ئۇيغۇر پوچتىسى، 2-مارت
ئالپ

سۈرەتتە، سولدىن ئوڭغا: Denk پارتىيەسى لىدىرى سىتېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle)، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ۋە پارتىيەنىڭ گاگا شەھەرلىك شۆبە مەسئۇلى نۇر ئىجار (Nur Icar).
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ 14-فېۋرال كۈنى گاگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا، خىتاي كونسولىنىڭ ھىمايىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا تىنچ نامايىش قىلىۋاتقاندا جىسمانىي ھۇجۇم ۋە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى، گوللاندىيە تاراتقۇلىرى ۋە سىياسىي ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
تىنچ نامايىش قىلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنىغا خىتاي ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن قىلىنغان بۇ زوراۋانلىق، «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش»نىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
گوللاندىيەدىكى كۆچمەنلەر ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان «De Kanttekening» تورى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلدى. مەزكۇر تاراتقۇ خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ تىنچ نامايىشچىغا زوراۋانلىق قىلىشىنى «قانۇنسىزلىق» ۋە «پىسخىكىلىق تېررور» دەپ باھالىدى. خەۋەردە ئالاھىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي خادىملىرى ئابدۇرېھىم غېنىغا جىسمانىي زورلۇق ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ قۇلىقىغا «سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمىز» دەپ پىچىرلاپ تەھدىت سالغان. بۇ خىل سىستېمىلىق قورقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ پائالىيەتچىنىڭ روھىي ھالىتى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئېغىر زەربە بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
بۇ ۋەقە گوللاندىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «Denk» پارتىيەسىنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتتى. پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ «ئۇيغۇر پوچتىسى»غا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 28-فېۋرال كۈنى گاگا شەھىرىدە «Denk» پارتىيەسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىپتارلىق پائالىيىتىگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. پائالىيەت جەريانىدا پارتىيە لىدىرى سىتېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle) ۋە پارتىيەنىڭ گاگا شەھەرلىك شۆبە مەسئۇلى نۇر ئىجار (Nur Icar) بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشكەن. سىتېفان ئەپەندى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆرۈشۈش جەريانىدا ئابدۇرېھىم غېنى: «بۇ گوللاندىيە تۇپراقلىرىدىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئېغىر بىر مىسالى. بىز بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن قوللىرىنىڭ دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىكىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلەپ، مەسىلىنىڭ پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان. سىتېفان ۋان بارلې ۋەقەنىڭ سىنلىرىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئېنىقلا بىر «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» ئىكەنلىكىنى تەستىقلىغان. ئۇ پائالىيەتچىدىن بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى يىغىپ ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، مەسىلىنى گوللاندىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئابدۇرېھىم غېنى ۋەقەدىن كېيىن دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇلغان. ئۇ ئۆزىگە زوراۋانلىق قىلغان ۋە ئۆلۈم تەھدىتى سالغان خىتاي خادىملىرىنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلىنىشىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ گوللاندىيە قانۇنى بويىچە جازالىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى بېسىقتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى سۈپىتىدە قارالماقتا.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
