فېۋرال 14, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 11-فېۋرال

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى دۈشەنبە كۈنى (9-فېۋرال) كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىشتە، 2گە قارشى 395 ئۈستۈنلۈك بىلەن «تەيۋەننى قوغداش قانۇن لايىھەسى» (PROTECT Taiwan Act) نى ماقۇللىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ ھەرىكىتى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى خەلقئارالىق مالىيە ئورگانلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى ۋە پرېزىدېنتنىڭ ئىمزالىشى بىلەن ئاندىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

نومۇرى H.R. 1531 بولغان بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تولۇق ئىسمى «ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ  خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بېسم چۈشۈرۈش قانۇنى» بولۇپ، ئىنگلىزچە قىسقارتىلما نامى بىلەن «تەيۋەننى قوغداش قانۇن لايىھەسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ لايىھەنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پالاتا ئەزاسى فىرانك لۇكاس (Frank Lucas) بىلەن دېموكراتلار پالاتا ئەزاسى ۋىنسېنت گونسالېز (Vincente Gonzales) بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاساسلىق مەزمۇنلار:

  • خەلقئارا مالىيە سىستېمىسىدىن سېقىپ چىقىرىش: ئەگەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى خىتاينىڭ ھەرىكىتى «تەيۋەن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا تەھدىت سالدى» دەپ قارار چىقارسا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى، فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ۋە ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى خىتاي ۋەكىللىرىنى تۆۋەندىكى ئورگانلاردىن قوغلاپ چىقىرىشقا تىرىشىدۇ:

20 دۆلەت گۇرۇھى (G20)، خەلقئارا ھېسابات بانكىسى (BIS)، مالىيە مۇقىملىقى كېڭىشى (FSC)، باسىل بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى (BCBS)، خەلقئارا سۇغۇرتا نازارەتچىلىرى جەمئىيىتى (IAIS)، خەلقئارا ئاكسىيە نازارەتچىلىك تەشكىلاتى (IOSCO)

پالاتا ئەزالىرىنىڭ پىكىرى:

پالاتا ئەزاسى فىرانك لۇكاس سۆز قىلىپ: «بۇ قانۇن لايىھەسى ئېنىق بىر سىگنال بېرىدۇ: ئەگەر خىتاي تەيۋەن بىلەن توقۇنۇشۇشنى تاللىسا، ئۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىگە دۇچار بولۇشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەك،» دېدى. ئۇ يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان جازا مېخانىزمىنىڭ خەلقئارا تەرتىپنى بۇزغۇچىلارغا قاتتىق زەربە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاۋام پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى فىرانچ خىل (French Hill) مۇنداق دېدى: «1979-يىلدىكى <تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى>غا ئاساسەن، خىتاي قوراللىق كۈچ، تەھدىت ياكى ئىقتىسادىي قامال قىلىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەيۋەننى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ. بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك بەدەلگە دۇچار قىلىدۇ.»

دېموكراتچى پالاتا ئەزاسى جۇيىس بېيتى (Joyce Beatty) خىتاينىڭ تەيۋەن ھاۋا ۋە دېڭىز تەۋەلىكىگە قىلىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە قارشى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەيۋەننى قەتئىي قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئالاھىدە ماددىلار:

  • كەچۈرۈم قىلىش مېخانىزمى: پرېزىدېنت ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، بەزى تەشكىلاتلارغا قارىتا جازانى كېچىكتۈرۈش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبىنى دۆلەت مەجلىسىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.
  • ئاپتوماتىك ئەمەلدىن قېلىش (Sunset Clause): بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 5 يىلدىن كېيىن ياكى پرېزىدېنت دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ دۆلەت مەجلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلغان تەقدىردە ئەمەلدىن قالىدۇ.

بۇ قانۇن لايىھەسى ئىلگىرىمۇ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان بولسىمۇ، كېڭەش پالاتاسىدا توختاپ قالغان ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇ يەنە بىر قېتىم كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە.

بۇ خەۋەر-ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 9-فېۋرال ئىلان قىلغان ئالاقىدار خەۋىرى ئاساسىدا تەييارلاندى.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ