېرىشنى قايتا-قايتا رەت قىلدى.
Kmart خېرىدارلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي مەنبەدىن مال سېتىۋېلىشنى ۋە ئنسان ھەقلىرىنى قوغداشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەمما بىز ئۇنىڭ ئىككى تەمىنلىگۈچىسى بىلەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچلىك باغلىنىش بارلىقىنى بىلىمىز.»
ئنسان ھەقلىرى قانۇن مەركىزىنىڭ مۇۋەققەت قانۇن دىرېكتورى فرېيا دىنشاۋ مۇنداق دىگەن: «بۇ دېلو يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىدىكى بەزى ئاجىزلىقلارنى ئاشكارىلاپ بەردى. زامانىۋى قۇللۇققا چېتىشلىق دېگەن گۇمانلار تۇغۇلغاندا، شىركەتلەرنى سوتقا تارتىش ۋە ئۇلارنى ئۆز ھۆججەتلىرىنى ئېچىشقا مەجبۇرلاش يۈكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە قالماسلىقى كېرەك ئىدى. ئاۋسترالىيە شىركەتلىرى قانۇنىي جەھەتتىن ئۆز تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا مەجبۇرلىنىشى، ئەگەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا، ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىشى كېرەك. ئاۋسترالىيە يەنە كانادا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۈلگە ئېلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ دۇكانلىرىمىزنىڭ جازىلىرىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇنداق ماللارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى كېرەك.»
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
