ئۇيغۇر پوچتىسى، 6-فېۋرال
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كېڭەش يېغىنى»دا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ پەقەت بىر رايون بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، بەلكى يەر شارى بېخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2-فېۋرالدىن 4-فېۋرالغىچە داۋاملاشقان بۇ يېغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى «يەر شارى بېخەتەرلىكىدە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ رولى» بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشلار يېغىننىڭ جىددىي كۈنتەرتىپىگە ئايلاندى.
يېغىن تەشكىللىگۈچىلىرى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %80ىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك چەكلەنگەن مۇھىتتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەققانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىرلىك ھاسىل قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىملىق مۇھىم يېغىنغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەم ئىنسان ھەقلىرى مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. روشەن ئابباس، ئۆمەر قانات، زۇمرەتئاي ئەركىن، ئابلىكىم ئىدريس، دوكتور رىشات ئابباس ۋە دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار ئوخشىمىغان مۇنبەرلەردە سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي زۇلۇم ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئائىلە پاجىئەلىرى ۋە جانلىق پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
روشەن ئابباس: «سۈكۈت قىلىش — خىتاينىڭ نەپەس ئېلىشىغا ئوكسىگېن بەرگەن بىلەن باراۋەر.»
روشەن خانىم ئۇيغۇر پوچتىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېغىننىڭ ئەھميتى، قاتناشقۇچىلار ھەققىدە مۇنداق تونۇشتۇردى:
ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم يېغىننىڭ ئاساسلىق سۆزلىگۈچىسى سۈپىتىدە مۇنبەرگە چىقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى سۈكۈتنى بۇزۇشقا چاقىردى. ئۇ ئۆز سۆزىدە: «سۈكۈت قىلىش — خىتاينىڭ نەپەسلىنىشى ئۈچۈن ئوكسىگېن تەمىنلەش بىلەن باراۋەر. مەن سۈكۈت قىلىشنى مەڭگۈ رەت قىلىمەن،» دەپ جاكارلىدى.
روشەن خانىم يەنە خىتاينىڭ تەھدىتى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي توختىتىلمىسا، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىتكە ئايلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم توختىمىسا، يەر شارى خاراكتېرلىك خەتەر تېخىمۇ زورىيىدۇ،» دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇ يېغىن جەريانىدا نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە دىنىي ئەربابلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىش ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
ئابلىكىم ئىدريس: «دىنىي زۇلۇمنىڭ نورماللىشىشىغا يول قويمايلى»
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ئابلىكىم ئىدريس ئەپەندى «دىنىي زۇلۇمنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى» تېمىسىدىكى مۇنبەردە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ پاجىئەسى ئارقىلىق پاش قىلدى. ئۇ دادىسىنىڭ ۋاپاتىنى، ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ بولماسلىقىنى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «دۇنيانىڭ قەيىرىدە خىتايغا ئائىت بىرەر مۇنازىرە بولسا، بىز ئۇيغۇرلار چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم،» دېدى.
ئابلىكىم ئىدريس ئەپەندى «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېغىن ھەققىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:
ئۇ يېغىندا، ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق كەچمىشلەرنى ئاشكارىلىدى. ئۇ دادىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپالمىغانلىقىنى، ئانىسىنىڭ تەقدىرىدىن يەنىلا خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بىر قېرىندىشىنىڭ 21 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، سڭلسنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.ئۇنىڭ ئەڭ ئەنسرەيدىغىنى ئاتا-ئانسدىن ئايرىلغان،چارىسز قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىكەن.
ئۆمەر قانات: «پاكىت — بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالىمىز»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى سىستېمىلىق پاكىت توپلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. بىزنىڭ مۇھىم ستراتىگىيەلىرىمىزدىن بىرى شۇكى، بىز ختاي يوشۇرۇشقا تىرشۋاتقان پاكىتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن توپلايمىز، بۇ پاكىتلار ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەلۇمات بىرىمىز، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ. زۇلۇمنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئاشكارىلاشنىڭ ئۇنۇم كۆرسەتكەن مساللىرى ناھايتى كۆپ.ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئەر ئاپسنىڭ قاماققا ئىلىنغانلىقى ھەققىدە ۋىدىئو ئشلىگەندىن كىين، ختاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى ۋە خەلقئارا جامائەت ئالدىدا ئۆزىنى قوغداشقا ئۇرۇندى.بۇ سۆزلەشنىڭ تەسرىنى كۆرستىدىغان يۈزلىگەن ئاددى مساللارنىڭ بىرىدۇر.»
يېغىنغا يەنە زۇمرەتئاي ئەركىن، دوكتور رىشات ئابباس ۋە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق پائالىيەتچىلەر قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
