.
زۇمرەت داۋۇت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى جىيەنىنى قۇتقۇزۇشقا جىددىي چاقىردى
30-ئۆكتەبىر| ئۇيغۇر تايمىز خەۋىرىدىن تەرجىمە قىلىندى (Uyghur Times)
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تور ئالاقىسى ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە زەربە بىرىش ھەرىكىتى نەتىجىسدە، تونۇلغان ئۇيغۇر لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇتنىڭ 20 ياشلىق جىيەنى خالمۇرات خېلىل تۇتقۇن قىلىنغان.
زۇمرەت داۋۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ياش يىگىتنىڭ جىنايىتى پەقەتلا كۇەيشوۋ (خىتاي تىك-توك) سۇپىسىدا ئورتاقلاشقان بىر سۈرەتنى «ياقتۇرۇش» (Like) نى بېسىپ قويغانلىقىدۇر. بۇ ۋەقە زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە جىددىي خەلقئارا مۇراجىئەت قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خالمۇرات خېلىل «پەقەتلا خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن بولۇپ، ئۇ ئەدەب-ئەخلاقلىق بىر ياش يىگىت ئىكەن». ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. زۇمرەت داۋۇت ۋەتەندىن كەلگەن قايغۇلۇق خەۋەرلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئازابىنى بايان قىلىپ، چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىمۇ بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ھازىر جىيەنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقا چاقىردى. ئۇ: «مەن ھەر ۋاقىت ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا سۆزلىشىشكە تەييار» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئادەتتىكى تور ئالاقىسى ئۈچۈنمۇ نىشانغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەلدىكى پائالىيەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى جازالاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سۆز ھوقۇقىنى بوغۇشقا، شۇنداقلا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قورقۇنچ ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
