ئۇيغۇر پوچتىسى، 30-يانۋار
ۋاشىنگتون –ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆچمەن ئىسمائىلنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ بەش بالىسى ۋە ئايالى ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالدى. جەمئىيەت ئەزالىرى مەخسۇس ياردەم چاقىرىقى ئېلان قىلىپ، بارلىق قېرىنداشلارنى بۇ قىيىن كۈنلەردە مەزكۇر ئائىلىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا، ساخاۋەت ۋە بىرلىك روھى بىلەن مەدەتكار بولۇشقا چاقىردى.
ئىسمائىل ئامېرىكىدا 10 يىلدىن بېرى قانۇنلۇق كۆچمەن سۈپىتىدە ياشاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئايالى ۋە بەش بالىسىنىڭ ھالىدىن بىردىنبىر خەۋەر ئالغۇچىسى ئىدى. بەش بالىسىنىڭ تۆتى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان. ئۇ يۈك ماشىنىسى شوپۇرى بولۇپ ئىشلەپ ئائىلىسىنى بېقىپ كەلگەن، ئەمما يېشىل كارتا رەسمىيەتلىرىنىڭ تېخى تاماملىنىپ بولماسلىقى سەۋەبىدىن خىزمىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. يېقىندا كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئىسمائىلنىڭ قاماقتا ياتقىنىغا ئىككى ئاي بولدى.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سوتتا، ئىسمائىلنىڭ ھېچقانداق جىنايى خاتىرىسى يوقلۇقى ۋە قويۇپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى كۆچمەنلىك دېلولىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە رەسمىيەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى يەنە بىر نەچچە ئاي كېچىكىشى مۇمكىن.
ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس
ئىسمائىل تۇتۇلغاندىن بېرى، ئائىلىنىڭ كىرىم مەنبەسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. بەش بالىنىڭ ئانىسى بولغان ئايالى نارەسىدە بالىلىرىغا يالغۇز قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىملىرىنى قامداشتا ئامالسىز قالماقتا. گەرچە ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قولىدىن كەلگەنچە ياردەم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆي ئىجارىسى، توك، سۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە ماشىنا قەرزى قاتارلىق تۇرمۇش چىقىملىرى بىلەن بىرگە، جىددىي بولۇۋاتقان ئادۋوكاتلىق ھەقلىرىنى تۆلەش ئۈچۈن زور مىقداردا مەبلەغكە ئېھتىياج تۇغۇلغان.
ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ چاقىرىقى
ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ئېلان قىلغان ياردەم چاقىرىقىدا مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ۋە روھىي زەربىلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئىسمائىلنىڭ ئائىلىسى ھەمىشە قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ھالال مېھنەت بىلەن ياشاپ كەلگەن. بۈگۈنكىدەك قىيىن پەيتتە، ياردەمنىڭ ئاز-كۆپلىكىدىن قەتئىينەزەر، جەمئىيىتىمىزدىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ بىرلىكتە ياردەم بېرىشى بۇ ئائىلىنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقلاردىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.»
بۇ چاقىرىق نۆۋەتتە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زور دىققەت قوزغىماقتا.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
