ئۇيغۇر پوچتىسى، 13-دېكابىر
12-دېكابىر ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شىتاتى فېيرفەكس شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە، 1985-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار خىتاي ھۆكۈمتىگە قارشى قوزغىغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مىسران دولان رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قىسقىچە سۆز قىلدى. ئارقىدىن، شۇ چاغدىكى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەۋلان ياسىن، تۇغلۇق ئابدۇرازاق ۋە ئاشۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ياكى ئاكتىپ قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن نۇرى مۇساباي، ئىليار شەمسىدىن، نۇرى تىيىپ، جېلىل قەشقىرى، زۇبەيرە شەمسىددىن، سۈرەييە قەشقىرى قاتارلىقلار شۇ چاغدىكى نامايىش جەريانىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.
«قوش 12 نامايىشى» دەپ ئاتالغان شۇ قېتىمقى نامايىشتا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىنى مەركەز قىلغان ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئون مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى قاتتىق سوغۇققا قارىماي، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئورگىنى ئالدىدىكى خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش، مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇيغۇر ئېلىدە يادرو سىنىقى قىلىشنى توختىتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىمەسلىك، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلماقتا
ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ تەلەپلەرنى ئويلىشىدىغانلىقى ئېيتىپ ئوقۇغۇچىلارنى يولغا سالغان، ئەمما مەكتەپ تەرەپ باشلامچى ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىد قىلغان ۋە تۆۋىنامە يازدۇرغان. كېيىن، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ نامايىش تۈپەيلىدىن خىزمەت تېپىشتا قىينالغان.
12-دېكابىر نامايىشى گەرچە ستۇدېنتلار كۈتكەندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ نامايىش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر ئابىدىسى بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ، ئاشۇ قېتىملىق نامايىشتىن كېيىن، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ ئىدىيىسىدە زور بۇرلۇش ھاسىل بولغان، ئۇلار مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىغان. ئاشۇ ستۇدېنتلارنىڭ بەزىلىرى نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدا مۇھىم روللارنى ئويناۋېتىپتۇ.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
