دېكابىر 21, 2025
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ 2025-يىللىق دوكلات ھەققىدىكى باياناتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ 2025-يىللىق دوكلات ھەققىدىكى باياناتى

ئىزاھات: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى 2025-يىللىق دوكلاتىنى 10-دېكابىر ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر پوچتىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر دوكلاتنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بۆلىكى ۋە كومىتېت باشلىقلىرىنىڭ باياناتىنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

رەئىسلەرنىڭ باياناتى

ۋەدە بېرىش، ۋەدىسنى بۇزۇش

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى — خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شۇ پارتىيە تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىۋاتقان پارتىيە دۆلىتى—كەسكىن ۋەدىلەرنى بېرىدۇ، ئاندىن گويا شۇ ۋەدىلەرگە رىئايە قىلمىسمۇ بولىدىغاندەك ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ۋەدە بېرىش بىلەن ئەمەل قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، ئىشچىلار ھوقۇقى، خوڭكوڭ، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە خەلقئارا قانۇن-كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئەھۋالىنى باھالاش دوكلاتىنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچرايدۇ. ۋەدە بۇزۇش ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئەمەس؛ ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيا ۋە ئۆز خەلقى بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ بىر تۈرلۈك خاسلىقىدۇر.

2025-يىللىق دوكلاتىمىز خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەر ۋە خىتاينىڭ ئۆزى بەرگەن ۋەدىلەر بويىچە خىتاي بۇزغان ۋەدىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ: خوڭكوڭغا ۋەدە قىلىنغان 50 يىللىق ھوقۇق ۋە ئۆزگەرمەيدىغان «تۇرمۇش ئۇسۇلى»، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈچۈن بېرىمىز دېيىلگەن، ئەمەلىيەتتە تۈركۈملەپ قاماققا ئېلىش ۋە ھەممە يەردە كۆزىتىش بىلەن ئاخىرلاشقان «ئاپتونومىيە» ۋەدىسى؛ ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق قوغداشنى ۋەدە قىلغان دىنىي ئېتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ چىڭ كونترول قىلىنىش ئارقىلىق خىرەللىشىشى؛ ئىشچىلار ھوقۇقى ھەققىدىكى جاكارنامىلەرنىڭ خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرىغا قارشى كېلىشى؛ خەلقارا قائىدىلەرگە بويسۇنۇش ۋەدىسىنىڭ كىچىكلىتىلىشى ياكى قايتا شەرھىلىنىشى قاتارلىقلار. قەغەزدە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئەمەلىيەتتىكى ئىش-ھەرىكەتلەرگە ماس كەلمەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشى ئامېرىكىلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خاتا ھالدا تۇتقۇن قىلىش ۋە خىتايدىن ئايرىلىشنى چەكلەش قىلمىشى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئىشلەيدىغان، ئوقۇيدىغان ياكى ساياھەت قىلىدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خەتەرگە دۇچار قىلىدۇ. ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەر ۋە ئاياللار مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلگەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىستىخبارات قانۇنلىرى خىتايدىكى شىركەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تولۇق كونترول قىلىش ئارقىلىق شەخسىي بىخەتەرلىككە زىيان سالىدۇ. قوللىنىشچان ئەپ دېتاللىرى، بۇلۇت مۇلازىمىتى ۋە سۈنئىي ئەقىل قوراللىرى نازۇك ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ. خىتاينىڭ چېگراسى سىرتىدا بولسا، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلار مەخپىي ساقچى ھەرىكەتلىرى، قارشى پىكىردىكى زاتلارنى تۇتۇش ئۈچۈن مۇكاپات پۇلى ئېلان قىلىش، تەنقىد قىلغۇچىلار ۋە مۇخبىرلارغا قارشى ئىنتىرنېت ھۇجۇمى تەشكىللەش، ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا بېسىم چۈشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيمەكتە. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەجبۇرىي سىياسەتلىرى چېگرالاردىن ھالقىپ ئۆتمەكتە.

بۇزۇلغان ۋەدىلەر يەنە خەلقئارا سىستېمىغا كەڭ كۆلەمدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەر ئوچۇق دېڭىز تەۋەلىكىدە، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلىرىدىمۇ خىتاينىڭ ئېنىق قانۇنىي ئۆلچەملەرگە پەرۋا قىلمىغان دېڭىز-ئوكيان تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. ئافرىقىدىكى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر» قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان سېنزور يۇمشاق دېتاللىرى ۋە مەخپىي بولغان قوللىنىلىشچان سانلىق مەلۇماتلارنى تەلەپ قىلىش بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىۋاتىدۇ، بۇ ھەرقانداق ھاكىممۇتلەق كۈچنىڭ ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ.

بۇ يىللىق دوكلاتتىن مۇنداق ئۈچ چوڭ يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ:
بىرىنچىدىن، ۋەدە پەقەت ئەمەل قىلغاندىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمگەك ھوقۇقى، دىن، قانۇن-پىرىنسىپلار ياكى دېڭىز-ئوكيان قائىدىلىرىگە ئوخشاش مەجبۇرىيەتلەر قايتا-قايتا تاشلاپ قويۇلغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ماسلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى داۋاملىق قانۇن ئىجرا قىلىش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە لىتىي قاتارلىق يۇقىرى خەتەرلىك ساھەلەردە ھەقىقىي ئىز قوغلاش ئىقتىدارى بولۇش، شۇنداقلا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېتىۋېلىش جەريانىنى ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىگە ماسلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى ۋە ئىشچىلىرىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەسلىك كېرەك دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلار بۇ يەنە قانۇنىي مەسئۇلىيەتلەرگە خىلاپلىق قىلىنغاندا، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئاشكارا بولۇش ھەمدە ئاۋامغا دوكلات قىلىش دېگەنلىكتۇر.

ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا پۇقرالىرى قوغدىلىشى كېرەك. بىز خىتاينىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ناتوغرا ھالدا تۇتۇپ تۇرۇش خەۋپىنى تەكىتلىشىمىز ۋە پۇقرالىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلىشىمىز لازىم. بىز يۇقىرى خەتەرلىك يۇمشاق دېتاللار، مۇلازىمەتلەر ۋە سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى ھۆكۈمەت ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە تورلىرىدىن يىراق تۇتۇش تەدبىرلىرىنى قوللايمىز، ھەمدە ئامما ئۈچۈن ئاددىي، ئۈنۈملۈك شەخسىي مەخپىيەتلىك قوغداش سىستېمىلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز يەنە ئوخشاش مەيداندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە مەخپىي ساقچى ھەرىكەتلىرى، تەھدىت سېلىش، توردا ئىز قوغلاش ۋە دىئاسپورا جامائەتلىرى بىلەن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى نىشان قىلغان پاراكەندىچىلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللايمىز. ئامېرىكىدا ياشايدىغان ھەرقانداق ئادەم چەتئەل بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، قورقۇپ يۈرمەسلىكى كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئەركىن دۇنيا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىم. بېيجىڭ تەھدىت ۋە مۇكاپاتلار ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ؛ دېموكراتىك دۆلەتلەر ئورتاق مەنپەئەت ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىتتىپاقلىشىشىمىز لازىم. بۇ – ئورتاق جازا قوللىنىش ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش، ئىشپىيونلارنى بىرلىكتە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش، مەخپىي ھالدىكى چەتئەل ساقچى پونكىتلىرىنى تاقاش، نازارەت قىلىش تېخنىكىسىغا ماسلاشتۇرۇلغان ئېكسپورت كونتروللۇقى ۋە دىئاسپورا جامائەتلىرىنى پاراكەندىچىلىك ۋە تور ھۇجۇملىرىدىن قوغداش ئۈچۈن ئورتاق دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىلىرىنى ئورنىتىش دېگەنلىكتۇر.

بۇ يىللىق دوكلات ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىستراتېگىيەسى ۋە دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلەيدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەك ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا زىيان سالغاندا، دۆلەت يولغا قويغان گۆرۈگە ئېلىش سىياسەتلىرى پۇقرالىرىمىزنى خەۋپكە دۇچار قىلغاندا، سۆز ئەركىنلىكىنى نازارەت قىلىش دۇنيا مىقياسىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ تاشلىغاندا ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدە خەلقئارا قائىدىلەرگە پەرۋا قىلىنمىغاندا، ئامېرىكالىقلار —خەۋپسىزلىك، گۈللىنىش ۋە ئىشەنچلىك بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەدەل تۆلەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى يۈكسەلدۈرۈش بازارنى تېخىمۇ ئادىل، ساياھەتنى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخنىكىنى تېخىمۇ ئەركىن ھەمدە ئىتتىپاقداشلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر—يەنى دىكتاتور خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

مەزكۇر كومىتېت يىلبويى تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلدى: تۇتقۇن قىلىش ۋە ئازابلاش دېلولىرىنى بىزنىڭ سىياسىي مەھبۇسلار سانلىق مەلۇماتلار تىزىملىكىدە تۇرغۇزۇش، سېنزور قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ تارقىلىشنى تەكشۈرۈش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي كونتروللۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېزىلغان يېڭى قائىدىلەرنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلار.

بىز يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ دىئاسپورادىكى جەمئىيەتلەر ۋە ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئىز قوغلاپ تەكشۈردۇق.

كومىتېتنىڭ يىللىق دوكلاتى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ۋەھشىلىكلەر ھەققىدە ئىسپات توپلايدۇ، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى دۇنياغا، ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىغا بەرگەن ۋەدىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئاشكارىلايدۇ.

بۇ دوكلاتتىكى ھەر بىر جەدۋەل ۋە نەقىلنىڭ ئارقىسىدا بىردىن شەخس بار: چوڭقۇر دىنىي سۆھبەت سورۇنىدىن چەكلەنگەن پوپ؛ پاراكەندىچىلىك توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان ئايال؛ قانۇنلۇق جەرياندىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئوقۇغۇچى؛ تۇتۇپ تۇرۇش ياكى چەتئەلگە چىقىش چەكلىمىسى بىلەن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغان ئائىلە؛ چەتئەلدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى بولسىمۇ يەنىلا ئىشىكنىڭ قېقىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بىر كىشى. بىز بۇ يىللىق دوكلاتنى ئۇلارغا – ۋە ھەقىقەتنى سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرىغا – بېغىشلايمىز.

ھۆرمەت بىلەن،
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىت
قوشۇمچە رەئىس
سېناتور دان سۇلىۋان
رەئىس

ئىنگىلىز تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading