يانۋار 28, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى

26-يانۋار

2026-يىلى 20-يانۋار كۈنى، يەنى فرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېتىراپ قىلىنغانلىقىغا 4 يىل بولغان خاتىرە كۈنىدە، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» پارىژ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئىككى قەۋەتلىك خىزمەت بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمدىن كۆرۈنۈشلەر؛ سۈرەت مەنبەسى: ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى

ئېچىلىش مۇراسىمىغا يىگىرمىگە يېقىن ھەمكارلاشقۇچى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، فرانسىيە ۋە ياۋروپانىڭ باشقا سىياسەتچىلىرى، شۇنداقلا پارىژدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

20 janvier 2026. Paris. Inauguration des locaux de l’Institut Ouïghour d’Europe. مۇراسىمدىن كۆرۈنۈشلەر؛ سۈرەت مەنبەسى: ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى

قاتناشقانلار ئىچىدە بۇ ئورۇننىڭ روياپقا چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان پارىژ شەھىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ژاڭ-لۈك غومېغو مىشەل (Jean-Luc Romero-Michel)؛ پارىژ شەھەر ۋەكىلى، «فرانسىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتى»نىڭ سابىق رەئىسى ۋە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى ژەنۋىيەۋ گاغىگوس (Geneviève Garrigos)؛ بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى ئۆتكۈزگەن سىياسەتچى سامۇئەل كوگولاتى (Samuel Cogolati)؛ «فرانسىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتى»نىڭ مۇدىرى سىلۋى بىغىگو (Sylvie Brigot) قاتارلىقلار نۆۋەت بىلەن سۆز قىلدى.

20 janvier 2026. Paris. Inauguration des locaux de l’Institut Ouïghour d’Europe.مۇراسىمدىن كۆرۈنۈشلەر؛ سۈرەت مەنبەسى: ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى

شۇنداقلا، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» بىلەن ئىككى يىلدىن بېرى دىكتاتۇر ۋە مۇستەملىكىچى رېجىملارغا قارشى بىرلەشمە قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن داڭلىق ئادۋوكات ۋە «ئىران ئادالەت تەشكىلاتى»نىڭ مۇدىرى شىرىن ئارداكانى (Shirin Ardakani)؛ «رۇسىيە ئەركىنلىك تەشكىلاتى»نىڭ رەئىسى ئولگا پروكوپىيېۋا (Olga Prokopieva) ۋە «پارس چەمبىرىكى»نىڭ رەئىسى شاكىبا داۋۇد (Shakiba Dawod) قاتارلىقلارمۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.

بۇلاردىن باشقا، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنسىتېتۇتى»نىڭ فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىغان «سىڭگا» (SINGA) تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى، فرانسىيەنىڭ سابىق مائارىپ مىنىستىرى بېنۇئا ئامون (Benoît Hamon)؛ 2024-يىللىق تۇنجى قېتىملىق «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئىلمىي ياشلار قۇرۇلتىيى»غا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن «ئاكات» (ACAT) ۋەخپىسىنىڭ مەسئۇللىرى؛ «كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى» (HRW) فرانسىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بېنېدىكىت ژانغو (Bénédicte Jeannerod) قاتارلىقلار قاتناشتى.

شۇنداقلا، قىرغىنچىلىق ۋە قورقۇنچلۇق قىين-قىستاقلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارنى داۋالايدىغان فرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ پىسخىكىلىق داۋالاش ئورنى «پىرىمو-لېۋى مەركىزى» (Centre Primo Levi) دوختۇرلىرى، تىبەت ۋە خوڭكوڭ ياشلار ھەرىكىتى مەسئۇللىرى، فرانسىيەدىكى ئاسىيا مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىلىرى ۋەكىللىرى، شۇنداقلا «دۇنيا گېزىتى» (Le Monde) ۋە «فرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى» (RFI) قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ مۇراسىمدىن ئورۇن ئالدى.

پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، فرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان ۋە پارلامېنتتىكى تۇنجى «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»نىڭ باشلىقى ئولىۋېر فور (Olivier Faure) كېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىر ئۈستەلدە سەمىمىي سۆھبەتتە بولدى.

«ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» 2019-يىلى يانۋاردا قۇرۇلغاندىن تارتىپ، پارىژ شەھەر مەركىزىدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدىغان ۋە بارلىق ئۇيغۇرلار يىغىلىپ، دىدارلىشىپ، بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان بىر ئورۇن تېپىشقا تىرىشقان. كېيىنكى يىلىدىن تارتىپ، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇيۇشمىلارغا مۇۋاپىق باھادا بىر بىنا تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 2021-يىلى 9-مارتتا، پارىژ شەھەرلىك كېڭەش ئومۇمىي ئاۋاز بىلەن بۇ تەلەپنى ماقۇللىغان. ئاخىرى 2025-يىلى بۇ بىنا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» تەرىپىدىن بېكىتىلىپ، سېنتەبىردە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توختام ئىمزالانغان. شۇندىن بېرى، بىر قانچە ئۇيغۇر ئۇستا نەچچە ئاي ھەقسىز ئىشلەپ، بىنا ئىچىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۇسلۇبتا زىننەتلەپ، قۇرۇلۇشنى ئاساسەن تاماملىدى.

20 janvier 2026. Paris. Inauguration des locaux de l’Institut Ouïghour d’Europe. «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» مەدەنىيەت سەھنىسى

بۇ مەركەزدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇسلۇبىدىكى چايخانا، ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت مەخسۇس كۇتۇپخانا، پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپى، شۇنداقلا دىئاسپورا ئەزالىرىغا قانۇنىي ۋە پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بار. پۈتۈنلەي پىدائىيلارنىڭ كۈچى بىلەن پائالىيەت قىلىۋاتقان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» بۇ بىنانى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر نەپەر ئۇيغۇر خادىمنى يېرىم كۈنلۈك خىزمەتكە قويدى.

20 janvier 2026. Paris. Inauguration des locaux de l’Institut Ouïghour d’Europe. . «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» كۆرگەزمە سەھنىسى

بىنا ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە، پەيشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ؛ يەكشەنبە كۈنى بولسا، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، پەقەت «پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپى» ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ شۇنداقلا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن پارىژغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئۆيىدەك كىرىپ ئۆتىدىغان بىر مەدەنىيەت ماكانى بارلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» ئۇيغۇر دىئاسپوراسدىن مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن: 

بىز بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ قولىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۈرلۈك تىللاردىكى كىتابلارنى ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ئىنىستىتۇتىمىزغا سوۋغا قىلىشىنى، شۇنداقلا بىنانىڭ ئىجارە ۋە باشقا چىقىملىرىنى قامداش، مەركەزنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن مالىيە جەھەتتىن ئىئانە قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

مۇھەرىرى: گۈلقىز


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading