بالبال
(ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ 2025 «دۆلەت بىخەتەرلىك سىتراتېگىيىسى» ئاساسىدا)
2025-يىلى نويابىردا ئاقساراي «دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستىراتېگىيەسى (NSS)»نى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك «ئاسىيا: ئىختىسادىي كەلگۈسىنى قازىنىش، ھەربىي توقۇنۇشتىن ساقلىنىش» بۆلۈكىنىڭ بېشىدىلا، ئالدىنقى تۆت نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتايغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ھەمدە ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىنى خىتايغا سىرىتتىن كۆتۈرە بېرىش ئارقىلىق خىتاينى «قائىدە ئاساسىدىكى خەلقارا تەرتىپ» ئىچىگە ئېلىپ كىرىش سىتراتېگىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى؛ خىتاينىڭ ئاشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، غايەت زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئېرىشىپ قۇدرەت تاپقانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان، شۇنداقلا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك رىقابەت ئوبىيېكتى دەپ بېكىتىلگەن. ئامېرىكا ئۈچۈن ئەمدى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسىي جۇغراپىيە جەھەتتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ مەيدانى بولىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
33 بەتلىك بۇ دوكلاتتا گەرچە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىتراتېگىيىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مۇنداق بىر ئومۇمىي يەكۈنگە كېلىش مۇمكىن:
ئامېرىكا ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) تېمىسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئەمما بۇ تېما ئەمدى ئامېرىكا ئۈچۈن «كەيپىيات تۈرتكىسىىدىكى ئالدىن ئويلىشىلىدىغان كۈنتەرتىپ» (emotion-driven priority)لىكتىن قېلىپ، «قائىدە ئاساسىدىكى قورال» (rules-based instrument)غا ئايلىنىۋاتىدۇ.
بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، 2018 – 2022 ئارىلىقىدا، ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار (شەرقىي تۈركىستان) ھەققىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايەت»، «ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت»، «سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەندەك بايانلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن؛ دۆلەت مەجلىسى، تاراتقۇلار، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى كۈچلۈك ئامىمىۋىي كەيپىيات قوزغىغان. ئەمدىلىكتە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA)» ئۇزۇن مۇددەت ئىجرا قىلىنىدىغان قائىدىگە ئايلاندى؛ ئىمبارگۇ، جازا تىزىملىكى، تاموژنا تەكشۈرۈشى قاتارلىقلار دائىملىىق مەمۇرىي كۈنتەرتىپ بولۇپ قالدى.
ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ تىپتىكى بىرەر ۋەقە يۈز بەرمىسە ياكى ئامېرىكا سىياسىتىدە زور بىر بۇرۇلۇش ھاسىل بولمىسا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۆزلىكىدىن يۈكسەلمەيدۇ؛ ئەمما تۈزۈم، قانۇن، تەمىنلەش زەنجىرىگە ئائىت قائىدىلەردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بار.
نۆۋەتتىكى مۇشۇ ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى ئىستىراتېگىيىسىدىن ئۇيغۇرلار (شەرقىي تۈركىستان)غا ئالاقىدار ئۇزۇن مەزگىللىك ئۈچ چوڭ خەتەرگە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار چىڭ تۇتۇشى كېرەك بولغان ئۈچ مۇھىم پۇرسەتكە ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن.
ئۈچ خەتەر
1. ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسىنىڭ ئىنسانىيلىقتىن تېخنىكىلىققا يۈزلىنىشى
«دۆلەت بىخەتەرلىك سىتراتېگىسى» رامكىسى ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستانغا يېڭىدىن «مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق رايون»، «تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بۇلغانغان مەنبە»، «تېخنىكىلىق نازارەتنىڭ كېڭىيىش مىسالى» دېگەن ئېنىقلىما بېرىلمەكتە.
بۇنىڭ بىلەن، كونكرىت ئىنسان سۈپىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى، ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولۇشى، مەدەنىيەت ۋە تىلنىڭ يوقۇلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئابىستراكىتلىشىپ، تېىخنىكىلىق قائىدىلەرگە ئۇيغۇنلىشىش مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. نەتىجىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە شىركەتلىرى «ئۆلچەمگە توشۇش» قىلا ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ ھەمدە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەدەنىيەتنىڭ يوقۇلىشى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن ئۇزۇن مەزگىللىك ئاسارەتلىرى گىرۋەكلىشىۋاتىدۇ.
2. ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) مەسلىسى «مۇقىملىشىپ»، سىياسىي تەخىرسىلىكىنى يوقىتىۋاتىدۇ
2019-2022 يىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا ھازىر ئامېرىكىدا خىتايغا قارىتا يېڭى جازالاش پەللىسى يوق، شەرقىي تۈركىستاندا دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان يېڭى ۋەقەلەر يۈز بەمىدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە خەلقارا «رېئال ئەمەلىيەت» دەپ قارايدىغان بولدى. «گەرچە مەسىلە داۋاملىق مەۋجۇت بولسىمۇ، جىددىي بىر تەرەپ قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس» دېگەن تونۇش ئومۇملىشىۋاتىدۇ.
نەتىجىدە، تاراتقۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەش، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتى باشقا كىرىزىسلارغا بۇرۇلۇش، ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللىغۇچىلار باشقا «تېخىمۇ جىددىي» مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلاشقا ئوخشاش پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە.
3. ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسى «خىتاي بىلەن ئېلىشىشتىكى قورال»غا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ
نۆۋەتتىكى ئامېرىكا سىتراتېگىيە رامكىىسىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاي تەھدىتىنى يوقىتىشتىكى قانۇنىي ئاساسلىرىنىڭ بىرىگە ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتىنى ئەخلاقىي تىرەك نۇقتىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر ۋاسىتىغا ئايلىنىپ قالدى.
بۇنىڭدىكى خەتەر شۇكى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مەلۇم ساھەدە «باسقۇچلۇق بىردەكلىك»كە كېلىشسىلا، ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسى چۆكتۈرۈلىشى، توڭلىتىلىشى، ھەتتا تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) مەسلىسى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان «قىزىل سىزىقى» ئەمەس، بەلكى «ئوينايدىغان كارتلىرىنىڭ بىرى» بولۇپ قالىدۇ.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر دەۋاگەرلەر چىڭ تۇتۇشى كېرەك بولغان، چۈنكى بارا-بار كىچىكلەۋاتقان تۆۋەندىكىدەك پۇرسەتلەر بار.
ئۈچ پۇرسەت
1. قانۇن ۋە مەمۇرىي ئىجرا قاتلىمى
بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ رېئال بولغان بۆسۈش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسى ھەققىدىكى سىياسىي ئاۋازلار تۆۋەنلەۋاتقان بولسىمۇ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA)» ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ؛ تاموژنا، سودا مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەدبىر ئېلىش بوشلۇقى بار؛ كارخانىلارنىڭ تەمنىلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ئەندىشىسى يەنىلا مەۋجۇت.
بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇيغۇر دەۋاگەرلىرى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى تېخىمۇ كونكرىت، تەھقىقلىگىلى بولىدىغان تەمنىلەش زەنجىرىگە ئائىت پاكىتلار ۋە «ئۈچىنجى دۆلەتتە يۇيۇلغان شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى»غا ئائىت يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىشى، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى كونكرىت خىتاي شىركەتلىرى ياكى كەسىپلىرى بىلەن تۇتاشتۇرىشى كېرەك.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھە دېسىلا ئابستىراكىت زۇلۇمنى بازارغا سالماي، قايسى شىركەتنىڭ قايسى خىل مەھسۇلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىشى لازىم.
2. تېخنىكىلىق نازارەت ۋە سۇنئىي ئەقىل ئارقىلىق كونترول قىلىش تېمىسىنىڭ يۈكسىلىشى
«دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستىراتېگىيەسى (NSS)» دە تۆۋەندىكىلەر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ يادروسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن:
· سۇنئىي ئەقىل
· بىئولوگىيىلىك تونۇش
· سانلىق مەلۇمات (دەيتا) ئارقىلىق باشقۇرۇش
بۇ جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ رادىكال ئۆرنەك بولالايدۇ. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار نىشان قىلىنغان كەڭ كۆلەملىك چىراي تونۇش تېخنىكىسى ئومۇملاشقان، پەرەز خاراكتېرلىك قانۇنىي ئىجرائاتلار ئەۋج ئالغان، سانلىق مەلۇمات (دەيتا)قا تايانغان مىللىي ئايرىمچىلىق ۋە كەمسىتىش داۋاملاشماقتا.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر دەۋاگەرلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ «سۈنئىي ئەقىلنى خالىغانچە ئىشلىتىدىغان ئالدىنقى سەپ» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى؛ سۈنئىي ئەقىلنى قوللىنىش بىلەن ئۇنىڭ ئەخلاقىي ئاقىۋىتى ھەمدە تېخنىكىلىق باشقۇرۇش بىلەن ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆلچەم بېكىتىشنى مۇزاكىرىگە قويۇشى، يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇملار ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان يولۇقىۋاتقان ۋە يولۇقىدىغان بارلىق ئىجتىمائىي خەتەرلەر ھەققىدە سۆزلىشى، بۇ خەتەرلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، بەلكى پۈتكۈل دۇنياغا يامرايىدىغانلىقى ھەققىدە دۇنيانى، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك.
3. مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە تىلنىڭ يوقىلىش مەسلىسى
نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ سىياسەت سىستېمىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئامېرىكىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش پەقەت بىر ئارقا كۆرۈنۈشكە ئايلىنىپ قالدى، شۇنداقتىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىتىلىشى جەھەتتە دەۋا قىلىشقا بولىدىغان زور بوشلۇق بار. مانا بۇ نۆۋەتتە كۈچەشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، تېخى «تېخنىكىلاشتۇرۇلمىدى»، «قائىدىلەشتۈرۈلمىدى»؛ بۇ جەھەتتە يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بايانلىرىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن، تىل، مائارىپ، ئەدەبىيات، ئائىلىنىڭ پارچىلىنىشى قاتارلىقلارنى خەلقارا قانۇن ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ تىلىنى قوغداش، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق رامكىلارغا سېلىش كېرەك.
ئاخىردا، ئۇيغۇر دەۋاگەرلىرىگە بېرىدىغان مۇنداق ئۈچ سىتراتېگىيىلىك تەكلىپ بار.
1. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىتەكلىشىنى كۈتۈپ تۇرماسلىق كېرەك
ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھازىر سەپەرۋەرلىك تىپىدىكى سىياسەت باسقۇچىدىن باشقۇرۇش تىپىدىكى سىياسەت باسقۇچىغا كىردى. ئۇيغۇر دەۋاگەرلەر ئۇلارنى ئاكتىپ ھالدا پايدىلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى، نوقۇل ھالدا سىياسىي سەھنىلەردە ھەرىكەت قىلىىپلا قالماي، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى كېرەك.
2. ئەخلاقىي چاقىرىقتىن مەسىلىلەرنى ئەمەلىي ھەل قىلىشقا ئۆتۈش لازىم
بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرى، جۈملىدىن چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرىنى يىغىش، كونكرىت پاكىتلارنى توپلاش ۋە بۇ پاكىتلارنى خەلقارانىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا تەدبىقلاش كېرەك.
ئۇيغۇر دەۋاگەرلەر دەرت ئېيتىش بىلەنلا قالماي، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارنى مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى، خەتەرنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇش تەكلىپلىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
3. ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن دىققەت مەركىزىگە ئېلىپ كىرىش زۆرۈر
ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسى تېخنىكىلاشقان، قوراللاشقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، شەخس سۈپىتىدىكى ئادەملەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش- كۈچلۈك بىر سىتراتېگىيلىك چارىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېكايە پاكىتلىق، تەھقىقلىگىلى بولىدىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى بىلەن ئۇدۇللىشىدىغان بولۇشى كېرەك. ئومۇمەن، ھېسسىي ۋە كەيپىياتلاشقان دەۋا ئۇسۇلى تەكرارلانماسلىقى لازىم.
خۇلاسە
ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسى ئامېرىكدا يوقالمايدۇ، ئەمما ئۇ ھازىر «كۆندۈرىلىۋاتىدۇ». ناۋادا ئۇيغۇر دەۋاگەرلەر ئاكتىپ ھالدا بۇرۇلۇش ياسىمىسا، باشقىلارنىڭ سىتراتېگىيىسى ئىچىگە سولىنىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتالمايدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپتىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىدۇ.
بالبال- ئۇيغۇر پوچتىسى ئوبزورچىسى بولۇپ، سياسەت، مەدەنىيەت، مۇھاجىرەت تېمىلىرىدا يازىدۇ.
ئوبزورلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە كۆز-قاراشلار ئاپتورنىڭ مۇستەقىل پىكرى بولۇپ، «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
