ئۇيغۇر پوچتىسى، 2-دېكابىر
ئۆزگۈر ئۇيغۇر
قازاقىستان خەلق ئارتىسى، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سەھنىلىرىدە تونۇلغان ۋە شان-شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئۇيغۇر سەنئەتكارى رەيھانگۈل (رېخانگۈل) مەخپىروۋا 2025-يىلى 29-نويابىر، 79 يېشىدا ئالماتا شەھىرىدە ۋاپات بولدى.
قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىكى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى توغرىلىق خەۋەر ئېلان قىلغاندىن كېيىن، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تەزىيە خەۋىرى تارقىتىلدى. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ۋە ئاخىرەتلىك تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، رەيھانگۈل مەخپىروۋا 1946-يىلى 1-ئاۋغۇست ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچى-قازاق ناھيسى چىلەك يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى سەنئەت ھاياتى س. سەيفۇللىن قاراغاندا قازاق رايونلۇق تىياتىر ئۆمىكىدە باشلانغان. كېيىن 1971-يىلدىن 1977-يىلغىچە ئاباي جامبۇل رايونلۇق تىياتىرىغا يۈتكىلىپ خىزمەت قىلغان. 1977-يىلى قۇددۇس غوجامياروۋ نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى(سوپرانو) -ئارتىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ۋە شۇ يەردە ئۇزۇن يىللىق سەنئەت كەسپىي ھاياتىنى بەرپا قىلغان.
1989-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن، قازاقىستان دۆلىتى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، رەيھانگۈل مەخپىروۋا خانىم قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر دىيارىغا (شەرقىي تۈركىستانغا) سەپەر قىلىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان كومېدىيە تىياتىرى ۋە ئېپىزوتلارنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. رەيھانگۈل مەخپىروۋا ئورۇندىغان يالغۇز كىشىلىك ۋە كولللېكتىپ نومۇرلار ئاممىنىڭ ياقتۇرىشىغا ۋە سۆيىشىگە ئېرىشىپ جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. شۇنداقلا، بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر-يېزىلىرىغىچە بېرىپ سەييارە ئويۇن قويغان، ئېتوت سىن لېنتىلىرى كۆپلەپ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
قىسقىغىنە بىرقانچە يىل ئىچىدىلا رەيھانگۈل مەخپىروۋا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە، قېرى-ياش ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بىر سىماغا ئايلانغان. خەلق تا بۈگۈنكى كۈنگىچە، رەيھانگۈل مەخپىروۋا ئورۇندىغان ئېپىزوتلاردىكى ئوبرازلارنى ئەسلەيدۇ، ئۇنىڭ يۇمۇرلۇق ۋە تېتىملىق سۆزلىرىنى يادلايدۇ. رەيھانگۈل مەخپىروۋانىڭ خەلقنىڭ ياقتۇرىشىغا نائېل بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ رول ئېلىشتىكى يۇقىرى ماھارىتى، تۇرمۇشقا يېقىن تەبىئىيلىكى، ئوبراز يارىتىشقا ماھىرلىقىۋە ئىنسانىي پەزىلىتى ئىدى.
رەيھانگۈل مەخپىروۋانىڭ 80 يىلغا يېقىن ئۆمرى ئۆز خەلقىگە بەدىئىي-سەنئەت ئارقىلىق خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ يەنە كىنو، تىياتىرلاردىمۇ قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان نۇرغۇن جانلىق ۋە ئۇنتۇلغۇسىز روللارنى ئالغان. مۇھىم بولغانلاردىن، يۇماگۇلوۋنىڭ ”نەرگىز“ رومانىدىكى نەرگىز ئوبرازى،ك. مۇھەممەدجانوۋنىڭ «مەھبۇسلار» ناملىق ئەسىرىدىكى ئادۋوكات ئوبرازى، چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ «تۇنجى مۇئەللىم» ئەسىرىدىكى ئالتىناي ئوبرازى، م. شولوخوۋنىڭ «تىنچ دون» رومانىدىكى ئاكسىنيا ئوبرازى، ج. بۇساقوۋنىڭ «نازۇگۇم» ئەسىرىدىكى نازۇگۇم ئوبرازى ۋە كىلاسسىك ئەسەر «لەيلى-مەجنۇن»دىكى باش پېرسۇناژ لەيلىنىڭ رولى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.
رەيھانگۈل مەخپىروۋا سەنئەتكە قوشقان تۆھپىلىرى نەتىجىسىدە، «قازاقىستان دۆلىتىگە خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس» ۋە قازاقستاندىكى ئەڭ يۈكسەك سەنئەت مۇكاپاتى «قازاقىستان خەلق ئارتىسى» دېگەندەك شەرەپلىك ئۇنۋان-ناملارغا ئېرىشكەن.
سەنئەت پىشۋاسى رەيھانگۈل مەخپىروۋا بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىگە كۈلكە ئاتا قىلغان سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى ياد ئېتىپ تۇرىدۇ!
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
